باش بەت

Apple

107يوللانما
8مەستانە

چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %10 ئېشىپ كەتسە بەلگىلىمىگە خىلاپ بولامدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 21:30 6 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر نۇرغۇن شوپۇر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يانفوندىكى يول باشلاش سىستېمىسىنى ئېچىپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن، چۈنكى ھەر بىر توسۇلغان يول بۆلىكى ۋە سۈرئەت چەكلەش رايونلىرىدا يول باشلاش سىستېمىسى مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتىشلەرنى ئالدىن بېرىدۇ. كۆپىنچە ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋىتىپ، بەلگىلەنگەن سۈرئەت چەكلەش رايونىغا كىرگەندە دەرھال سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىپ ئۆتىدۇ، ھەر بىر بۆلەكتە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆتسەكمۇ، بەزى شوپۇرلار سۈرئەت ئاستىلىتىشنى ئۇنتۇپ قالامدۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ يەنىلا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ.

قاتناش يول بۆلەكلىرىدىكى قائىدە شۇنچىلىك قاتتىقمۇ؟

شوپۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە چەكلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەشتە بىلىشكە تېگىشلىك كۆپلىگەن ئىشلار بار ئىكەن، يوللاردىكى بەلگىلەنگەن سۈرئەتلەرنىڭ ۋە قائىدىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كىشىلەرنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشكە بولغان بىلىشىمۇ ئوخشىمايدىكەن. بۇ زادى قانداق ئەھۋال؟ بۈگۈن بىرلىكىتە بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى.

 

بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش نىسبىتى %10كە بارمىغاندا

سىز بەلكىم بەزى كونا شوپۇرلاردىن ئاڭلىغان بولىشڭىز مۇمكىن، يېڭى قاتناش قائىدىسى بويىچە سۈرئەت بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %10 ئېشىپ كەتمىگەن بولسا جازا بېرىلمەيدۇ، ئەگەر قايتا-قايتا سادىر قىلىنسا ئاغزاكى ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ دېگەندەك. ئەمەلىيەتتە بۇ نەزەرىيەنىڭ كۆچۈپ يۈرۈشىدىكى سەۋەب ئوخشىمايدىغان رايونلارنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشكە بولغان جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن، لېكىن پەرق ئۇنچە چوڭ ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق گەپلەرنى يوق دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئەگەر سىز سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلا بولسىڭىز قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىر قىسىم شەھەرلەردە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %10 ئاشۇرۇپ ھەيدىسە جازالانمايدۇ. ئەگەر سىز خېيلوڭجياڭ، شىنجاڭ ۋە باشقا بىر قىسىم ئۆلكىلەردە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلا بولسىڭىز، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشتىن ساقلىنىپ، ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.

 

بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە

گەرچە «بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %10 ئاشۇرۇپ ھەيدەش بەلگىلىمىگە خىلاپ بولامدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە تالاش-تارتىش بولسىمۇ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، %10 كىچىك دائىرە، %10 ئېشىپ كەتسە چوقۇم بەلگىلىك نومۇر تارتىلىدۇ، شۇنىڭ بىرگە جازا بارغانسېرى ئېغىرلاپ بارىدۇ. چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %10-%20 دائىرىسىدە ئېشىپ كەتسە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 3 نومۇرى تارتىلىدۇ؛ چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %20-%50 دائىرىسىدا ئېشىپ كەتسە 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلۇپ، بىراقلا 6 نومۇر تارتىلىدۇ.

چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە

بەلكىم ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇپ ھەيدەيدۇ، بۇنداق تېز سۈرئەتتە ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەردىكى ھايات قېلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە سىناپ باققانلارنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمىغان ھەم ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان. ئادەتتە چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە، 200-2000 يۈەنگىچە جەرىمانە تۆلەش، بىر قېتىمدىلا 12 نومۇرىنى تارتىش، پىراۋىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

 

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى سۈرئەت چەكلەش مەسىلىلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بەزىدە شوپۇرلار ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ياندايدۇ، لېكىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدىكى ئوخشىمىغا يۈرۈش لىنىيەلىرىنىڭ چەكلەنگەن سۈرئەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن ئوڭ تەرەپتىكى يۈرۈش لىنىيەسىنىڭ چەكلەنگەن سۈرئىتى 100km/hبولۇپ، بىز 120kmhلىك سۈرئەت بىلەن مۇشۇ يولدا ياندىساق سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن بولىمىزمۇ-يوق؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، شۇنى چۈشىنىشىڭىز  كېرەككى، سىز ياندىغاندا چوقۇم سۈرئەتنى ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدىن يۇقىرى قىلىشىڭىز كېرەك، دېمەك سىز سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش قىلمىشىنى سادىر قىلدىڭىز ھەم قائىدە بويىچە جازالىنىسىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىپ قويايلىكى، ئاغرىنىش پىسخىكىسدا ياكى باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا بولۇڭ، ئەڭ ياخشىسى سول تەرەپتىن يانداش ئاقىلانىلىكتۇر.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دىلىم2 ئاي ئىلگىرى

    133********99 تورداش،
    سۈرەت چەكلىمىسى 40 كېلومېتىر بولسا ،سىز 69 دا ھەيدىسىڭىز ھېسابلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ 10 پىرسەنىت ئاشۇرۇپ ھەيدىسىڭىز 44 كېلومېتىر بولاتتى،50 پىرسەنىت ئاشۇرۇپ ھەيدىسىڭىز 60 كېلومېتىر بولاتتى ، سىز ئاللىقاچان 70 پىرسەنىت ئاشۇرۇپ ھەيدەپسىز،

  • باھادېر2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇڭ تەرەپتن يانداش بەكلا خەتەرلىك ئكەن مەنمۇ بر قتم شۇنداق ئۇڭ تەرەپتن يانداپ تاس قالغان چۇڭ بر قاتناش ۋەقەسې چىقارغلې شۇندىن بىرې قەتئې ئۇڭ تەرەپتن ياندېمايمەن

  • كوك دېڭىز2 ئاي ئىلگىرى

    قايسىڭلار بىلىسىلەر ئەگەر ماشىنا چاۋسۇغا چۈشكەن بولسا ياكى قىزىل چىراققا دىگەندەك تەخمىنەن نەچچە كۈندىن كىيىن كومپىيوتۇرغا چىقىدۇ دىمەكچى بولغۇنۇم قاچان نەچچە كۈندىن كىيىن تەكشۈرگىلى بۇلىدۇ دىمەكچى چاۋسۇ قىزىل چىراققا چۈشكەن چۈشمىگەنلىكىنى

  • 133******992 ئاي ئىلگىرى

    مەن سۈرەت چەكلىمىسى 40 دېگەن يەردە 69 سۈرەتتە مېڭىپتىمەن.12 نومۇر تارتىپ 2000 سۇم جەرىمانە قويدى.بۇ توغرىمۇ؟مەن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا 50 پىرسەنت ئاشۇرۇپ ھەيدىسە مۇشۇنداق جەرىمانە قويۇلىدۇ ، دەپ ئاڭلىغان.

  • 133******412 ئاي ئىلگىرى

    «بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن 10%ئاشۇرۇپ ھەيدىسە جازالانمايدۇ» دەپ يېـزىلىپتۇ شۇ جازا بەرمەيدىغان يەرنى بىلۋالساق بولاتتى ، مەن تېخى ئاڭلىمغان ئۇنداق گەپنى.

  • 139******702 ئاي ئىلگىرى

    ھازىر بىر قىسىم شوپۇرلا ماشىنا يانداش، يۇلىنى، ئىگەلىۋېلىپ كەينىدىن كېلۋاتقان ماشىنلارغا يول بەرمەيدۇ،، مۇشندالانى قاتتىق جازالىنىش كېرەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号