باش بەت

zefer

628يوللانما
35مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر 10 تېز پويىزغا نەزەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 13:13 1 ئىنكاس چۈشتى

 

ئونىنچىسى، جۇڭگو تەيۋەن «THSR» تېز پويىزى. جۇڭگو تەيۋەن تېز پويىزى دەسلەپتە گېرمانىيە Siemensنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، 1998-يىلى گېرمانىيەدە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان تېز پويىز ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن تەيۋەن دەرھال يولىنى ئۆزگەرتىپ، ياپونىينىڭ يېڭى لىنىيەسىنى كىرگۈزگەن.

توققۇزىنچى، تۈركىيە تېز پويىزى. تۈركىيە 2003-يىلىدىن باشلاپ تېز پويىز قۇرۇلىشىنى باشلىغان، بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشتا 2009-يىلى قاتناش باشلانغان. ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشقا جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى شىركىتى قاتنىشىپ، 2014-يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغان، ئۇ جۇڭگو ياسىغان تۇنجى چەت ئەل تېز پويىز لىنىيەسىدۇر.

سەككىزىنچى، ئەنگلىيە تېز پويىزى. ئەنگلىيە دۇنيادىكى تۇنجى تۆمۈر يول بارلىققا كەلگەن جاي، بىراق، ئېنىقىنى ئېيتقاندا ئەنگلىيەدە تېز پويىز يوق، پەقەت فىرانسىيە «ياۋروپا يۇلتۇزى» نىڭ شىمالدىكى داۋامىلا بار خالاس، مۇساپىسى 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

يەتتىنچى، كورىيە «KTX» تېز پويىزى. كورىيە تېز پويىزى فرانسىيە TGV تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، كورىيە خىيۇنداي شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىچىدىكى 12 گۇرۇپپا فىرانسىيەدە  ياسالغان، قالغان 34 گۇرۇپپا كورېيەدە ياسالغان.

ئالتىنچى، ئىتالىيە تېز پويىزى. ئىتالىيە ياپونىيەنىڭ ئارقىدىنلا دۇنيادا ئىككىنچى بولۇپ تېز پويىز تەتقىق قىلغان دۆلەت. 1970-يىلى رىمدىن فىلورېنسىيەگە بارىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 297 كىلومېتىر، ئەڭ كىچىك ئايلانمىسىنىڭ رادىئۇسى 3000 مېتىر كېلىدۇ.

بەشىنچى، ئىسپانىيە AVE ئوق پويىزى. ئىسپانىيە تېز پويىز دۆلىتى بولۇپ، باشلىنىشتا فىرانسىيەنىڭ TGV تېخنىكىسىنى قوللانغان، ئىسپانىيە فىرانسىيەنىڭ TGV تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەن تۇنجى دۆلەت.

تۆتىنچى، گېرمانىيە ICE. گىرمانىيەمۇ تېز پويىز دۆلىتى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە پويىز سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشنىڭ سەركىسى ئىدى، ئۇلار ياراتقان 230 كىلومېتىر سائەتلىك سۈرئەتنى 1955-يىلى فىرانسىيەلىكلەر ئاندىن بۇزۇپ تاشلىغان.

ئۈچىنچى، فىرانسىيە TGV. ياپونىيەنىڭ يېڭى لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغاندا، فىرانسىيەلىكلەر ئۇنى ياراتمىغان ئىدى. ئەگەر ياپونىيە تېز پويىز دەۋرىنى ئاچتى دېيىلسە، ئۇنداقتا فىرانسىيە تېز پويىزنىڭ ھەقىقىي رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى قاتناش قورالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، تېز پويىزنى ئومۇملاشتۇردى.

ئىككىنچى، ياپونىيە يېڭى لىنىيەسى. ياپونىيە تېز پويىزنىڭ قۇرغۇچىسى، نۆۋەتتە ياپونىيە يېڭى لىنىيەسىنىڭ 6 لىنىيەسى، 2 كىچىك لىنىيەسى بار. 2015-يىلىغىچە، ياپونىيە يېڭى لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 2834.7 كىلومېتىرغا يىتىدۇ، جۇڭگودىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

بىرىنچى، جۇڭگو «ئىناقلىق» ناملىق CRH ئوق پويىزى. ياۋروپاغا نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ تېز پويىزى يېڭى كەلداخۇن، شاگىرت ھېسابلىنىدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ تېز پويىزى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، بۇ خۇددى «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ» دېگەندەك ئىش بولدى. جۇڭگونىڭ دۇنيا تېز پويىز ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈشى پەقەت ئۇنىڭ 16 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو تېز پويىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، تېز پويىزنى كەڭ ئومۇملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دۇنيانى بويسۇندۇرۇش2 ئاي ئىلگىرى

    ياپونىيەنىڭ پويىزلىرى بەك قالىتس دەپ ئويلايتىم. راستىنلا شۇنداق ئىكەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号