باش بەت

Apple

84يوللانما
7مەستانە

سامسۇڭ Note 8نىڭ «ئىچ-قارنى»غا نەزەر: پارتلاشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىندى؟

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 18:27 5 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

تۆت كۈندىن كېيىن سامسۇڭ Note 8نىڭ ئېلىمىز نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ. چەتئەلدىكى مەشھۇر يانفون چۇۋۇش ئەترىتى iFixit يەنىلا ھەممىدىن بۇرۇن بۇ يانفوننى ئېچىپ تەكشۈرۈپ دوكلاتمۇ تەييارلاپ بولغان. بۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە Galaxy Note 8 بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىچكى زاپچاسلىرىنى بۆلەكلەشتۈرۈش لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، كۆپ قىسىم زاپچاسلىرىنى چىقرىپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، رېمۇنت قىلىش خېلى قولايلىق. بۇلتۇرقى Note 7 پارتلاش ۋەقەسدىن كېيىن Note 8دىكى باتارىيەنىڭ سىغىمى 3300mAhقا تۆۋەنلىتىلگەن، گەرچە كۆپ مىقداردىكى يېلىم بىلەن باتارېيەنىڭ مىدىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا رېمۇنتلاش كۆرسەتكۈچىدە 4 نومۇرغا ئېرىشكەن، بۇ خېلى ياخشى نومۇرغا تەۋە.

Note 8نىڭ يان قىرلىرى سامسۇڭ قايتا يېڭىلاپ بازارغا سالغان Note 7نىڭكىدىن يۇمىلاق ھەم سىلىق بولۇپ، قولغا بېرىدىغان سېزىمىمۇ ناھايىتى يېقىشلىق، قوش كامېراسى كۆرۈنۈشكە تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىۋەتكەن، بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارى ئارقىسىغا يۆتكەلگەن.

Galaxy Note 8 نىڭ رېنتىگېن نۇرى رەسىمى

بۇرۇنقىدەك ئارقا قىپىنى قىزىتىپ، يېلىم يۇمشىغاندىن كېيىن تابلىتكا ياپراقچىسى بىلەن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئارقا قىپىنى ئاچقىلى بولىدۇ، بىراق ئاچقاندا بارماق ئىزى تونۇش رايونى ئاستىدىكى ئۆتكۈزگۈچ سىمىغا دىققەت قىلىش لازىم.

ئەينەك ياپقۇچ تاختا ئاستىدىكى سۇلياۋ رامكىغا سىمسىز زەرەتلەش ئورام سىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئورام سىمنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن PCB ئاساسىي تاختىسى ۋە باتارېيەنى كۆرگىلى بولىدۇ .

باتارېيەسى سامسۇڭ ئۆز زاۋۇتى SDI تەمىنلىگەن بولۇپ، ئاساسلىق پارامېتىرى بولسا 12.71Wh/3300mAh/3.85V 

قىزىل رەڭلىك رايون: كۇۋالكوم سىناپدىراگون 835 ۋە سامسۇڭ 6GB LPDDR4Xلىق ئىچكى سىغىم

ئاپلىسىن رەڭلىك رايون: سامسۇڭ 64GB UFS2.1لىق ساقلاش سىغىمى

سېرىق رەڭلىك رايون:  كۇۋالكوم ئاۋاز چاستوتىلىق كود يېشىش ئۆزىكى

يېشىل رەڭلىك رايون: skyworks توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش بۆلىكى

كۆك رەڭلىك رايون: Avago توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئۆزىكى

قېنىق كۆك رەڭلىك رايون: Wacom بېسىش سېزىمى ئۆزىكى.

قېنىق قىزىل رەڭلىك رايون: كۇۋالكوم ئاۋاز چاستوتىلىق كود يېشىش ئۆزىكى

ئاپلىسىن رەڭلىك رايون: Avago توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئۆزىكى

سېرىق رەڭلىك رايون: skyworks توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش بۆلىكى

كۆك رەڭلىك رايون: Murata WIFI ئۆزىكى.

iFixitنىڭ ئېيتىشىچە، ئېكراننى ئايرىش سەل قىيىن بولۇپ، ئەگەر سەللا بىخەستەلىك قىلسا ئېكران چىقىلىپ كېتىدىكەن، چۈنكى Amoled ناھايىتى نېپىز بولۇپ، چۇۋغاندا ئاسانلا سۇنۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

چۇۋۇپ رېمۇنت قىلىش خېلى قولايلىق.

بارلىق ئىچكى ئەزالىرى ناھايىتى جايى-جايىدا زىچ ئورۇنلاش تۇرۇلغان.

يېقىندا iFixit رېمۇنت كۆرسەتكۈچىگە 4 نومۇر بەرگەن بولۇپ، بۇ نومۇر ئۆتكەنكى يىلىدىكى Galaxy Note 7 بېرىلگەن نومۇر بىلەن ئوخشاش بولغان، بۆلەكلەشتۈرۈلگەن ئىچكى زاپچاسلىرىدىنلا ئالماشتۇرۇش ھەم رېمۇنت قىلىشنىڭ ئاسانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ئۆلچەملىك كرېست رېزبا ئىشلىتىلگەن؛ باتارېيەنى گەرچە چۇۋۇشقا بولدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشلەتكەن يېلىمدىن باتارېيەنى ئايرىشقا خىلى كۆپ زېھىن كېتىدۇ؛ رېمۇنت قىلماقچى بولغاندا چوقۇم ئارقا قىپىنى قىزىتىپ، يېلىم يۇمشىغاندىن كېيىن تابلىتكا ياپراچىسى بىلەن ئارقا قىپىنى ئاچقىلى بولىدۇ؛ Amoledلىق ئېكرانلار بەك نازۇك بولغاچ، چۇۋۇپ رېمۇنت قىلىشتا ئوخشاشلا بەك قول تۇتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېخانىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىدەك كىچىك زاۋۇتتا ياسالمايدۇ بۇ سامسۇڭ

  • ئوسال ئاشىق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ ئالدىنقى خەۋەردە ئىنىق دىگەن ئەمەسمۇ 835دەپ

  • 185******561 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭغۇ خەۋەرلەرگە ئانچىمۇ ئىشتىھايىم يوق ئەمما ئىچ ئىچىمدىن ياڭراۋاتقان بىر سادا بار
    بۈگۈن دەۋىتەي ھە :
    ئىنكاسلار دۇنياسى سۈرخان بىلەن گۈزەل،
    شۇنچە سەرخىل ئىنكاسلارنىڭ ئاپرىدە بۇلىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ -سۈرخان

  • دېل1 ھەپتە ئىلگىرى

    نوت7 دەك پارىتلاپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ ؟

  • ئۈنسىز يىغا ئەلىجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھاي بۇ قاندىغا كۇۋالكۇم سىناپدىراگون 358دەپ ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمە، ياكى 835نى ئالماشتۇرۇپ يىزىپ قۇيدىڭىزمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号