باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

يوشۇرۇن كېسەلنى ئىپادىلەيدىغان يەتتە خىل رەڭگىروي

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 17:56 1 ئىنكاس چۈشتى

ئىچكى ئەزالارنىڭ ياخشى يامانلىقى چىرايىدا ئىپادىلىنىدۇ، چىرايىنى كۆزىتىپ تۇرسا، تەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى، سىرىنى بىلگىلى بولىدۇ.

قۇلاق قىزىرىش:

قۇلاق بۆرەكنىڭ ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدۇ، قۇلاق سۇپرىسى قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭدە كۆرۈلسە، قان ئايلىنىشنىڭ ناچارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھاراقنى ئاز ئىچىپ، يۇمشاق، تاتلىق يېمەكلىكنى ئاز يەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش كېرەك.

كۆز ئەتراپى قارىداپ، چىرايى تۇتۇلۇش:

ئەتىگەندە تۇرغاندا چىراي شۇنداق بولسا، بۆرەكنىڭ يۈكى بەك ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، تۇز ۋە شېكەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، شېكەر سېلىنمايدىغان يېمەكلىككە شېكەر سالماسلىق، كاشتان بىلەن پىشۇرۇلغان ئۆردەك گۆشى، يېسىۋېلەك قاتارلىقلارنى يېيىش، گۆشنى قىزىل، ئاق تۇرۇپلار بىلەن شورپا قىلىپ ئىچىش كېرەك.

پېشانە قورۇقى ئۇشتۇمتۇت كۆپىيىش:

بۇنداق ئەھۋال جىگەرنىڭ يۈكىنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھايۋانات يېغىنى ئاز يەپ، پالەك، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، بېلىق بېقىش، سۇيۇق سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

بۇرۇن قىزىرىش:

بۇرۇننىڭ ئۇچى يۈرەك ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇرۇننىڭ ئۇچى قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭدە بولسا، قان بېسىم يۇقىرىلاپ قالغان ياكى تۇز ۋە ئىسپىرت بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۈستۈنكى كالپۇك ئىششىش:

ئۇنىڭ ئاشقازان يىگىلەشتىن بولۇش ئېھتىمالغا يېقىن بەرەڭگە، تاتلىق بەرەڭگە، كاشتان، نېلۇپەر قاتارلىق ئاشقازاننى ئىللىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. تېرە بەك يىرىك بولسا بامبۇك نوتىسى، دېڭىز ئادەمگىياھى، ئورۇق گۆش شورپىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

تېرە بەك ئاپئاق بولۇش:

بۇ بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. چىلان، يەر ياڭىقىنى ئىلمان سۇغا چىلىغاندىن كېيىن پەس ئوتتا پىشۇرۇپ، ھەسەل قوشۇپ قويۇقلاشقۇچە قاينىتىپ دائىم ئىچسە مەڭزى قىپقىزىل بولىدۇ.

مەڭز قوڭۇر قىزىل رەڭدە بولۇش:

مەڭزىنىڭ قىزىرىشى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالامىتى، تاماكا چېكىشنى ئازايتىش ياكى تاشلاش، قان بېسىمىنى دائىم ئۆلچىتىش كېرەك.


باش سۈرەت تاللاش x
  • دۇنيانى بويسۇندۇرۇش2 ئاي ئىلگىرى

    نېمىدېگەن ياخشى چۈشەندۈرگەن رەھمەت..

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号