باش بەت

ئوغلان0996

2955يوللانما
13مەستانە

مىس بۇيۇملىرى ۋە سالامەتلىك

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 17:36 0 ئىنكاس چۈشتى

قۇربانجان ئوبۇل

ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان مىس تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مىس بىلەن سىنكنىڭ قېتىشمىسىدىن ئىبارەت. ئەگەر مىس بۇيۇم تەركىبىدە سىنىكنىڭ مىقدارى%18-%20 بولسا مىس بۇيۇمنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولىدۇ، سىنىك مىقدارى %20-%30بولسا قوڭۇر رەڭ سېرىق رەڭدە بولىدۇ، %20-%42بولسا سۇس سېرىق رەڭدە، %42-%45بولسا ئالتۇن رەڭگىدە، %50-%60بولسا سارغۇچ ئاق رەڭدە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مىس تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسىمۇ بار، ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ماددىلارنى تارقىتىش، قاتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، كۆرۈ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، سۇنغان سۆڭەكنى تۇتاشتۇرۇش تەسىرى بار بولۇپ، يۆتەل،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، زىققا، چاچ چۈشۈش، سۇلۇق ئىششىق، سۆڭەك سۇنۇش جاراھەت،مۇدۇر چاقا، كىرپىك تۆكۈلۈش، رەئىس ئەزالىرى ئاجىزلىقى، ئۆپكە سىلى، راك، ياغ ماددىسى يۇقىرىلاش، قان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بەدەن ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ، ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، ئادەم كۈنىگە ئىككى مىللىگرام مىس قوبۇل قىلسا، ئاندىن بەدەننىڭ مىس ماددىسىغا بولغان ئېھتىياجنى قامدايدىكەن، لېكىن، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ غىزاسىدا مىس ماددىسى كەمچىل بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مىقدارى تەخمىنەن 0.8 مىللىگراملا كېلىدىكەن، بالاغەتكە يەتكەنلەرگە كۈنىگە ئىككى مىللىگرام مىس ماددىسى كېتىدىكەن. شۇڭا ئوزۇقشۇناسلار مىس ماددىسىنى تولۇقلاشتا، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، ئارپا قاتارلىقلارغا ئوخشاش، تەركىبىدە مىس ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنە ئاڭلىق ھالدا مىس قازان، مىس، چۆمۈچ، مىس قوشۇق، مىس چەينەك، مىس پىچاق، مىس چوكا، مىس چۆگۈن، مىس بىلەيزۈك  قاتارلىقلارغا ئوخشاش ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن، چۈنكى بەدەننىڭ مىس ماددىسىغا بولغان ئېھتىياجلىق مىقدارى بىلەن مىس ماددىدىن زەھەرلىنىش مىقدارى خېلىلا يېقىن بولغاچقا، بەدەنگە ئەمەس ماددىسىنى بىۋاسىتە تولۇقلىماي تۇرمۇشتا مىستىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش ئارقىلىق تولۇقلاش ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئۈنۈملۈك مىس ماددىسىنى تولۇقلاش ئۇسۇلى ئىكەن، بۇنىڭدىن مىس بۇيۇملىرىنى كۆپ ئىشلىتىش بەدەنگە مىس ماددىسى تولۇقلاشتىكى مۇھىم بىخەتەر يول ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان مىس بۇيۇملاردىن مىس قازان ، مىس، چۆمۈچ، مىس قوشۇق، مىس چەينەك، مىس پىچاق، مىس چوكا، مىس چۆگۈن قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ خىل بويۇملىرىدىن پايدىلىنىپ تاماق ئېتىش، چاي قاينىتىش، تاماق ئىستېمال قىلىش، يېمەكلىك توغراش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغاندا ، مىس ماددىسى يېمەك ئىچمەك تەركىبىگە ئۆتۈپ ، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەر ۋە بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا تارقىلىدۇ. بىر قىسمى مىس ئاقسىلى شەكلىدە جىگەردە زاپاس ساقلانغاندىن باشقا، قالغان قىسمى جىگەردە ھەر خىل ئاقسىللارنى ۋە ئېنزىملارنى بىرىكتۈرۈپ، قان ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قان تومۇر ۋە تېرىنىڭ نورمال قۇرۇلمىسىنى قوغداش، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، چاچنىڭ نورمال رەڭگى ۋە تۈزۈلۈشىنى ساقلاش، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى بىر قىسىم يۇقىرى ئوكسىدلىق مەنپى ئىئوندىن زەھەرلىنىشتىن ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ، بۇ ئارقىلىق مىس كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، چاچ ئاقىرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق، جىگەر قېتىشىش، بۆرەك زەئىپلىشىش، روھى كەيپىياتى نورمالسىزلىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش توختاپ قېلىش، تارتىشىپ قېلىش، بوغۇم ياللۇغى، رېماتىزم قىزىتمىسى، سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئۆتكۈر  ئاق قان كېسەللىكى، قالقانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مىس تەركىبىدە سىنىك ماددىسىمۇ بولغاچقا، مىس بۇيۇملارنى كۆپ ئىشلەتكەندە، مىس ماددىسى تولۇقلىنىش بىلەن بىرگە سىنك ماددىسى تولۇقلىنىپ، سىنىك كەملىكتىن بولغان ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە تەم سېزىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، جاراھەتنىڭ ساقىيىشى كېچىكىش، ئاسان يۇقۇملىنىش، تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ. تۆمۈر ماددىسىمۇ بولغاچقا، تۆمۈر ماددىسىمۇ تولۇقلىنىپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، بىئارام بولۇش، كۆز تورلىشىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، يۈرەك ئېغىش، نەپەس سىقىلىش، پاڭ بولۇپ قېلىش، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، نېرۋا ئاجىزلىقى، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارنى يوقاتقىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، مىس ماددىسى كەمچىل بولۇش تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش يۈرەك كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەب ئىكەن، يەنى مىسنىڭ بەدەندە مېتال ئوكسىدلىق بىرىكمىنى ھاسىل بولۇشىغا قاتنىشىدىغانلىقى بولۇپ ، بۇ فېرمېنتلار يۈرەك قان تومۇرنىڭ سىتروما كوللاگېننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە ئېلاستىكىلىق ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كوللاگېن يۈرەك قان تومۇرنىڭ مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنى باشلامچىلىق بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تالا تەركىبى ھېسابلىنىدىكەن، ئېلاستىكىلىق ئاقسىل، يۈرەك ۋە قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم رولغا ئىگە ئىكەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، مىس ماددىسى كەم بولسا، بۇ خىل فېرمېنتنىڭ بىرىكىشىمۇ ئازىيىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئەۋج ئېلىپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا مىس ماددىسىنى تولۇقلاش ئارقىلىق تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش يۈرەك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مىستىن ياسالغان بىلەيزۈك، ئۈزۈك ، ھالقا قاتارلىقلارنى تاقىغاندا چوڭ كىچىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، تەتقىق قىلىنىشىچە، مىستىن ياسالغان بىلەيزۈك، ئۈزۈك، ھالقا قاتارلىقلارنى تاقىۋالغاندا، بۇ خىل بويۇملىرى تېرە بىلەن تىگىشىپ تۇرغاچقا، تەركىبىدىكى مىس ئىونى ئاۋۋال تەردە ئېرىپ، ئاندىن جىگەردىن مىس ئاقسىل شەكلىدە قىسمەن ياللۇغلانغان بوغۇملارغا ۋە باشقا ياللۇغلانغان ئەزالارغا بېرىپ ، ئۆزىگە خاس ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدىكەن، ھەمدە يېڭىدىن ئانتېتىلا ھاسىل قىلىپ، قىسمەن توقۇلمىلارنى ئاسرايدىكەن ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ياللۇغى ئوچۇقىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، شۇڭا مىستىن ياسىغان بۇيۇملارنى تاقىۋالغاندا، مىس ماددىسىنى تولۇقلاش ئارقىلىق بوغۇم ياللۇغى ۋە باشقا ئەزالىرى ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مىس قازان، مىس چۆمۈچ ، مىس قوشۇق، مىس چەينەك، مىس پىچاق، مىس چۆگۈن قاتارلىق بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ تاماق تەييارلاپ ئىستېمال قىلغاندا، مىسنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا، بۇ خىل ئىسسىقلىق تاماققا سىڭىپ ئىستېمال قىلغان تاماق ئارقىلىق رېماتىزم، ئەزالار بوشىشىپ كېتىش، بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كېتىش، پۇت قول ئىسسىماسلىق، كېكەشلىك، ئېغىزدىن شال ئېقىش، ئۇيقۇ كۆپ بولۇش، بەل ئاغرىش، سوغۇق تەرلەش قاتارلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ، راكقا قارشى تۇرۇش، جاراھەت پۈتتۈرۈش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، جىگەر راكى، ئۆپكە راكى، جاراھەت كېسەللىكى، سۆڭەك سۇنۇقى كېچىكىپ تۇتۇش، جاراھەت ۋاقتىدا پۈتمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

قىسقىسى، مىس بۇيۇملارنى ئىشلىتىش ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپ، بۇ خىل بويۇملار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بەدەندە يۈز بېرىدىغان ۋە يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل بويۇملار پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ نەپىس شەكىلدە ياسىلىپ، بازارلىشىپ، بىر قىسمى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئۆيلەرگە تىزىلسا، يەنە بىر قىسىمى تۇرمۇش بۇيۇمى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشكە نائىل بولماقتا.

ئاپتور شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号