باش بەت

del103

3766يوللانما
9مەستانە

تۇنجى iPhone ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ iPhoneنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 20:00 40 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:00دە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق يېڭى ئەۋلاد iPhoneنى ئېلان قىلىدۇ. باشقا ئۆزگىرىش بولمىسا، iPhone 7s، iPhone 7s Plus ۋە iPhone 8 قاتارلىقلار مۇشۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. دۇنياغا كەلگەن 10 يىلدىن بۇيان iPhone كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.

 

سىز قانچىنچى ئەۋلاد iPhoneنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟ تۆۋەندە ھەممەيلەن بىرلىكتە iPhoneنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ كۆرەيلى.

تۇنجى ئەۋلاد iPhone

تۇنجى ئەۋلاد ئايفون 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنغان، ئەمما بۇ يانفون شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن رەسمىي بازارغا سېلىنغان.iPhone مەيدانغا چىققاندىن كىيىن پۈتكۈل يانفون كەسپىنى ئۆزگەرتىۋەتتى: 3.5 دىيۇملۇق پۈتۈن سېزىمچان ئېكران، مېتال قاپ ۋە  iPhone OS سىستېمىسى ھەقىقىي بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقانىدى.

iPhone 3G

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالما شىركىتى 2-ئەۋلاد يانفونى iPhone 3Gنى ئېلان قىلدى. ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغاندەك، iPhone 3G يانفونى 3G دەۋرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بازارغا سېلىنغان تۇنجى ئالما يانفونى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالما شىركىتى ۋە پۈتكۈل ئەقلىيفون كەسپىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن App Storeمۇ iPhone 3G بىلەن تەڭ دۇنياغا كۆز ئاچتى.

iPhone 3GS

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئالما شىركىتى iPhone 3GSنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يەنى مۇشۇ يىلدىن باشلاپ، ئالما شىركىتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم iPhone نىڭ سىرتقى لايىھەسىنى چوڭ جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى، دېمەك، iPhone 3GS نىڭ سىرتقى شەكلى iPhone 3G بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ.

بۇ بىر ئەۋلاد iPhone دىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش سىستېما نەشىرىنىڭ iPhone OS 3.0گە يېڭىلانغانلىقىدا ئىپادىلەندى، بۇندىن باشقا، كامېرا ئېنىقلىقى ئۈچ مىليون پىكسېلغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

iPhone 4

مەيلى ئالما شىركىتى ياكى يانفون كەسپى ۋە ياكى ئالما ئابۇنتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بولسۇن، iPhone 4 ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. قوش ئەينەك يۈزلۈك سىرتقى قاپ، داتلاشماس پولاتتىن ئىشلەنگەن ئوتتۇرا رامكا ۋە نەپىس لايىھە...بۇلار زور بىر تۈركۈم «ئالما مەستانىلىرى»نى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ «تۇنجى ئالما يانفونى»غا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈنگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، iPhone 4نى ناھايىتى قالتىس بىر يانفون دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، 3.5 دىيۇملۇق Retina ئېكرانى، A4 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە iOS4 سىستېمىسى بۇ يانفوننى مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى.


iPhone 4S

ئەگەر iPhone 4 ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا ئالما شىركىتىنى تونۇتتى دېسەك، ئۇنداقتا 2010-يىلى 6-ئاينىڭ-7-كۈنى ئېلان قىلىنغان iPhone 4S بۇ ئەپسانىۋى يانفوننى يەنىمۇ بىر قەدەم مۇكەممەللىككە ئېرىشتۈرۈپ ئابۇنتلارنىڭ قولىغا سۇندى.

iPhone 4S ھەقىقەتەن بىر مۇكەممەل يانفون ئىدى. ئۇ iPhone 4دىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالما شىركىتى ئۇنىڭ كامېرا ئېنىقلىقىنى سەككىز مىليون پىكسېلغا يەتكۈزگەن، Siri ۋە iCloud قاتارلىقلار قوشۇلغان iOS5 سىستېمىسىمۇ iPhone 4S گە ئەگىشىپ مەيدانغا چىققان.


iPhone 5

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، iPhone 5 رەسمىي ئېلان قىلىنىپ جوبىس ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن چوڭ ئېكران تۇنجى قېتىم iPhone دىن ئورۇن ئالدى، گەرچە بۈگۈنكى كۈندە iPhone 5 نىڭ ئېكرانىنى چوڭ دېيىشكە مۇناسىپ بولمىسىمۇ، ئەمما iPhone 5 ئالمىنىڭ 3.5 دىيۇملۇق ئېكران دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئالمىنىڭ تۇنجى 4G يانفونى ھېسابلىنىدۇ، Lightning ئۇلىنىش سىمىمۇ مۇشۇ يىلى بازارغا سېلىندى.

iPhone 5s/5c

ھەممەيلەن ئالما شىركىتىنىڭ Tic-Toc ئەندىزىسىگە كۆنۈپ، «ئالما شىركىتى يىلدا پەقەت بىر نۇسخا يېڭى يانفون ئېلان قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا، يەنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئالما شىركىتى iPhone 5Cنى ئېلان قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئالما ئابۇنتلىرىنى ھەيران قالدۇردى. بۇ تۆۋەن سەپلىمىلىك iPhone (ئەرزان باھالىق iPhone دېسەكمۇ بولىدۇ)غا سۇلياۋ قاپ ئىشلىتىلگەن شۇنداقلا ھەر خىل رەڭلىك ئۇسلۇب قوللىنىلىپ ياش ئىستېمالچىلارنى نىشانلىغان. iPhone 5s يەنە 32 بىتلىق چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغان، يىل ئاتلاپ يېڭىچە رەڭلىك ئۇسلۇب چىقىرىشمۇ مۇشۇ يانفوندىن باشلانغان.

iPhone 6/6 Plus

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالما شىركىتى يەنە بىر قېتىم بىزگە ئىككى خىل يېڭى نۇسخا iPhoneنى سۇندى. ئەمما بۇ قېتىم «iPhone» بىلەن ئاخىرلاشقان ئەرزان نۇسخىسىنى چىقارماي، «Plus» بىلەن ئاخىرلاشقان چوڭ ئېكرانلىق نۇسخىسىنى مەيدانغا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىلى تارقىتىلغان iOS 8 ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى قوللايدىغان تۇنجى ئالما سىستېمىسى بولۇپ قالدى.

iPhone 6s/6s Plus

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاشلا، iPhone 6s يۈرۈشلۈكىدىكى يېڭى ئالما يانفونلىرىنىڭ سىرتقى لايىھەسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، بىردىنبىر ئۆزگەرگىنى 6s Plus نۇسخىسىغا يېڭىدىن قىزغۇچ ئالتۇنرەڭ (ئەتىرگۈل ئالتۇنرەڭ) قوشۇلدى.

ئىقتىدار جەھەتتىكى يېڭىلىنىش ئانچە چوڭ بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما iPhone 6sدىن باشلاپ ئالما يانفونلىرى 3D Touch ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى، شۇنداقلا ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ئاخىرى 2GBقا يەتكۈزۈلدى.

iPhone 7

قىسمەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى، iPhone 7 يۈرۈشلۈكىدە iPhoneنىڭ سىرتقى لايىھەسىدە يەنىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. گەرچە بۇ قېتىم ئالما شىركىتى قوش كامېرانى ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭىلىق ئاز بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالما شىركىتىدىن نارازى بولدى.

iPhone 8

مەھسۇلات لايىھەسىدە يېڭىلىق كەمچىل بولغاچقا، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى بەك تېز ئاشمىدى، شۇڭا iPhone 8 ئالما شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بىر ئەۋلاد يانفونغا ئايلىنىپ قالدى.

ياخشى يېرى، نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، iPhone 8نىڭ سىرتقى لايىھەسى ۋە ئىقتىدارىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، iPhone 8گە تۇنجى بولۇپ AMOLED تىپلىق پۈتۈن يۈزلۈك ئېكران سەپلىنىپ، ئۆزگىچە لايىھەلىنىدىكەن، AR (كۈچەيتىلگەن رېئاللىق) ئىقتىدارى قوشۇلىدىكەن. دېمەك، ئېلان قىلىنىش ئالدىدىكى iPhone 8 ھەقىقەتەن تەقەززا بولۇشقا ئەرزىگۈدەك بىر يانفون.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كورلام شىرزات1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىر ئالما 4 تە ئۆيدە مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ياڭاق چاقىدىغانغا قويۇپ قۇييىمىز بەك قالتىس ھىچنىم بولمايدىكەن ...بەك ئەزقاتتى

  • xu emesmu2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما 6 بەك پەيزى جىما ........
    ئىشلىتىپ - ئىشلىتىپ ئاخىرى ئايدى مىما چۈپ قېلىپ بىراقلا خىش بوپ كەتتى...

  • YusupJan Z2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىنڭ نەرى ياخشى

  • ئېزىتقۇ تۇمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما يانفونىنىڭ ئىسللىكىگە كۆز يۇمغىلى بوممايدۇ،مەن4sبىلەن ئالما 6 ئىشلىتىپ باقتىم.ھازىر ئوپپو ئىشلىتىۋاتىمەن،2800كويغا ئالغان تىلفۇن بىر يىل بوممايلا قېتىۋېلىپ بىزار قىلغىلى تۇردى،ھەرخىل ماركىلىق تىلفۇن ئىشلىتىپ باققانلار قايسىنىڭ ياخشى تىلفۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ،

  • شوخسەنەم 8862 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما ئىككىنجى ئەۋلاتتىن باشلاپ.بەزى تورداشلار قىسقارتىلپلا ئالما 2دىسەمزە قۇسۇر تاپقىلى ئاران تۇرۇپتىدە ئوبزورچىلار
    ئەقىل بولمىسا بىكادە

  • akax2 ھەپتە ئىلگىرى

    يۇلتۇزى دىگەن ماڭقا ئەجەپ گەپ قىپتۇ تايىنى يوق دىمەك چىدە

  • ساراڭ 2 ھەپتە ئىلگىرى

    قىنى سۇرخان دىگەن ساراڭ چىقماپتىيا نۇرداشلا

  • Talhat2 ھەپتە ئىلگىرى

    تالاشمايلى تورداشلار! چىرايلىق پىكىرلىشىپ ئۆتسەك بولمامدۇ دەيمەن نىمە گەپ ئۇ ئەخلەت بۇ ئەخلەت دەپ تۇتقان تېلفۇن ئۆزىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا شۇ ئەڭ مۇۋاپىق ھاجەتتىن زىيادىسى ئىسراپچىلىق

  • مېخانىك2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىچىلار پو ئاتسىلا چاندۇرۇپ قويىدۇ

  • مېھمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    قولىمىزدىن قانچىلىك ئىش كىلىدۇ دىمەي ئۇ نوچى بۇ پوچى دەپ باھا بەرگۈچە بىرەرتال چىش كوچىلىغۇچ ياساپبىقىپ ئاندىن باشقىلاغا باھا بىرىڭلا
    ھەممىسى ياخشى ھەممىسى ئىلغاردۇر
    قولۇڭلادىكىنى ماختىۋالماڭلا تاز تاغىقىىنى داڭلايدۇ دەپتىكەن ياكى سىلە تازمىدىڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号