باش بەت

رۇشەن

2512يوللانما
12مەستانە

چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئىشلەتكەن لوندون ساقچىلىرى بىر كۈندە 35 ئادەمنى خاتا تۇتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 22:59 2 ئىنكاس چۈشتى

Cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى سۈنئىي ئىدراكنىڭ پىشىپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىلىۋاتقان دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، بىراق چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىنى ھەقىقىي مەنىدىكى پىشىپ يېتىلىش دېيىشكە بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى.

ئەنگلىيەدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئامانلىقىنى قوغداشنى سىناق قىلدى، لېكىن ئۇلارنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى شۇكى، ئۇلار بىر كۈندىلا 35 ئادەمنى خاتا تۇتۇپ قالدى.

8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، لوندون چوڭ شەھەر رايونى ساقچى مەھكىمىسىنىڭ توردىكى رېئال ۋاقىتلىق ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش سېستىمىسى نىقابلانغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى بىلەن لوندون كوچىلىرىدا كىشىلەر توپىنى نازارەت قىلىش ھەمدە كىشىلەر توپى ئىچىگە ئارىلىشىپ كىرىۋالغان تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئادەملەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. ئەمما 2-كۈنى ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى، ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش سېستىمىسى تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان بىر كىشىنىڭ ھەتتا جىنسىمۇ خاتا بولۇپ قالدى. ھالبۇكى 1-كۈنى تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، 35 قېتىملىق خاتالىق كۆرۈلدى، بەختكە يارىشا، خىزمەتچى خادىملار بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەمنىڭ ئۇچۇرىدا ئېغىر خاتالىق ساقلانغانلىقى بايقىۋالدى ھەمدە بىۋاسىتە قولغا ئالمىدى.

لېكىن مەسىلە يالغۇز بۇلارلا ئەمەس، بۇ سىستېما ئادەمنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىدى. ساقچىلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ بىر جىنايەتچىنى توغرا تۇتقاندىن كېيىن بۇ «جىنايەتچى»نىڭ دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇرەسسەلەشكەندىن كېيىن جىنايىتى بىكار بولۇپ قۇتۇلغانلىقىنى، لېكىن سىستېمىنىڭ ئۇنى يەنىلا تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭدىن بۇ بىر يۈرۈش سستېمىدا مەسىلە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىملىق سىناق يەنە چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن سۈنئىي ئىدراكنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ ئاشكارا كۆرسىتىپ بەردى.

چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي ئىدراكنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى كەلگۈسى تەرەققىيات چوڭ ئېقىملىرىنىڭ بىرى، لېكىن بۇلار ئەمەلىي قوللىنىلىشتىن بۇرۇن يەنە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ياخشى تېخنىكىنىڭ يامان تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇرەھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى ،ماشىنا ئادەمنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغان زامان كەلگەن ئوخشايدۇ .

  • ئابلەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماۋۇ قېتىم نوپۇس يۆتكىگەن ۋاقتىمىزدا، سۈرەت سېلىشتۇرغان.ماڭا ئوخشايدىغان ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇھەيران قالدىم.…بىر ۋاراق پۈتۈنلەي ماڭا ئوخشايدىغان ئادەملەرنىڭ سۈرىتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号