باش بەت

del103

3896يوللانما
18مەستانە

دۇنياغا داڭلىق 10 چوڭ ئاپتوموبىل شەھىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 21:40 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا دېترويىت شەھىرى

دېترويىت (Detroit) ئامېرىكىدىكى 5-چوڭ شەھەر، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل شەھىرى. مىچىگان ئىشتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان دېترويىت دەريا ساھىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل سانائىتى مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ «دۇنيا ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ پايتەختى» دېگەن نامى بار. 1914-يىلى ھىنرى فورد ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئىشقا كىرگۈزگەندىن بۇيان، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ دۇنيا ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. ھەممىباب، فورد، كرايسلېر قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ باش ئىشتابى دەل مۇشۇ جايدا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ %27نى تەشكىل قىلىدۇ.

دېترويىت دەرياسى قايناق شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دەريا ساھىلىدا 72 قەۋەتلىك بىر بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ بىنا «قايتىدىن گۈللىنىش مەركىزى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاپتوموبىل شەھىرى دېترويىتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى. ئامېرىكىنىڭ 1/4 قىسىم ئاپتوموبىلى مۇشۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، پۈتۈن شەھەردىكى تۆت مىليون 420 مىڭ نوپۇس ئىچىدە %91 ئادەم ئاپتوموبىل سانائىتىگە ئائىت كەسپلەردە خىزمەت قىلىدۇ. ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى شەھەر سانائىتىنىڭ يادرولۇق تارمىقى، بۇ يەردە ئاپتوموبىل سانائىتىگە ئالاقىدار پولات-تۆمۈر، پىرىبور، سۇلياۋ، ئەينەك ۋە بالون، شۇنداقلا ماتور قاتارلىق زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كەسىپلىشىش، مەركەزلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.

پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دېترويىت شەھىرى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي تۈردە ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. دېترويىتنىڭ غايەت زور قەرزى بار بولۇپ، 18 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز ۋە نەچچە مىليارد دوللار قىسقا مۇددەتلىك قەرزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېترويىتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياپونىيە تويوتا شەھىرى

بۇ شەھەرنىڭ ئەسلى ئىسمى ئائىچى ناھىيەسى (Aichi-ken)، تويوتا شىركىتى مۇشۇ يەردە قۇرۇلغانلىقتىن نامى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان، «شەرقتىكى دېترويىت» دېگەن نامى بار. ئائىچى ناھىيەسىنىڭ مەركىزىدىكى دەريا ساھىلى رايونىنىڭ كۆلىمى 5150 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى ئالتە مىليون 955 مىڭغا يېتىدۇ، يېرىمىدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى تويوتا شىركىتىنىڭ خادىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تويوتا شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن، 20 ياشقا كىرگەن تويوتا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە بىردىن تويوتا ئاپتوموبىلى سەپلەپ بېرىلىدۇ. ناگويا تويوتا شەھىرىنىڭ ئېكىسپورت پورتى بولۇپ، بۇ يەردە 50 مىڭ ئاپتوموبىلنى سىغدۇرالايدىغان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تويوتا شىركىتىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان پورتى بار. تويوتا شىركىتىنىڭ قارمىقىدا 10 ئاپتوموبىل زاۋۇتى بار بولۇپ، نەچچە ئون تۈر بويىچە يېنىك ۋە ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇ يەنە 1240 زاۋۇت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 130 مىڭ دوللار بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

تويوتا شەھىرىدە نەگىلا قارىسىڭىز «تويوتا» دېگەن ماركىنى قوللانغان بىنالارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، تويوتا خاتىرە سارىيى، تويوتا خاتىرە دوختۇرخانىسى، تويوتا تەنھەرىكەت مەركىزى دېگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى تويوتا شىركىتى خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن سېلىپ بەرگەن پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى بولۇپ، پۈتۈن ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن.

گېرمانىيە شتۇتگارت شەھىرى

شتۇتگارت (Stuttgart) گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شتۇتگارت دېگەن بۇ جاي نامى گېرمانىيە تىلىدىكى «Stute Garter» دېگەن ئىككى سۆزدىن كەلگەن، قەدىمدە بۇ يەر خان جەمەتىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئات بېقىش مەيدانى ئىدى. شتۇتگارت شەھىرىنىڭ كۆلىمى 207 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 600 مىڭغا يېتىدۇ. شتۇتگارت ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ۋە سودىگەرلەر، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر بولۇپ 140 مىڭدەك ئادەمنى كۈتۈۋالىدۇ، نامى پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان «بېنىز» (Mercedes-Benz) ۋە «پورسچى» (Porsche) ئاپتوموبىللىرى دەل مۇشۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى بىنىز بىلەن پورسچىنىڭ باش ئىشتابى مۇشۇ شەھەردە. بېنىز ئاپتوموبىلچىلىقى شتۇتگارتنىڭ ئاساسلىق سانائىتى ھېسابلىنىدۇ، شتۇتگارتتا ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك بېنىز ماركىلىق ئاپتوموبىل بار. بېنىز، پورسچې مۇزىيى ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەنلەر چوقۇم قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى.

ئىتالىيە تۇرىن شەھىرى

تۇرىن (Torino،Turin) ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى فىيات (Fabbrica Italiana Automobili Torino قىسقارتىلىپF.I.A.T. دېيىلىدۇ) شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى جايلاشقان شەھەر، بۇ يەر ئىتالىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، پۈتۈن شەھەردە بىر مىليون 200 مىڭ نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە 300 نەچچە مىڭ ئادەم ئاپتوموبىل سانائىتىگە ئالاقىدار ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ، ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاپتوموبىل سانى ئىتالىيەنىڭ ئومۇمىي ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %75نى تەشكىل قىلىدۇ. 1899-يىلى فىيات شىركىتى تۇرىن شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، ئىتالىيەدىكى تۇنجى ئاپتوموبىل شىركىتىگە ئايلانغان، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ دۇنيادا 7-ئورۇندا، ياۋروپادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتوموبىل كارخانىسىغا ئايلاندى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىككى مىليون دانىدىن ئاشىدۇ. فىيات ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تېخنىكىسى ئىلغار، لايىھەسى كۆركەم، ئىقتىدارلىرى تولۇق بولۇشتىن ئىبارەت. بۇندىن باشقا، فىياتنىڭ يەنە ھەممىباب بىلەن ئوخشايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ ئاپتوموبىل سانائىتىگە ئالاقىدار نۇرغۇنلىغان كەسپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خىيىم-خەتەر نۇرغۇن تارماق كەسپلەرگە تەڭ چېچىۋېتىلگەن، شۇنداق بولغاچقا ئاپتوموبىل بازىرى كاساتلاشقان دەۋىرلەردىمۇ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان.

گېرمانىيە ۋولفسبۇرگ شەھىرى

ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) ئاپتوموبىل شىركىتى جايلاشقان ۋولفسبۇرگ (Wolfsburg) شەھىرىنىڭ يەنە «بۆرە قورغانى» دېگەن نامى بار، بۇ شەھەر گېرمانىيەنىڭ تۆۋەن ساكسون (Lower Saxony) ئىشتاتىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 310 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 130 مىڭ نوپۇسى بار. ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى—ۋولكسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابى دەل مۇشۇ يەردە. ۋولكسۋاگېن گۇرۇھى 1934-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشۇپ كەلگەن، 1938-يىلى بۇ شەھەر گېرمانىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زامانىۋىيلاشقان ئاپتوموبىل شەھىرىگە ئايلانغان ھەمدە بارا-بارا گېرمانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سانائەت مۇھىم شەھىرى ۋە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر «بۆرە قورغانى» شەھىرىدە %40 ئادەم ۋولكسۋاگېن شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.

ياپونىيە توكيو شەھىرى

توكيو ياپونىيەنىڭ پايتەختى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن نىسسان (Nissan)، خوندا (Honda)، مىتسۇبىشى (Mitsubishi)، ئىسۇزۇ (Isuzu) شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ باش ئىشتابى مۇشۇ شەھەردە. توكيودا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ. نىسسان شىركىتىنىڭ توكيودىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانىلا 130 مىڭغا يېتىدۇ، بۇ شىركەت ھەر يىلى ئۈچ مىليون 200 مىڭ دانە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدۇ. خوندا شىركىتىنىڭ توكيودىكى خىزمەتچى سانى 110 مىڭ ئەتراپىدا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۈچ مىليونغا يېتىدۇ.

ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئاپتوموبىل شەھىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، توكيو نوقۇل ھالدا ئاپتوموبىل سانائىتىگىلا تايىنىدىغان شەھەر ئەمەس، بۇ شەھەردە خىلمۇ-خىل باشقا تۈردىكى تايانچ كەسپلەر تەڭ تەرەققىي قىلغان. بەلكىم سىز توكيو دېگەن شەھەرنى ئاڭلىغاندا ئاپتوموبىل شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزگە ئالماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئاپتوموبىل تىلغا ئېلىنغاندا توكيونى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ شەھەر ياپونىيە ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ جەۋھىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

فىرانسىيە پارىژ

پارىژ دۇنياغا داڭلىق رومانتىك، مودا ۋە ھەشەم بۇيۇملىرى شەھىرى بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە باش ئىشتابى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىركىتى پىگوت-شتروئېن شىركىتى (PSA Peugeot Citroen) بىلەن داڭلىق. پىگوت شىركىتى 1890-يىلى قۇرۇلغان. 1976-يىلى پىگوت شىركىتى فىرانسىيەدىكى تارىخى ئۇزۇن يەنە بىر ئاپتوموبىل شىركىتى شتروئېننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس، مېخانىك پىششىقلاپ ئىشلەش، تىرانسپورت، پۇل-مۇئامىلە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى قوشۇمچە قىلغان دۆلەت ھالقىغان سانائەت گۇرۇھىغا ئايلانغان. پىگوت ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ باش ئىشتابى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە، خىزمەتچى سانى 110 مىڭ ئەتراپىدا، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىككى مىليون 200 مىڭغا يېتىدۇ.

ئەنگىلىيە بىرمىڭھام شەھىرى

لېيلاند (Leyland) ئاپتوموبىل شىركىتى جايلاشقان شەھەر، ئەنگىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاراباما ۋىلايىتىگە جايلاشقان، لوندوندىن قالسىلا ئەنگىلىيە بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ شەھەر. بۇ شەھەرنىڭ كۆلىمى 256 كۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 265 مىڭغا يېتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىرمىڭھام شەھىرى ئەنگىلىيەنىڭ ئاپتوموبىل شەھىرىگە ئايلانغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بۇ يەردە تارماق شىركەت قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1/5ىنى ئىگىلەپ، «دۇنيا ئاپتوموبىل سېخى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن.

گېرمانىيە رۇسسېلخىم شەھىرى

رۇسسېلخىم (Rüsselsheim) بولسا ئامېرىكا ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ تارماق شىركىتى جايلاشقان شەھەر. ئوپېل (OPEL) ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى مۇشۇ جايدا، ئوپېل بولسا ھەممىبابنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تارماق شىركىتى. ئوپېل ئاپتوموبىل شىركىتىدە 59 مىڭ خىزمەتچى بار، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. 2000-يىلى ئوپېل شىركىتى 1.5 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سېلىپ ئەسلىدىكى زاۋۇت ئورنىغا يېڭىدىن زاۋۇت قۇرۇشنى باشلىدى، پەقەت ئىككى يىل سەرپ قىلغاندىن كىيىن، يېڭى زاۋۇت 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىر بۇ زاۋۇتتا 18300 نەپەر ئىشچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى 4500 نەپەر، ئېچىش لايىھەلەش خادىمى 7000دىن ئاشىدۇ، قالغانلىرى باشقۇرغۇچىلار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندە 1100 دانە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدۇ. بىر دانە ئاپتوموبىلنىڭ پۈتۈن چىقىشىغا پەقەت 15 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. خيۇنداي (HYUNDAI) بىلەن كىيا (KIA)نىڭ ياۋروپادىكى تەتقىقات مەركىزىمۇ مۇشۇ شەھەردە.

فىرانسىيە بوۋلوگنې-بىللانكورت شەھىرى

بوۋلوگنې-بىللانكورت (Boulogne-Billancourt) شەھىرى رېنائۇلت (Renault) ئاپتوموبىل شىركىتى جايلاشقان شەھەر. بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى 103 مىڭغا يېتىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رېنائۇلت شىركىتى گېرمانىيە فاشسىتلىرى ئۈچۈن قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئوق-دورىلارنى ئىشلەپچىقىراتتى، 1944-يىلى 9-ئايدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ قۇرغۇچىسى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، 1945-يىلى دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكەن. 1970-يىلىدىن باشلاپ بۇ شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ شىركەت پېيىنى سېتىۋېلىشغا رۇخسەت قىلغان، بىراق ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %25تىن ئېشىپ كەتمەسلىك بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن كىيىن شىركەت ئۇچقاندەك تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان، شۇنداقلا بارا-بارا تىجارىتىنى كۆپ خىللاشتۇرغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Tئۈمۈت2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىڭدا كورىيەنىڭ سىئول يوققۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号