باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8857يوللانما
434مەستانە

دىلرابا ياڭ مىنى خىزمەتتە ئۇستازىغا، تۇرمۇشتا ئاچىسىغا ئوخشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 09:46 9 ئىنكاس چۈشتى

دىلرابا ياڭ مىنى خىزمەتتە ئۇستازىغا، تۇرمۇشتا ئاچىسىغا ئوخشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

«ئۈچ ئالەملىك سۆيگۈ چېچىكى» (三生三世) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن «لى جى رىۋايىتى» (秦时丽人)غىچە دىلرابانىڭ ئورۇنداش ماھارىتىدە كۆپلىگەن ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل بولغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئىلگىرىلىشى بولسا «ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئويلىغانلىرىنى دادىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، رېژىسسور بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان» بولۇشىدۇر.

2017-يىلدا ئەگەر سەنئەت ھاياتىدا شىددەت بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلغان يېڭى كۈچنى تاللاش توغرا كەلسە، ئۇنداقتا، دىلرابادىن باشقىسى بىكار.

دىلرابا «كاراتلىق مۇھەببەت» (克拉恋人) ناملىق شەھەر مۇھەببەت تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن تاماشىبنلارغا تونۇلغان، كېيىن ئىلھامبەخش تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەن لى خۇيجېن» ھەمدە فانتازىيەلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئۈچ ئالەملىك سۆيگۈ چېچىكى» بىلەن شىددەت بىلەن نام قازىنىپ، ئارقىدىن «يۈگرە، بۇرادەر» ناملىق ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىغا قاتنىشىپ، ئالقىشلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى. 2017-يىلى دىلراباغا نىسبەتەن مول-ھوسۇللۇق بىر يىل بولۇپ، ئۇمۇ بۇ يىللىق نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن رازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دىلرابا، جاڭ بىڭبىڭ باش رول ئالغان «لى جى رىۋايىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھازىر قىزغىن قويىلىۋاتىدۇ. دىلرابا ئالدىنقى مەزگىلدىكى تەييارلىق باسقۇچىدا، ئەسەرنىڭ تارىخىي دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ھەمدە ئەسلى ئەسەرنى چۈشىنىشتىن باشقا يەنە، رېژىسسور، سىنارېستلار بىلەن كۆپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبراز ياراتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىنارېيەدىكى شەخسكە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ توغرا بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئوبرازغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىكەن.

ئايال باش پېرسوناژلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىنى ھازىرقى ئېكراندىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان تىپ دېيىشكە بولىدۇ. «لى جى رىۋايىتى» دەل مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ بىرى. ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە كۆپ خىل ئەر پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. قوغدىنىش، ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش ئاستىدا، ئايال باش پېرسوناژنىڭ لايىھەسىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش داۋامىدا تەشەبببۇسكارلىق بىلەن بەدەل تۆلەش ئويۇنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە مۇھەببەت ئىشىنىمۇ مۇرەككەپ ئورۇنلاشتۇرغان. دىلرابامۇ بۇنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىر سىناق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، دىلرابا ئايال باش پېرسوناژ گۇڭ سۈنلى بىلەن خەن شېن جىن كې، يىڭ جىڭ قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھېسسىيات باغلىنىشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خەن شېن بىلەن بولغان ھېسسىياتى ھەقىقىي ئاكا-سىڭىللارنىڭكىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، جىن كې بولسا ھەربىر ئادەمنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى بولغاندەك، ھەم گۈزەل ھەم ئاچچىق ئەسلىمىسى بولغانغا ئوخشايدىكەن. پەقەت يىڭ جىڭ بولسىلا، ئادەم چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئۇچراتقان ئاشۇ كىشىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ كىشى سىزگە دەل مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگىتىدىكەن.

«ئۈچ ئالەملىك سۆيگۈ چېچىكى»دىكى جيۇئېردىن «لى جى رىۋايىتى»دىكى لىئېرغىچە، دىلرابامۇ ئۆزىنىڭ ئورۇنداش ماھارىتىدە خېلى كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. كەسپىي بىلىملەرنى تولۇقلاپ ئۆگىنىشتىن باشقا، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەڭ چوڭ ئىلگىرىلەش بولسا، «كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپ، ئۆزىنىڭ قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش، رېژىسسور بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش» ئىكەن.

شۇڭا بىراقلا نام قازىنىش ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىقتىن ئەمەس. دىلرابانىڭ 2017-يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتنى غوجايىنى ياڭ مىنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دىلرابا، گاۋ ۋېيگۇاڭ، جاڭ يۈنلوڭ قاتارلىقلارنى باشلاپ، ژۇرنال مۇقاۋا سۈرەتلىرىگە چۈشۈشتىن ئۇلارنى ئۆزى باش رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىدا قاتناشتۇرۇشىغىچە، يەنە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس كېلىدىغان كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەتكۈزگەنگە قەدەر، ياڭ مىنىڭ بارلىق مەبلىغىنى بايرىقى ئاستىدىكى ئارتسلارغا سەرپ قىلىپ، ئۇلارغا ئۇل تېشى سېلىپ بېرىشىدىن، قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. دىلرابا ياڭ مىنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قاتارىدا كۆرىدىغان بولۇپ: «خىزمەتتە ياڭ مى ئۇستازىم قاتارىدا ماڭا كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ، تۇرمۇشتا بولسا، ئۇ مېنىڭ ئاچامغا ئوخشاش، نۇرغۇنلىغان مەسلىھەتلەرنى كۆرسىتىپ، ماڭا ھەمراھ بولىدۇ»، دېدى.

يىلنىڭ بېشىدا سۈرەتكە ئالغان «لى جى رىۋايىتى»دىن كېيىن، «يۈگرە، بۇرادەر»گە قاتنىشىشى، ئاندىن يەنە «解忧杂货铺» بىلەن «مىڭبىر كېچە»گە قاتناشقانغا قەدەر، دىلرابا بۇ 2017-يىلنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدى. سېنتەبىر ئېيىدىمۇ تۈرلۈك ئېلانلارغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئۇ: «كىچىكىمدىن باشلاپلا، مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەرنى ياخشى كۆرەتتىم، بىراق مەن ئارتىس بولۇشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان. شۇ ۋاقىتلاردا تېلېۋىزىيەدىكى ئارتىسلارنى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈشلەردە ئۇلارنىڭ بۇ يىل بايرامدا ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالسامكەن دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىسام ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بىراق ھازىر ئۆزۈم بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئىككى-ئۈچ كۈنلۈك ئارامنىڭ بىر ھەشەمەتلىك ئارزۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مەن يەنىلا ئالدىراش ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىمەن، بىراق ئاراممۇ بولسىكەن، دەيمەن» دېدى.

بۇ بۇ سۆزنى دەۋاتقاندا، خىزمەتچىلەرگە قاراپ كۆزىنى قىسقان بولۇپ، بەئەينى ئەركىلەپ تۇرۇپ، كەمپۈت ئېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان قىزچاقلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. قارىغاندا، ئۇمۇ ئازدىن-كۆپتۇر دەم ئېلىشنى ئىستەۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى تاماشا چەمبىرىكىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت باشلىنىش خالاس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 我想你1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى ئويلاپسىز جىنىم دىلرابا مەنمۇ شۇنداق قىلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلغانتىم سىزنى سۆيىمەن مەلىكەم توي قىلايلى ۋاقىتنى ئوتكۇزمەي قانداج جججىنم

  • ھاشىم گەدەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    دىلراباقىز مەن سزگە ئاشىق . ئەمدى تەلپىمنى قۇبۇل قىممسڭىز تۇشقان دەرياسىغا سەكرەپ ئۈلىۋالمەن .

  • نۇرگۇل2 ھەپتە ئىلگىرى

    دىلرابا ھەقىقەتەن بەخىتلىككەن ئاشۇنداق تۇرمۇشتا ھەم خىزمەتتە ھەمدەمدە بۇلدغان ياڭمىدەك بىر ئىشەنچىلىك يول باشچىسنىڭ بۇلشى بىر قىزغا نىسپەتەن ئېتىپ تۇگەتكۇسىز بىر خوشاللىق ئىش يۇقىرىقى دىلرابانىڭ سۇزدىن مەنمۇ ياڭمېغا بولغان ھۇرمۇتۇم ھەسىلەپ ئاشتى ئۇلارغا سالامەتىلىك،ئۇتۇق-ئامەت،بەخىت تىلەيمەن

  • ئەفسۇس2 ھەپتە ئىلگىرى

    خىزمەتمۇ مۇھىم دەم ئېلىشمۇ مۇھىم

  • ئۈمۈد2 ھەپتە ئىلگىرى

    ياڭمى دىلراباغا رەھمەت ئىيتسا بولىدۇ بۇقىز ئالي مەكتەپنىڭ بىرنجى يىللقدا ئانارخاننى ئىشلەپ مەركىزى تىلۋىيە قانىلىنىڭ ئالتۇن ھەپتىلىكىدە قويۇلغان

  • گۈلۈم2 ھەپتە ئىلگىرى

    دىلرابا ئاچا تېخىمۇ تىرىشىڭ مەن سىزگە بەك ئامراق

  • ھەسىنوف2 ھەپتە ئىلگىرى

    گەپنىڭ قىسقىسى مۇشۇ دىلرابا ياڭمى غا بەك بەك رەھمەت ئېيتسا توغرا بولدۇ جۇمۇ ... دىلرابا تېخى ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ياڭمى مەكتىپىگە زىيارەتكە بارغاندا دىلراباغا كۆزى چۈشۈپ شۇ چاغدىلا توختام تۈزۈلگەن ئىكەن ، ئىشقىلىپ دىلراباغا نىسبەتەن ياڭمى بىر چىقىش يولى ھازىرلاپ بەرگەن دىسەكمۇ بولدۇ ...قالغىنى تىرىشچانلىقى ، ئىشلىرى ئاسان بولسۇن

  • ئۇز سۇلتان2 ھەپتە ئىلگىرى

    دىلرابا كۆڭلىدە كىرى يوق كەسپىنى ھۆرمەت قىلىدىغان تىرىشچان كەمتەر شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشتى ئاچامنىڭ يەسلىدىكى ئۈچ ياشلىق قىزىمۇ تېلىۋىزوردا دىلرابانى كۆرسە ئەينا دىلرابا ياكى لىخۇيجىن دەپبۇلىدۇ ئىچكىردە تەرەققى قىلغان چولپانلاردىن جۈملىدىن بىزنىڭ خوتەندە دىلرابادەك قارشى ئېلىنغان ھەم تۇنۇلغانلارنى مەن بىلمەيمەن ئانام ئىلگىرى مەلىكە خۇۋەنجۇ قۇيۇلغاندا مەكتەپتە جاۋۋييدەك ياسىنىش ئۇنى دوراش مودائىدى ئۇنىڭ كىنولىرنىمۇ ھەممىمىز ئىزدەپ كۆرەتتۇق باشقا چولپانلارنى بىلمەيتتۇق ھازىر دىلرابا شۇچاغدىكىدىنمۇ داڭلىق بوپتۇ دەيدۇ

  • شەرۋانەم2 ھەپتە ئىلگىرى

    لىنجى رىۋايىتى دە ياخشى رول ئاپتۇ،ھەم گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپتۇ، خەنزۇچە بولسىمۇ كۆرىۋاتىمەن، تېخىمۇ تىرىشىڭ دىلرەبا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号