باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

ھىندىستاندا يېڭىدىن تۇغۇلغان بىر بوۋاقنىڭ 7 چىشى بارلىقى بايقالدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 12:00 14 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 9-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستاندا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق يۇقۇملىنىپ قالغانلىقتىن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە 10 كۈن تۇرغۇزۇلدى. 10 كۈندىن كېيىن ئانىسى ئۇنى ئەمدۈرمەكچى بولغاندا ھەيران قالارلىق ھالدا بوۋىقىغا 7 تال چىش چىقىپ بولغانلىقىنى بايقىدى. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى چۆچۈگەن ھالدا: «بوۋىقىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمىز» دېيىشتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كەنتىدىكىلەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چىشى بولۇشىنى بىر خىل شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ.

دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ چىشلىرىنىڭ مىدىراپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بوۋاقنىڭ چىشىنى يۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەممىسىنى تارتىۋېتىشنى قارار قىلدى.

دوختۇرلار: «بىز چىشى بار ھالەتتە تۇغۇلغان بالىلارنى كۆپ كۆرگەن. بىراق، 7 تال چىشى بار تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇنجى ئۇچرىتىشىمىز» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نامسىز2 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ نەۋرە ھەدەمنىڭ قىزىنىڭمۇ تۇغۇلغاندا بىر چىشى بار ئىدى

  • ئىسىم تاپاممىدىم2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ،،، بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرىۋالغىلى بولدۇ ، ھەممە ناھەقچىلىق بىلىمسىزلەر كۆپ جايدا باكەن : نېمىدىگەن خۇراپىي ،

  • خۇمارىم2 ھەپتە ئىلگىرى

    بىچارە بالىنى قىيناپ چىشىنى تاتقۇزۇپ تاشلامۇ ئەمدى

  • مىھمان بىز2 ھەپتە ئىلگىرى

    يىڭى تۇغۇلدى دىدىغۇ خەلقارا ئاخباراتچىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار ئاندا مومىيا تەتقىق قىلدىغا فىرافىسۇردەك بىرمە يازدىكەنسىلەر توۋا

  • شوپۇر2 ھەپتە ئىلگىرى

    تۇغۇلغانغا خېلى ئۇزۇن بولغان بۇۋاقكەن بۇ

  • گۇمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ ئىككى چىشىم با تۇغۇلۇپتىكەنمەن، شۇ كۈنىلا يۇلىۋېتىپتىكەن ئەمما

  • 155******492 ھەپتە ئىلگىرى

    ساختا ئىكەن.نەدىمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چىشى بولسۇن؟

  • سۇبات84942 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەممە ئىشنى شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپلا باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلسا قانداق بۇلىدۇ ئەجەبا بۇ دۆلەتتە قانۇن يوقمۇ، مەن نۇر تورى ئەپ دىتالىنى چۈشۈرگەندىن بۇيان بىر قېتىممۇ ھېندىستان توغۇرلۇق ياخشى گەپ ئاڭلاپ باقمىدىم باسقۇنچىلىق، بىر بىرىگە زىيانكەشلىك قىلدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دۆلتتە يۈز بېردىكەن .ھىندىستان دېگەن گەپنى ئاڭلىساملا تىنىم شۈركىنىپ كېتىدىغان بۇلۇپ قالدى
    ئەمدى بۇ بىچارە بالا باشقلار تەرىپدىن زىيانكەشلىككە
    ئۇچىراپ قالمىسلا بۇلاتتىغۇ ئىشقلىپ

  • شەھەرلىك2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئارقىدىكى تېلىفۇندا سۆزلەشكەن ئايالنىڭ ئاچچىقى كەلگەندەك تۇردۇ

  • تەدبىركار2 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ بۇ نارسىدىگە زىيانكەشلىك قىپ قويمىسىلا بولاتتىغۇ…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号