باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

گېرمانىيە پولشانىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى زىيىنىغا ئەمدى تۆلەم بەرمەيدۇ

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 12:00 4 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زېبات مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ناتسىستلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى پۈتۈنلەي بوينىغا ئالىدۇ، بىز 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پولشاغا خېلى كۆپ تۆلەم بەرگەن ھەمدە پولشا ھۆكۈمىتىمۇ 1953-يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تۆلەم تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، چۈنكى بۇ مەسىلە قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ بولغان.»

2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەخمىنەن 6 مىليون پولشالىق، 3 مىليون يەھۇدىي ناتسىتلارنىڭ قولىدا جان بەرگەن. 

ئوڭچىل پارتىيە بىلەن ئادالەت پارتىيەسىدىن تەشكىللەنگەن پولشا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە تۆلەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلارنىڭ بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەبى پولشا ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن تۆلەم پۇلىدىن ۋاز كەچكەنىكەن. 

پولشا زۇڭلىسى شىدۋو 7-سېنتەبىر پولشادىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «پولشانىڭ تۆلەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بار، پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. پولشا ھۆكۈمىتى سىياسىي قارار چىقارغاندىن كېيىن ئۇرۇش تۆلىمى مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېگەن. 

پولشانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىراشچېك يېقىندا مۇنداق دېگەن: «پولشا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇچرىغان ماددىي زىيان 1 تىرىليون دوللارغا يېتىدۇ.» پولشانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، زىيان بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىنكەن. 

يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى پولشا بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پولشا ھۆكۈمىتىدىن ئەدلىيە ئىسلاھاتى قىلىشنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپى باركەن. 

ئالدىنقى ئايدىكى ئەل رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پولشادىكى %24 كىشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشنى قوللايدىكەن، %51 كىشى قارشى تۇرىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئازات-A Z A T2 ئاي ئىلگىرى

    دۆلىتىمىز ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش تۆلىمىنى كەچۈرۋەتكەن ،
    مەرتلىك بىلەن

  • گۈزەل ماكان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنى خەلىقئارالىق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ باقسا بۇلامدۇ قانداق، ئەگەر گىرمانيە پولشاغا تۈلەم بەرسە ياپۇنيەمۇ بىزنىڭ جۇڭگۇغا تۆلەم بىرشى كىرەكمىكى دەيمە،

  • قارغاي4 ئاي ئىلگىرى

    ھىلىمۇ گىرمانىيە نۇرغۇن تۆلەمنى ئۈستىگە ئالدى،پولشائىقتىزادى ناچار بولغاشقا نومۇس قىلماي ئۇششۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ

  • Justin Bieber4 ئاي ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە ئۇدىگەن بۇرۇنقى ئىشلار تۇرسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号