باش بەت

ئىدىقۇت887

6424يوللانما
9مەستانە

7 ياشلىق ئوغۇل بالىغا باسقۇنچىلىق قىلىشى ئەمەلگە ئاشمىغان ھىندىستانلىق ئەر بالىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 15:50 28 ئىنكاس چۈشتى

ھىندىستان ساقچىلىرى 9-سېنتەبىر جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق يەتكۈزۈش قىلمىشى ئەمەلگە ئاشمىغان قاتىللىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئېيتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى مەلۇم خەلقئارالىق مەكتەپنىڭ ئاپتوبۇس خادىمى 7 ياشلىق ئوغۇل بالىغا جىنسىي تاجاۋۇز قىلماقچى بولغاندا بالىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن رەزىل قىلمىشىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ ئوغۇل بالىنىڭ كانىيىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن نەچچە يۈز ئاتا-ئانا مەكتەپكە كېلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن، بەزى ئاتا-ئانىلار غەزىپىنى باسالماي مەكتەپتىكى نەرسىلەرنى ئۇرۇپ-چاققان. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلىدىن بۇيان ھىندىستاندا يۈز بەرگەن بالىلارغا جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق قىلىش دېلوسى 10 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچە دېلولارنى بالىلارغا تونۇشلۇق كىشىلەر سادىر قىلغانىكەن.

بۇ دېلو ھىندىستاننىڭ گۇرگان شەھىرى (Gurgaon) دىكى رۇيئەن خەلقئارا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ بالىنىڭ مەكتەپ ھاجەتخانىسى سىرتىدا قان ئىچىدە ياتقانلىقىنى، ئەينى چاغدا جان تالىشىپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئوغۇل بالا جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىنىڭ ئاچىسىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ئەتىگەندە، بالىلارنىڭ دادىسى ئاچا-ئىنى ئىككىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ ئەمدى ئۆيىگە بېرىپ تۇرۇشىغا ساقچى تەرەپنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان.

دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپلەنگەن نەچچە يۈز ئاتا-ئانا مەكتەپكە كېلىپ مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئۇرۇپ چاققان. ئاتا-ئانىلار مەكتەپ تەرەپنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىدىن نارازى بولۇپ، ساقچى تەرەپتىن مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرىنى خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇقام يۇرتى1 كۈن ئىلگىرى

    ماۋۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەلئۇن ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىشنى قىلىپ كىشىلىك ئەخلاققا يات ،قانۇنغا خىلاپ ئىشنى قىپتۇ ،بۇ ئەبلەخنى تىلغا كۆمىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق ،شۇڭا قانۇن ئۆزى جازالىسۇن .
    لېكىن بۇ يەردە ئاۋۇ جىنايەتچى سەۋەپلىك ھىندىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شاھرۇلخاندەك كىشىلەرنى تىللاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ،بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ،ھەممە ئادەمنىڭ قىلغىنى ئۆزگە .

  • ئەبەي1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز ئىنساننىڭ نەپسى ئەقلىگە خوجايىن بولغاندا ئۇزۇن قۇلاقمۇ قىلمايدىغان ئشنى قىلدىغان گەپ ھەي نەپسى

  • مېخانىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوزەڭنى بىلى ئوزگىنى قوي

  • 130******701 ھەپتە ئىلگىرى

    بەكلا تايىنى يوق.گەپلەرنى قىلىدىكەنسىلەر ، بالىلار
    ئىشىڭلار يوقمۇ سىلەرنىڭ قىلىدىغانغا؟تالىشىپ كېتىپ تىكەنسىلەر تېخى تىللاپ سۆكۈپ، گەپلىرىڭلارنى ئوقۇپ كۈلگۈم دېگەن كېلىپ

  • ماياك،،2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى كارغا كەلمەس بىر لاتىكەن

  • ئاپشاركا2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭدىن كېيىن بۇلارنى ھايۋانىستان دەپ ئاتاپ يېزىڭلار، مەڭگۈ مۇشۇ ئىسىمغا لايىق بۇ يۈندىلەر.

  • دون2 ھەپتە ئىلگىرى

    hakikat ھەر بىر ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ بۇ يەگە شاھرۇھ نىڭ گىپىنى تاتىپ ئەكىلىپ نىمە قىلىسە شاھرۇھ ساڭا بىرە قىتىم قاتتىقراق ئازار بەگەنمۇ ؟ شاھرۇھ قۇ ھىندىستاندا مەستانىلەرنىمۇ چىشلەپ تاتىپسە مەستانىلەر قاتتىقراق ئىچىشتۇرۇپ ئاغىرتىۋەتكەن بولساق كەچۈر ھە بۇدا دىھقەت قىلىپ سىلىق ئىلىپ بارىلى ..ئازاربەمىگە بولغىيتى ساڭا

  • ئاردا2 ھەپتە ئىلگىرى

    جاھاندا ئەڭ بىخەتەر يەر دۆلىتىمىزدۇر

  • جاڭگاللىق2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇخەخ نىرۋىستىن كەتكەن چىغى ھەىى

  • SABA2602 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستان دىگەن نامنى ئۆزگەرتىپ باسقۇنچى دەپ ئاتسا بولغۇدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号