باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

كانادادىكى بېنگال تاغ مۈشۈكىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 16:11 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۇكى كانادادىن كەلگەن بېنگال تاغ مۈشۈكى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەشەمەتلىك تۈك بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى خېلى كۈچلۈك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى بار. ئېگىز تاغ چوققىلىرى، كەڭرى كەتكەن يايلاق شۇنداقلا سۈپسۈزۈك دەريا سۈيىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئىزى قالغان. بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن كىشى ئىختيارسىز مەن مۇشۇ مۈشۈكچىلىكمۇ ياشيالماپتىمەن دەپ قالارمىش.

«مياڭ، مياڭ، ماڭا قاراڭلار، بۇ تۇرۇش قىياپىتىم بەكلا لاتاپەتلىك شۇنداقمۇ؟»

«مەن بىر مۈشۈك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەم ئورۇقمۇ ئەمەس ھەم سېمىزمۇ ئەمەس. سىلەر بىلمەيسىلەر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قاتتىق ھەۋەس قىلىشىدۇ».

«غوجايىن، نەق گەپكە كەلسەك، مېنىڭ يۈزۈمدىكى ھەسەن-ھۈسەن نېمە دەيدۇ؟»

«مەن كېلىشكەنمۇ ياكى ئارقامدىكى مەنزىرىمۇ؟»

«ئاڭلىسام، تۆتقۇلاقنى تاپالىغان كىشى تەلەيلىك بولىدىكەن، قانداق، مەن بىلەن بىللە ئىزدەپ باقاملا؟»

«دادام ماڭا بېنگال تاغ مۈشۈكى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن چوقۇم قەددىڭنى تىك تۇتۇپ، ئاخسا ياشىشىڭ كېرەك، دېگەن».

«غوجايىن، مېنى بىرسى ئېلىپ قېچىپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟»

«مەن دەپ قوياي، بۇ قىزىل چاچلىقنى ئەسلا تونىمايمەن».

«ئەسلى بىر سەكرەپ ئۆتەي دېگەنتىم، لېكىن ھاياتىمنى قەدىرلەي».

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئومەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    بېن گاللېق لا جاپاتاتپ نامرات مۇشۇك لېرې پچەت ياشاپتۇ

  • قەيسەر راخمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىر مەلۇم بىر تېممىنى قايسى تەھرىر يوللىغىنىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ، تېممىنى ئۇقۇساملا «ئۇيقۇت» يوللىغىنىنى بېلىۋالىدىغان بۇلۇپ كەتتىم.بىر خىل قىزىقارلىق ، يۇمۇرىستىك قىلىپ تەھرىرلەيدۇ بۇ «ئۇيقۇت».

  • س گ1 ھەپتە ئىلگىرى

    سەندىن بەكرەك ئاۋۇ ئىگەڭ ياردى ماڭا تاغ مۈشۈكى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号