باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

نېمىشقا ستارباكستا توغرىسىغا ماكدونالدتا ئۇزۇنسىغا ئۆچرەتتە تۇرىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 17:27 1 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئىقتىساد تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

پاراللېل توغرىسىغا ئۆچرەت تۇرغاندا خېرىدارلار بىر بىرىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ، سىتارباكىسنىڭ بۇنداق قىلىشىدا خېرىدارلارنىڭ چارچىغان زېھنىنى ئارام ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا راھەت، ياخشى مۇھىت ئاتا قىلىپ، ئىشخانا ۋە ئائىلىدىن باشقا ئۈچىنچى بىر ئارام ئېلىش ئورنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. پاراللېل توغرىسىغا ئۆچرەت تۇرغاندا، خېرىدارلار بىر بىرىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ، قىسقىغىنا بىر قانچە مىنۇتتا يېقىنچىلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئۆزئارا تەشۋىشلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

لېكىن، ئۇزۇنىسىغا ئۆچرەت تۇرغاندا خېرىدارلار بىر بىرىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزئارا خۇدۈكسىرەيدۇ. سىتارباكىسنىڭ دۇكانلىرى كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېرىدىغان رەڭلەر بىلەن بېزىلىدۇ، بۇ خىل رەڭ ئۇسلۇبى ئۇلارنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولۇشى مۇمكىن. دۇكاننىڭ قۇرۇلمىلىرىمۇ توغرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىگە ئارامبەخش تۇيغۇ بېرىدۇ. 

توغرىسىغا ئۆچرەت تۇرۇشنىڭ تۆت خىل ئارتۇقچىلىقى

1.خىزمەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن

سىتارباكىسنىڭ خىزمەتچىلىرى مەشغۇلات قىلىدىغان پوكەي توغرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاقما لىنىيە، شۇڭا پوكەينىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەشغۇلاتلارمۇ توغرا يۆنىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. تاماق بۇيرۇتىدىغان خادىملارمۇ پوكەينىڭ ئوتتۇرىسىدا قەھۋە دەملەيدۇ، بىر قىسىم تېتىتقۇلارنى ئېلىپ بىر تەرەپكە سۈرۈلىدۇ. زاۋۇتنىڭكىگە ئوخشايدىغان بۇ خىل تەرتىپتە بىر ئادەمنىڭ تاماق بۇيرۇتۇش، قەھۋە دەملەش ۋە قەھۋەنى مېھمانخانا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئۈچ ئىشنى ئايرىم-ئايرىم بوشلۇقتا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، سۈرئەتمۇ ناھايىتى تېز. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى كىشىلەرنىڭ قىستىلىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى، شۇنداقلار ئارقىدا قالغانلارنىڭ تاماق بۇيرۇتالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم كۆپ چاغدا، توغرىسىغا ئۆچرەت تۇرسا تاماقنى ئالدىن بۇيرۇتقىلى بولىدۇ. 

2.خۇدۈكسىرەش تۇيغۇسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ

خېرىدار پوكەينىڭ ئالدىدا تۇرغاندا تامدىكى باھا جەدۋىلىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ئالدىدىكى خېرىدارنىڭ توسۇۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. تاماق تاللىغاچ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ (ياكى پوكەينىڭ ئىچىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىراش ئىشلىگىنىگە قاراپ ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ تۇيماي قالىدۇ)، خېرىدارلارنىڭ ئۆچرەت تۇرۇشتىكى بىئارامچىلىقىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، خېرىدارلار ئۆچرەت ساقلىغۇچە تىت-تىت بولۇپ كېتىدۇ ھەم ئالدىدىكى ئادەمگە قاراپ ئىچى پۇشۇپ قالىدۇ. 

3.مۇراسىم تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش

توغرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پوكەي بىر كۆرگەزمە سۇپىسىغا ئوخشايدۇ، قەھۋەچىنىڭ پۈتۈن مەشغۇلاتىنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ. قەھۋەنىڭ دەملىنىش جەريانىنى كۆرۈپ تۇرۇش، ئادەمگە مۇراسىمىدا تۇرۇۋاتقاندەك تەسىرات بېرىدۇ. ئۆچرەتتە تۇرغان خېرىدارلاردا مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ: «بىر ئىستاكان قەھۋەنى دەملەش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن، ھەقىقەتەن مۇشۇ باھاسىغا ئەرزىگۈدەك». 

4. قىستىلىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

خىزمەتچىلەرنىڭ مەشغۇلات پۇكىيى توغرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاقما لىنىيە بولغاچقا، خېرىدارلار پوكەينىڭ سول تەرىپىدە ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئوڭ تەرەپتىن قەھۋە ئالىدۇ، ئۆچرەتمۇ بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ ھەم قىستاڭچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

ئۇنداقتا، ماك دونالد نېمىشقا ئادەمنى قىيناپ ئۇزۇنىسىغا ئۆچرەت تۇرغۇزىدۇ؟ 

ماك دونالد تېز تاماق كەسپىنىڭ ئاساسچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ ئاۋات ھەم تېز كەيپىيات پەيدا قىلىشقا كۈچىگەن. ئۇزۇنىسىغا ئۆچرەت تۇرسا ئارقىدىكى كىشى ئالدىدىكى ئادەمنىڭ پەقەت دۈمبىسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، يۈزىنى كۆرەلمەيدۇ، مانا ساقلاش+تېز غىزالىنىشنىڭ ئۇسۇلى، بۇ خىلدىكى ئۆچرەت شەكلى ماك دونالدنىڭ خاسلىقىغا تولىمۇ باب كەلگەن. 

ئۇزۇنىسىغا ئۆچرەت تۇرۇشنىڭ ئۈچ خىل ئارتۇقچىلىقى

1.خېرىدارلارنى تېزراق قارار چىقىرىشقا ئەسكەرتىدۇ

ماك دونالد ھەر كۈنى دۇكاننىڭ ئىشىكىگە شۇ كۈندىكى تەۋسىيەلىك تاماقلارنىڭ تىزىملىكىنى چاپلاپ قويىدۇ ھەمدە ئاساسلىق تەۋسىيەلىك تاماقلارنىڭ تىزىملىكىنى دۇكاننىڭ ئىچىگە چاپلاپ قويىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇلدا خېرىدارلارنى پوكەينىڭ ئالدىدا ئۆچرەت ساقلىغاچ نېمە تاماق يېيىش توغرىسىدا تېزراق قارار چىقىرىشقا ئالدىرىتىدۇ. ئاشخانا ئاممىۋى بوشلۇق بوشلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىدىكى خېرىدارنىڭ تاماق بۇيرۇتۇشتا ئىككىلىنىشى چوقۇمكى كەينىدىكى خېرىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

2.مۇلازىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىدۇ

ماك دونالد مۇلازىملارنىڭ ئۇششاق يول مېڭىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن پىشۇرۇقخانىسى بىلەن پۇل يىغىش ئورنىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما، پىشۇرۇقخانىسى بىلەن پۇل يىغىش ئورنىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارىلىق ساقلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى تاماق بۇيرۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، شۇنىڭدەك تاماق ماسلاشتۇرغۇچىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 

3.ئىككى تەرەپنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ

ماك دونالدتا تاماق بۇيرۇتقۇچىلار بىلەن تاماق ساقلىغۇچىلار ئايرىۋېتىلگەن. تاماق ئېلىش رايونى تاماق بۇيرۇتۇش رايونىغا ئادەم يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا تاماق بۇيرۇتىدىغان تاماق ئالىدىغانلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق ماسلاشتۇرغۇچىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ تاماق ئېلىش رايونى تاماق ماسلاشتۇرۇش رايونىغا ئايلىنىپ قالغان. ئالدىدىكى خېرىدار تاماق ساقلىغۇچە كەينىدىكى خېرىدارنىڭ ۋاقتىغا دەخلى قىلمايدۇ. مۇشۇنىڭدىن تېجەپ قالغان ۋاقىت بىلەن مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 

گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇكى، ئىككى شىركەت تاللىغان ئۆچرەت تۇرۇش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، ئۇلار بۇنى پىسخولوگلانى تەكلىپ قىلىپ ئاندىن قارار قىلغان. ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىلىكى بار. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بوران !!!!!4 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ تاماقخانىدىن بىرنى ئاچماقچى سودام ياخشى بوپكەتسە خىرىدارلارنى بىشىنى پەسكە پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ئۆچرەتتە تۇغۇزسام بولغۇدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号