باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

iPhone 8 خېرىدارلارغا ئۈچ ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈپ سېلىنىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 17:48 10 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇسى Phone Arena ئاشكارىلىغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، Bernstein شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى تونىي (Tony Sacconaghi)نىڭ ئېيتىشىچە، تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بىر قىسىم مەسىلە كۆرۈلگەچكە، ئالما شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان ئون يىللىق خاتىرە نۇسخىدىكى iPhoneنى خېرىدارلارغا يەتكۈزۈش ۋاقتىنى مال يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۈچ ھەپتە ئارقىغا سۈرىدىكەن. 

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ قېتىملىق مال يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبى تەمىنلىگۈچى تەرەپ ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇلغان، ئەمما تونىي تەمىنلىگۈچى تەرەپنى ئالماشتۇرۇشنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىدى، قايسى كارخانىغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالمىدى. 

تونىي بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئالما ئەگەر يانفون سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە iPhone 8گە مال تەمىنلەش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلالمىسا ھەمدە بەك ئۇزۇن كېچىكتۈرۈۋەتسە، ئىستېمالچىلار باشقا كارخانىلارنىڭ يانفونلىرىنى تاللىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ئەمما ئۇ يەنە ئەگەر ئالمىنىڭ مال تەمىنلەشنى كېچىكتۈرسە، بۇنىڭ بىلەن iPhone ئابۇنتلىرىنىڭ ئاندرويىد لاگېرىغا كۆچۈپ كېتىشىمۇ ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • جەسۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەزى نادانلا جىق كۇتۇلدايدىكە ، يىرىم چىلەك سۇ

  • 181******791 ھەپتە ئىلگىرى

    قولىڭلارغا تىگىپ پارتىلغىندىن ئاشۇلارنىڭ قولىدا تەكشۇرۇپ بىخەتەر چىققان ياخشى ئەمەسمۇ بەك ساپاسىز ئادەملەر بەك جىقكەن ئاران تۇردىغان مەن ئاندورىيد ئالما ئىشلتىپ باققان ئالمىنىڭ بىر ياخشى يىرى سېستمىسى راۋان سەنشىڭدەك ھەپتدە ھەرخىل ماركلىق تېلغۇن چىقىرىپ ئەخلەت كۆپەيتكىچە تىخنىكا پىشىپ يتلگەندە سىناق قىلىپ بىخەتەر ئىشلەپچقارغان ياخشى خام تاماق يىسە قورساق ئاغرىيدۇ شۇڭا ئاغىرىنماي پىششىق تاماق يەڭلار

  • ۋارىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا مانا ھېلىتىن ، چاتىقى چىققىلىى تۇرۇپتۇ سېسىق ئالمىنىڭ مىڭنى قىلغان بىلەن سەنشىڭنىڭ كەينىدە قالىدۇ بىچارە ئالما.تىزىغا ئۇرۇپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى.

  • iphone2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەممدن ئالما ئوپپو ياخشى باشقسى بكا

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما بازارغا كىرمەي تۇرۇپ چاتىقى چىققىلى تۇردى. بارماق تونۇش ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇردىكەن دەيدىغان گەپ چىقىپتۇ

  • alma2 ھەپتە ئىلگىرى

    باياتىن ،،،دىگەن تورداش ،،،،سەنشىڭنىڭ ئىكرانى دۇنيادا پەقەتبىز پەقەت سەنشىڭلار ئاشۇنداق ئىسىل ئىكراننى ئىشلەپ چىقرالايدۇ ،ساختادەپ كەتكىننى ،،سەختا دەپ كەتكىننى ،،تېخنىكا چۈشەنمەيدىغان

  • مېھمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەممدىن ئۆزىگە يارىغىنى ئەڭ ياخشى

  • 186******092 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما سامسۇڭ قاندا تېلفۇن ئىشلىسە نىمە كارىما دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى ئەڭ ياخشى سامسۇڭنىڭ ئىكىرانىنىڭ ساختىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ

  • 186******852 ھەپتە ئىلگىرى

    سامسۇڭ بۇ يىلما پارتىلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ تەلەي سىناپ بېقىۋاتامدۇ نىمە

  • 132******372 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ ئالما دىگەن نەسە بەك ئىچىمنى پۇشۇردۇ زادى سامسۇڭدەك بولمامدۇ دەيمە كەينىگە سۆرەۋىردىكە رەقىب بولاممايدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىۋا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号