باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئايالمۇ چىن مۇھەببەت ئالدىدا مەڭگۈ نازاكەتلىكتۇر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 19:20 40 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادىكى ئەڭ جىگەرلىك ئەزىمەت ھەممەيلەنگە بەش قولدەك ئايان. بىراق دۇنيادىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئايال، سىزنىڭچە كىمدۇ، بۇنى يەنىلا رۇسىيەدىن ئىزدەپ باقايلى. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ يەردە ياشايدىغانلار يەنىلا جەڭگىۋار مىللەت ئەمەسمۇ! سۈرەتتىكى بۇ ئايالغا قاراڭ، سىزنىڭچە قانداقكەن، مۇسكۇللىرى ئاجايىپ قاۋۇل، بەدەن سىزىقلىرى روشەن ئىپادىلىنىپ چىققان، ھەتتا ئارقىسىدىكى ئىككى كۈچلۈك ئەرمۇ ئۇنىڭ سۆلىتىگە تەڭ كېلەلمەيۋاتقاندەك قىلامدۇ؟ بۇ دەل رۇسىيەدىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئايال نىياتا، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئايال دېسەكمۇ بولىدۇ.

ئالدىنقى سۈرەت ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى تولۇق يېتىلمىگەن ۋاقىتلار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندىكى ۋاقتى، مۇسكۇل سىزىقلىرى بەئەينى پىچاق بىلەن ئويۇپ قويغاندەك، قاۋۇل، كۈچلۈك پاچاقلىرىمۇ قانچىلىغان ئەرلەرنى ئارقسىىغا چېكىندۈردى، بۇنىسى نامەلۇم. شۇنى سۆزلەپ ئۆتۈشكە كېرەككى، ئۇنىڭ بىلىكىنىڭ ئايلانمىسى 48 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەرلەر كەسپىي ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئايلانمىسى ھېسابلىنىدۇ.

كۈچتۈڭگۈر مۇسكۇللارنىڭ ھەممىسى قېترقىنىپ مەشىق قىلىشتىن كەلگەن. نىياتا بىر كۈندە 6 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەشىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇسكۇل سىزىقلىرى تەڭداشسىز بولۇپ، كۈچىمۇ ئوبدانلا بار. ئۇ كۆپ تۈرلۈك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش رېكورتىنى ساقلاپ كەلگۈچىدۇر. ئۇنىڭ بۇ مۇسكۇللىرىغا قارىسىڭىزلا، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىشىغا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشنەلەيسىز.

بىراق ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈچتۈڭگۈر ئايالنىڭمۇ ئادەتتىكى ئاياللارغا ئوخشاش گۈزەللىكىنى سۆيىدىغان قەلبىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىز ھەقاچان، كوچىدىلا گىرىم قىلغىنىغا قارىغاندا، ئۇ ئۇچراشقىلى ماڭغان ئوخشىمامدۇ؟ توغرا، ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر بىلەن كۆرۈشكىلى بارىدۇ، شۇڭا چىرايلىق ياسىنىشى كېرەك. گەرچە ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى قاۋۇل بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قەلبىدە يەنىلا ئاياللارغا خاس نازۇكلۇق يوشۇرۇنغان.

بۇ ياسىنىشىغا قاراڭ، مۇلايىم ئاياللارنىڭ ياسىنىشىغا ئوخشاپ قالامدىكەن؟ ئەممازە بىلەكلىرى بەكلا توم بولغاچقا، ئادەتتە ئەرلەرمۇ يېقىن كېلىشكە پېتنالمايدىغۇ دەيمەن! نىياتا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەجىبا ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا نازۇك ئايالمىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئەرنى ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈنلا، مۇشۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.

مۇھەببەتلىك قاراشلىرى بىلەن قارشى تەرەپكە تىكىلگىنىگە قارىغاندا، ئۇدۇلدىكىسى بەلكىم ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ ئەر بولسا كېرەك. نىياتا ئۇزۇن مۇددەت چېنىقىش ئۆيىدە مۇسكۇل مەشىق قىلغاچقا، تۇرمۇشتا ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكتىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بىراق مۇھەببىتى بىلەن ئۇچراشقان ئىكەن، ۋاقىتنچە ئۇ ئىشلارنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ كەتسىمۇ بولار!

سۈرەتتە، نىياتىنىڭ قەلبىدىكى ئەر. گەرچە نىياتا ھەر قانچە ھەيۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەرنىڭ ئالدىدا «قۇش»قىلا ئوخشاپ قاپتۇ. نېمە دېسەك بولار، ئۇلارمۇ شۇ «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قوشقان بىر جۈپلەر»گە ئوخشايدىكەن، مەڭگۈ بەختلىك بولۇڭلار!

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەكلىماكان 24 ھەپتە ئىلگىرى

    ئايال كىشى تۇرۇپ ئەرلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە چېنىققىنى نىمىسى

  • 749843 ئاي ئىلگىرى

    رەجەپ توپاقنىڭ گېپىگە تۇلۇق نۇمۇر

  • پاك -سۆيگۈ3 ئاي ئىلگىرى

    ئاپىسى قانداق باققاندۇ

  • رۇقىيە4 ئاي ئىلگىرى

    ئىچىم ئىلىشتى ئايال كىشى نازۇكراق بوغۇلۇققۇ مۇشۇ خىققىغۇ توۋا دىمىسە زادى

  • سەبىرە7 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئېغىز گەپ سەتكەن، قايسى بىر ئەر بۇنداق ئايال بىلەن توي قىلىشنى خالايدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

  • 130******707 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۇنداق خوتۇندىن بىرنى ئالسا.ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ.

    سەت ھىجايغان چىراي ئىپادىسى.ھا ھا ھا

  • قاسىم قوشۇق7 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مەنچە چېنىقىپ چىقارغان مۇسكۇل ئەمەسكەن بىر نەرسە ئۇرۇپ چىقارغاندەك قىلىدۇ

  • بۈركۈت (TJK)7 ئاي ئىلگىرى

    ئەرنىڭ تېنىگە ئايالنىڭ بېشىنى كىرىشتۈرۈپ قويغاندەك بىلىندىكەن.ئىشقىلىپ ئايال كىشى نازاكىتى بىلەن گۈزەل،ئەر كىشى مەرتلىكى بىلەن گۈزەل .ئورنى ئالمىشىپ قالسا بولمايدۇ.

  • ئاتەش7 ئاي ئىلگىرى

    تازا ئېتىزلىققا ئاپپىرىپ ئىشلەتكىدەك ئايالكەن

  • شىرازى7 ئاي ئىلگىرى

    روسيەدە بۇنداق بەھەيۋەت دېۋىلەر خېلى كۆپ ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号