باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئاساسىدىكى ئامانلىق سىستېمىسى بىر كۈندە 35 ئادەمنى خاتا تۇتتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 18:02 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى سۈنئىي ئىدراكنىڭ پىشىپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ تېخنىكىنى قوللىنىدىغان كەسىپلەرنىڭ دائىرىسىمۇ ئاشماقتا، ئەمما چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىنى پىشىپ يېتىلدى دېيىشكە تېخى بەكلا يىراق، شۇڭا كەسىپتە قوللىنىشىدىمۇ ئوخشىمىغان مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. 

ئەنگلىيەدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىدا چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئامانلىق ساقلاش سىنىقى قىلىنغان، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلار بىر كۈندە 35 ئادەمنى خاتا تۇتقان. 

8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، لوندون شەھەر ساقچى مەھكىمىسى نەق مەيداندا چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولۇپ، ساقچىلار لوندون كوچىلىرىدا ئۆزىنى نىقابلىغاندىن كېيىن ساقچى ماشىنىسىدا كىشىلەر توپىنى نازارەت قىلغان ھەمدە بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ كىشىلەر توپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئادەملەرنى ئىزدىگەن. 

ئەمما ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئىككىنچى كۈنىلا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ سىستېما تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان بىر ئادەمنىڭ ھەتتا جىنسىمۇ خاتا بولۇپ قالغان، تۇنجى كۈنى تېخىمۇ ئېچىنارلىق بولۇپ، 35 قېتىم مەسىلە كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەشىدە بەك چوڭ يوچۇق كۆرۈلگەن، خىزمەتچىلەر مۇناسىۋەتلىك ئادەمنى بايقاپمۇ قولغا ئالمىغان. 

مەسىلە شۇ يەردىكى بۇ سىستېما «ئادەمنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەي»لا قالماي، ھەتتا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىمۇ توغرا كەلمىگەن. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بىر توغرا جىنايەتچىنى تۇتقان ۋاقىتتا بۇ جىنايەتچى ھەققىدىكى دېلونىڭ مۇرەسسە قىلىنىپ جىنايىتى بىكار قىلىنغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما بۇ سىستېما ئۇ ئادەمنى يەنىلا تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان، دېمەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىمۇ مەسىلە ساقلانغان. 

بۇ قېتىملىق سىناق يەنە چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن سۈنئىي ئىدراكنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى. 

چىراي پەرقلەندۈرۈش ۋە سۈنئىي ئىدراكنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوللىنىلىشى كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى چوڭ ئېقىملارنىڭ بىرى، ئەمما قوللىنىشتىن بۇرۇن بۇ تېخنىكىلار يەنىمۇ پىشىپ يېتىلىشى كېرەك، شۇندىلا بۇ تېخنىكا ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلمايدۇ .

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号