باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

9468يوللانما
645مەستانە

ياپونىيەدىكى «سەپرا مۈشۈك» ناھايىتى تېزلا تور چولپىنىغا ئايلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 18:04 7 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا غەلىتە خەۋەر ۋە قىزىقارلىق ئىشلار تور بېكىتىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدىكى «سەپرا مۈشۈك» تور چولپىنىغا ئايلانغان. چۈنكى ئۇنىڭدا غەزەپلەنگەن چىراي بولۇپ، بىر جۈپ كۆزى بەئەينى بىر ئادەمگە نەپرەت بىلەن قاراۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىنتايىن رايىش مۈشۈك بولۇپ، شۇ چىرايى ئۇنىڭغا «زىيانكەشلىك» قىلغان.

بۇ كۈل رەڭ مۈشۈكنىڭ ئىسمى شامو بولۇپ، ئەسلىدە ياپونىيە توكيودىكى ھايۋاناتلارنى يىغىۋېلىش ئورنىدا ياشىغان. كىشىلەر ئۇنى كۆرگەندە ئەڭ دەسلەپتە مەڭگۈ تېرىككەك چىرايىغا قىزىقىدىغان بولۇپ، ئارقىدىن ئۇنىڭدىن قورقۇپ، يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن.

بىر يىل بۇرۇن، شەھەرلىك ھايۋانلارنى كۈتۈش مەركىزىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. ئۇ ئەسلىدە تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت بىلەن ھەقىقىي «مۈشۈكخۇمار»لارنىڭ بېقىۋېلىشىنى قولغا كەلتۈرسە توغرا بولاتتى. بىراق «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار»، دېگەندەك، يەنىلا شۇ قوشۇمسىنى تۈرگەن، كۆزىنى چەكچەيتكەن، كىشىلىك ھاياتتىن بىزار بولغان ئاشۇ چىرايىنى پەقەتلا ئۆزگەرتمىدى.

مۈشۈكنىڭ چىرايىدىن بەئەينى ھەممىلا نەرسىدىن بىزار بولغاندەك كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ يوتىسىدا ئارام ئېلىشنى، خىزمەتچىلەرگە يېقىنلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

خىزمەتچىلەرنىڭ دېيىشىچە، گەرچە ئۇ قارىماققا سەپرادەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئىنتايىن رايىش بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىكەن. خىزمەتچىلەر توردا ئۇنى خېلى ماختاپ باقتى.

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ ھەدەپ خەۋەر قىلىشى بىلەن شامو ھازىر چولپانغا ئايلاندى. نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۇنى دەرھال بېقىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەلكىم ئۇزاققا قالمايلا يېڭى غوجايىنىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • دۇم يېتىپ كۇلگەن چىراي ئىپادىسى2 ھەپتە ئىلگىرى

    ما مۇشۇك بىلەن بىر چاڭ مۇشلۇشۇپ قاپىقىنىڭ زىينى ئەپ قويسا بوغىدەك نېمۇ ئۇ360 كۇن قاپىغىمى تۇرۇپلا ھاھاھا

  • ئۈمۇت1 ئاي ئىلگىرى

    چاشقاننى قاپقى بىلەن قۇرۇوتۇپلا ئىش بىجىرگدەك

  • شانكار1 ئاي ئىلگىرى

    ئاھ سەيدىگۈل مۇنۇ ئۆيدىكى قاقباشلار سېنى مەندىن ئايرىپ يالاڭتۆش كالتە پاتاڭ بىر گۇيتۇزىغا ياتلىق قىلدۇرۋەتتى غەزەپ ئىچىم پۇشتىيا مىنىڭ ئاچچىقىم سەت كەلدى دەۋېتىپتۇ تەرجىمە قىلىپ بەردىم

  • ئەنۋەر ئەركىن1 ئاي ئىلگىرى

    360 كۈن خاپا چىراي كۆرۈنىدىغان مۈشۈككەن بۇ.

  • ئىسىت1 ئاي ئىلگىرى

    ما مۈشۈك قارامكەن ھە،،تاشقى قىياپىتى شۇنداكەن،ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر مۇلايىم مۈشۈك،،،،قىززىق ئىشلار ھەقىقەتەن جىق ھە بۇ دۇنيادا

  • سەنەمجان،@1 ئاي ئىلگىرى

    غورا قاپاقلا بىر مۈشۈككەنغۇ بۇ، ئادەمنى قورقۇتۇپ جىنىنى چىقىرىپ،،،،،،

  • تامچە !1 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍ادەمنى قورقىتىپ راس سەپرا دەكلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号