باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

9887يوللانما
1457مەستانە

گۈلنەزەر فىرانسىيەدە خۇشال ئوينىغاندىكى سۈرەتلىرىنى يوللىدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 18:33 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، گۈلنەزەر مىكرو بىلوگىغا فىرانسىيەدە ساياھەت قىلغاندىكى ۋىدىيوسىنى يوللاپ: «نىقابلىق ئۇسسۇل كېچىلىكىگە قاتنىشىش، شادلىق باغچىسىدىكى ئەڭ ئەسەبىي بىر كۈن»، دەپ يازدى. ۋىدىيودا گۈلنەزەر گاھىدا نىقابلىق ئۇسسۇل كېچىلىكىنىڭ ئايال پادىشاھى بولسا، گاھىدا شادلىق باغچىسىدا ئويناۋاتقان شادىمان قىزچاق بولۇپ، گۈزەللىكى ۋە شوخ، ئوماقلىقىنى نامايەن قىلغانىدى.

8-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، گۈلنەزەر مىكرو بىلوگىغا پارىژدا ئوينىغاندىكى ۋىدىيوسىنى يوللىدى. ۋىدىيودىن گۈلنەزەرنىڭ نىقابلىق ئۇسسۇل كېچىلىكىدىن شادلىق باغچىسىغا «زامان ئاتلاپ» بارغانلىقىنى، لاتاپەتلىك ئۇسسۇل كېچىلىكىدىكى ئايال پادىشاھتىن شوخ گۈزەل شادلىق باغچىسى قىزچاققا ئايلىنىپ، ئوخشىمىغان بىر تەرىپىنى نامايەن قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەستانىلەر گۈلنەزەرنىڭ خۇشال ئوينىغانلىقىنى كۆرۈپ بەس-بەستە: «قوزام نېمىدىگەن خۇشال ئوينىغان، سىزنى بەك سېغىندۇق»، «كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، يەنە چىرايلىقلىشىپ كېتىپسىز»، دېيىشتى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号