باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
45مەستانە

مېكسىكا خەلق مۇداپىيە تارماقلىرى: جەنۇبىي قىسىمدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 90 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 19:26 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«رېيتېر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېكسىكا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 10-سېنتەبىر مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، 90 ئادەم قازا قىلغان.

مېكسىكا خەلق مۇداپىيەسى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئىچىدە، پەقەت جەنۇبىي قىسىمدىكى خاۋاكا ئىشتاتىدىلا 71 ئادەم قازا قىلدى». قوشنا ئىشتات چاپاستىكى دائىرىلەرنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ئۆلكىدە 15 ئادەم قازا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شىمالدىكى تاباسكو ئۆلكىسىدە 4 ئادەم قازا قىلغان. 

شۇ يەر ۋاقتى 7-سېنتەبىر يېرىم كېچىدە، مېكسىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىزدا 8 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن. ئامېرىكا گىيولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش 8.1 بالكەن. مېكسىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش مېكسىكىدا 100 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەشكەن. 

نۆۋەتتە، ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى نورمال ئىشلىنىۋېتىپتۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号