باش بەت

durdana

1064يوللانما
56مەستانە

چولپان خېنىملار قانداق يانفون قېپى ئىشلىتىدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 16:40 8 ئىنكاس چۈشتى

 

ليۇ جيالىڭ بېيجىڭدىكى bazaar ساخاۋەت كېچىلىكىگە قاتناشقاندا «+0» (جيالىڭ دەپ ئوقۇلىدۇ) دەپ يېزىلغان يانفون قېپى يارقىن نۇقتا بولدى، قارىماققىلا بۇيرىتىپ ياسىغاندەكلا، «6+0» بولسا تېخىمۇ ماس كېلەتتىكەن.

بەزى تورداشلار گۈەن شىياۋتوڭنىڭ يانفون قېپىنىڭ سۈرىتىنى يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يانفون قېپى ئۆزىنى ماختىغان گەپلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇ بەك گەپكە قالغان.

ياڭ يىڭنىڭ يانفون قېپى تېخىمۇ ئوبرازلىق ئىكەن.

كۈن لىڭ بىلەن جيا جىڭۋېننىڭ يانفون قېپى تازىلاش سۇيۇقلۇقى شەكلىدە ئىكەن.

چوڭ رەسىمنى بىر كۆرۈۋېتەيلى.

تاڭ يەننىڭ قولىدىكى يانفون قېپىنىڭ ئىسمى زەھەرلىك مۇھەببەت دورىسى ئىمىش، مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزلارغا بەك ماس كېلىدىكەن، خەتلىرى يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىكەن، چوققىسىغا يۈرەك شەكلى چىقىرىلغان، لو جىن سوۋغا قىلغانمىدۇ؟

تاڭ يەننىڭ يەنە بىر يانفون قېپى LV ماركىسىنىڭ بولۇپ، 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئەينى يىلى تورداشلار ئۇنى سەتلىكتە ماقامىغا يەتكەن يانفون قېپى ئىكەن دەپ مەسخىرە قىلىشقان.

جياڭ شۇيىڭ بىلەن جاڭ يۈچى بىر ماركىلىق يانفون قېپى ئىشلەتكەن بولۇپ، گېرمانىيەدىن كىرگۈزۈلگەن، لايىھەسى سىپتا.

ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا يارالغان كىم كارداشىيان تۈكلۈك كۆك رەڭلىك يانفون قېپى ئىشلەتكەن، قىممەت چىراي ھەم كىچىك قىزلاردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. نۇرغۇن چولپانلارمۇ بەس-بەستە بۇنداق يانفون قېپىنى زاكاس قىلغان، باھاسىمۇ ئۆرە بولۇپ، 2000-3000 يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.

سۈن لى تور شەكىللىك يانفون قېپى مەستانىسى، نەگە بارسا شۇنداقنى ئېلىپ يۈرىدۇ. جاڭ زىيىمۇ مۇشۇنداق پاسوننى ياقتۇرىدۇ.

بۇ يانفون قېپى پارىژنىڭ ماركىسى بولۇپ، چولپانلار ئۇنى «تور خانقىز» دەپ ئاتايدۇ، نەپىس نەقىشلىك، تۆشۈكلىرىگىمۇ سىپتا ئىشلىگەن بۇ يانفون قېپى مودا ساھەسىدە نامى بار، زەنجىرى 18 K لىق ئاق ئالتۇن. باھاسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاي2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنى كۆزى تويمىغان روھىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى نامراتلىق دەيمىز، باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەمما يېغىنچاقلىغاندا خەق ئازراق قاراپ يويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشخۇل بولىۋېرىدۇ، سىزنىڭ يانفونىڭىز ئارقىلىقلا ئىناۋىتىڭىز ئۆسۈپ كەتمەيدۇ، يەرشارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋېرىدۇ شۇ.

  • شىرمۇھەممەت2 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۇنداق قىممەت تىلفۇن قىممەت قاپلارنى ئىشلەتسىمۇ يەنىلا شۇ ئادەتتىكى تىلفۇندەك پاراڭلىشىدىغاندۇ.ئىسراپخورلۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسى

  • لىئونارد2 ئاي ئىلگىرى

    سۇرخان يوققۇ سامسۇڭ ھەۋەسكارى بەك ئامراق بۇ قىز سامسۇڭغا

  • مىھرىبانۇ2 ئاي ئىلگىرى

    ئاسىيا شاھزادىسى ئاكاڭ شىرزات ناملىق نۇرداش،سىزنىڭ باشقا ئىنكاسلىرىڭىزنىمۇ كۆردۈم،سىزنى بۇرۇن (2012 يىلى،3-ئايدىن باشلاپ7-ئايغىچە)بىزگە بىر ماۋسۇم ماتىماتىكا دەرس بەرگەن مۇئەللىمگە ئوخشاتتىم،چىرايڭىزنى تەسۋىرلەپتىكەنسىز دەل چۈشىدىكەنسىز، ئۇ مۇئەللىممۇ تولا ئۆزىنى ماختايدىغان، بىر قىسسە دىكى شىرزاتقا ئۆزىنى ئوخشىتاتتى، ئۆزىنى چوڭ شىركەت ئېچىپ « شاھزادە » بولىمەن دەيتتى، شۇ مۇئەللىمنى سىزمىكىن دەپ ئۇيلىسام ئۇ مۇئەللىم قەشقەرلىك،ئسمى ئەزىمەت ئىدى، لىكىن سىز شىرزات دەپسىز،«شىرزات» تەخەللۇسىڭىزمۇيا؟

  • ساھىپجامال2 ئاي ئىلگىرى

    مەن مۇشڭ شىرزات دىگەن تورداشتەك پو ئاتقىلى ئامراق يىگىتلەنى كۆسەم شۇنى سورىغۇم كىلىدۇ ؟سىلە ئاشۇ پو ئاتقاندا قاندا قانداراق تەسىراتتا بولاسىلە ؟ خىجىللىق تۇيغىسى مەدەنىيەتسىزلىك ھەم بىرخىل بىئارام بۇلۇش دىگەندەك ئەھۋاللا يۈز بىرەمدا ھەيرانمەن مۇشۇ تىپتىكى بىرنىمىلەگە ئۈزۈنىڭ روھىغا ئۈزى بېسىم بىرىپ

  • ئەكبەر2 ئاي ئىلگىرى

    شىرزات ئىسىملىك بۇرادەر يەنە بىردەم پو ئاتساڭلار بولاتتى يامان قىزىق بوئاتىسىلەر سىلەر.

  • ئاسىيا شاھزادىسى ئاكاڭ شىرزات2 ئاي ئىلگىرى

    ئادەتتىكىلا ئىشلاغۇ بۇ،مېنىڭ ئۆيۈمدە ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ ئالما تېلىفون،ئايپەد،ئاپتوموبىل دېگەن،بىزنىڭ ماۋۇ داچىغا كېلە،سېنى بىر ساياھەت قىلدۇرۇپ قوياي،خەھ(قەتئىيلا ياراتمىغان چىراي ئىپادىسى!)

  • ، ،2 ئاي ئىلگىرى

    تاڭيەننىڭ ئاۋۇ يانفون قىپىنى 40مىڭ يۈەن دەۋاتاتتى ئەمدى 2مىڭ يۈەن دەيدىغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号