باش بەت

ئىدىقۇت887

6581يوللانما
8مەستانە

دېڭىزدا دولقۇن تېيىلىۋاتقان ئاۋىستىرالىيەلىك ئەر لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 22:45 2 ئىنكاس چۈشتى

ئاۋىستىرالىيەدىكى <9news> تورىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋىستىرالىيە يېڭى ۋېلىش شىتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز بويىدا دولقۇن تېيىلىۋاتقان بىر ئەر لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ يانپېشىنى لەھەڭ چىشلىۋالغان، ئۇنىڭ پۇتىدىكى دولقۇن تېيىلىش تاختىسىمۇ ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن، لېكىن بۇ ئەر ئەڭ ئاخىرىدا خەتەردىن ئامان قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ لەھەڭ چىشلەپ يارىلاندۇرغان يانپېشىدىن توختىماي قان ئاققان.

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى ماكگىراس (McGrath) بولۇپ، بۇ يىل 35 ياش، ئۇنىڭ ساقچىلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 لەردە مەين دېڭىز ساھىلى (Main) ئەتراپىدا دولقۇن تېيىلىشقا باشلىغان، بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدىكى تېيىلىش تاختىسى بىر نەرسىگە سوقۇلغاندەك قىلغان، ماكگىراس دەرھاللا ئۆزىنىڭ لەھەڭگە ئۇچراپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلغان.

بۇ چاغدا، ماكگىراس دېڭىز دولقۇنىغا ئەگىشىپ بوشلۇققا ئېتىلىپ چىقىپ كەينىدىن يەنە دېڭىز سۈيىگە چۈشكەن، لەھەڭمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چېپىشقا باشلىغان ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۈزۈپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ پۇتىدىكى تېيىلىش تاختىسىنى لەھەڭ چىشلەپ ئىككى پارچە قىلىۋەتكەن، ماكگىراس بۇ چاغدا جىددىيلىشىپ كەتمەي ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋالغان ھەم تېيىلىش تاختىسىنىڭ بىر پارچىسىدىن پايدىلىنىپ لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان، لېكىن ماكگىراسنىڭ يانپېشىنى لەھەڭ چىشلىۋالغاچقا گۆشلىرى ئېچىلىپ قېلىپ يارا ئېغىزىدىن توختىماي قان ئېقىشقا باشلىغان.

ئۇ قىرغاققا ئۈزۈپ چىققاندىن كېيىن دوستلىرى ئۇنى دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغان، دوختۇرلار ئۇنىڭ يارا ئېغىزىنى تازىلاپ دېزىنفىكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلغان ھەم ئۇنى دەرھال تېخىمۇ چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئاپارغان. ماكگىراسنىڭ دوستلىرى بۇ رەسىملەرنى تورغا چىقارغان ھەم رەسىملەرگە <بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تۇرمۇشىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگىلى قىل قالدى> دەپ خەت كىرىشتۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىش يۈز بەرگەن دېڭىز ساھىلى ئەتراپىدا بىر دانە كىتنىڭ جەسىتى بار بولغاچقا لەھەڭلەرنى جەلپ قىلغانىكەن، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار كىشىلەرنى دېڭىزدا دولقۇنغا تېيىلىشقا چوقۇم بىخەتەرلىككە  دىققەت قىلىشىنى، ئەڭ ياخشىسى ئاسانلىقچە دېڭىزغا چۈشمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قارا خەنجەر1 ئاي ئىلگىرى

    لەھەڭ دېگەن قاننى كۆرۈپ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىدىغانتى، ئەجەپ ما ئاداشنىڭ يانپاش قېنى جەلىپ قىلالماپتا بۇ لەھەڭنى؟ تايىنى يوق لەھەڭ ئوخشايدۇ قارىغاندا، بولمىسا دۇنيا نوپۇسىدىن بىر ئادەم ئازلاپ كېتەتتى،،،،،

  • ئەنۋەر ئەركىن1 ئاي ئىلگىرى

    كىچىككىنە يېرىنى ناشتا قىپ قويۇپتۇ. تەلىيى باكەن، بولمىسا پۈتۈن ناشتىلىقى بوپ كېتەتتى. ھەقاچان لەھەڭنىڭ نەۋرىسىگە ئۇچراپ قالغان چېغى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号