باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

كونا iPhoneنى تاشلىۋەتمەي مۇنداق ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 11:19 18 ئىنكاس چۈشتى


«دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كونا iPhoneنى ساتقىلى بولسىمۇ، لېكىن iPhone كونىراپ كەتكەن ياكى بۇزۇلغان بولسا ئۇنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇنى يەنە سىمسىز تورغا ئۇلىغىلى بولسىلا، مەيلى ئۇ تۇنجى ئەۋلاد iPhone ياكى iPhone 7 ۋە 7 Plus بولسۇن، ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ خىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى بار. تۆۋەندىكىلەر دەل كونا iPhoneدىن تولۇق پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرى:


iPod ئورنىدا ئىشلىتىش

سىز Wi - Fi ئارقىلىق ناخشا قويۇپ، iPhone نى مەخسۇس مۇزىكا قويغۇچ ئورنىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ نۇرغۇن ئەھۋالدا سىزگە كۆپ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ مۇزىكا ئاڭلىغىڭىز كېلىپ ئاساسلىق يانفونىڭىزنىڭ توكىنى ئىسراپ قىلغۇڭىز كەلمىگەندە.


ئاشخانىدىكى تۇرۇبكىسىز ئېكران

ئامازون ياكى گۇگۇلنىڭ ئەقلىي ياڭراتقۇسىنى سېتىۋېلىشىڭىز ھاجەتسىز، يان تېلېفون بىلەن ئۇچرىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز كونا iPhone نى ئاشخانا تېمىغا ئورنىتىپ، Siri ئاۋازلىق ياردەمچىسى ئارقىلىق يانفوننىڭ تۇرۇبكىسىز ئىقتىدارىنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. ئۇ سىزگە قورۇما تىزىملىكىنى ئىزدەپ بېرىدۇ، ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىدۇ، ياكى ئىككى قولىڭىز خېمىردىكى چاغدا سىزگە تېلېفون ئۇرۇپ بېرىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن Siri ئىقتىدارى ئېچىق ھالەتتە بولۇشى كېرەك، ئالدى بىلەن iPhone نىڭ تەڭشىكىنى ئېچىپ، Siri تاللاش تۈرىنى چېكىپ، ئاندىن Siri غا ئىجازەت بەرسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر سىزدىكىسى iPhone 6s ياكى يېڭى تىپتىكى ئۈسكۈنە بولسا، Siri سىزگە ھەر ۋاقىت جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز iPhone 6 ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يانفونلار ۋە ياكى iPad ۋە iPod touch بولسا، سىز ئالدى بىلەن ئۈسكۈنىڭىزنى توك مەنبەسىگە ئۇلىشىڭىز كېرەك.

تىزگىنەك

تىزگىنەكنىڭ باتارېيەسىنى تۈگىگەندە ياكى يانفونىڭىزنى دەماللىققا تاپالمىغاندا، كونا iPhoneنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. نۇرغۇن سىملىق تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىنىڭ مەخسۇس iPhone ئەپلىرى بار بولۇپ، iPhoneنى تىزگىنەككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىزدە Apple TV بار بولسا، Apple TVنىڭ Remote ئەپ دېتالىنى iPhoneنىڭىزغا قاچىلاپ، ياردەمچى تىزگىنەك قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

كۈندىلىك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەقلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، كونا iPhone بىلەن تېلېۋىزورنى ئۆزئارا ئۇلىغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرىنىڭ تىزگىنىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن كونا iPhoneنى مېھمانخانىنىڭ تېمىغا ئورنىتىپ، ئۇنى ئەقلىي ئۆي جاھازلىرىنىڭ مەركىزىي ئۈزچاتىغا ئايلاندۇرۇپ، Nest تېرموستاتنى ياكى فىلىپنىڭ سىمسىز ئەقلىي لامپۇچكىلىرىنى كونترول قىلغىلى قىلغىلى بولىدۇ.


بالىلارنىڭ ئالىقان ئويۇنچۇقى

بالىلىق ۋاقتىڭىزدا ئەقلىيفون ئىشلىتەلمىگىنىڭىز، ھازىرقى بالىلارنىڭ iPhone ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، iPhone غا مۇۋاپىق بالىلار ئويۇنى چۈشۈرۈپ، كونا iPhoneنى بىر دانە مۇھەببەتلىك ئالىقان ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. سىز پەقەت زىيارەت دائىرىسىگە چەك قويۇپ، بالىلارنى چاكىنا مەزمۇنلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويمىسىڭىزلا بولىدۇ.


ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ئويۇنچۇقى

بۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەس، بەزى iPhone ئەپلىرى ئەرمەكلىرىڭىزنى خۇشال قىلالايدۇ، مەسىلەن، مۈشۈكىڭىز بېلىق تۇتۇش ئويۇنىدىكى مەۋھۇم بېلىقلارنى قوغلاپ ھارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئويۇنلارمۇ ئاز ئەمەس، App Store دىن ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ.


بوۋاق كۆزەتكۈچ ياكى بىخەتەرلىك كامېراسى

كونا iPhone نىڭ كامېراسى يېڭى iPhone نىڭ كامىراسىدەك سۈزۈك بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئۇنى يەنىلا كامېرا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. «Manything»، «Presence» قاتارلىق ئەپلەر ئارقىلىق كونا iPhoneدا سىنغا ئېلىشنى كونترول قىلسىڭىز بولىدۇ، iPhone بىنۇرماللىقنى بايقىغاندا، ئەپ ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىدۇ، بىراق ھەق تۆلىگەن ئابۇنىتلارلا تېخىمۇ ئالىي ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ئەپلەر ئاشۇ ئاساسىي نازارەت قىلىش ئېھتىياجى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق، ئەگەر سىز تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك ئىقتىدارغا (مەسىلەن كېچىدە كۆرۈش) ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، مەخسۇس بىخەتەرلىك تېلېكامېراسى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


زاپاس ئاپپارات

ئەگەر سىز ساياھەت جەريانىدا يېڭى iPhoneنىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، كونا iPhoneنى فوتو ئاپپارات ئورنىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. iPhone 6sنىڭ كامېراسى 12 مىليون پىكسېل بولۇپ، Live Photos ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، تارتقان سۈرەتلىرى فوتو ئاپپاراتتىن قېلىشمايدۇ. ئەگەر سۈرەت سۈپىتىدىن ئەنسىرىسىڭىز، سۈرەت تەھرىرلەش دېتاللىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۈمۈد1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ نەرى ياخشى ۋاي دىگچىلكى يوق شۇ ئالما ئىشلەتكەن بىچارىلە پەقەت ئابروي پەرەزلىك ئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ خالاس مەنچە تېلفۇنلارنىڭ سەركىسى يەنىلا سەنشىڭ ياشا سەنشىڭ ئالمىنىڭ بېشىغا دەسسەپ ياشا

  • راۋان1 ھەپتە ئىلگىرى

    لىكىن راس ئالما تېلېفوندىكى كىنۇنى تېلىۋىزوردا كۈرگىلى بۇلىدىكەن تۇردا كۈرگەنتم

  • مېخانىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    投屏دېگەن ئىقتىدار ئۇ ئاندۇرۇيىد تېلغۇنلاردا قاچان چىقىلى ، ئالمىچىلارنىڭ بىلمەسلىكى توغرا

  • CD.M1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىكارچىنى چاندامىساڭلا بولمامدۇ ھاي باللا

  • خۇمارىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىكارچى چىچى نۇمۇرىڭىزنى يوللاپ بېرىڭە سىزگە ھاجىتىم چۈشتى نىمىشقا دەمسىز ئۆيدىكى ئەقلى ئىختىدارلىق تېلېۋىزوردا ئايفۇنۇمدىكى كىنونى قانداق كۆرىمەن

  • راۋان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىكارچى تىزگىنەك قىلىش تۇغىرسىدا چۈشەنچە بەرگەن بۇلساڭلار بۇپتىكەن

  • (سەبىي)AM1997091 ھەپتە ئىلگىرى

    گەرچە ھازىر ئاندىروئىد ئىشلىتىۋاتقان بولساممۇ ئىلگىرى نەچچە يىل ئىشلەتكەن ئالما 4s قا ھېچنىمىنى تەڭ قىلمايمەن، ئىشقىلىپ ۋەششى پايلايدىغان جىڭ تېلفون ئىدىدە ئۇ. ئېكرانى چېقىلىپ ئىچىدىكى سىملىرى كۈرۈنۈپ قالغان چاغدىمۇ شۇنچىلىك ساز ئىشلەيتتى ئەمما بۇ ئاندىروئىدلارچۇ، كىچىككىنە يىرىگە دەز كەتسىمۇ ئېكرانى ئىشلىمەس بولىۋالىدۇ، جىق يەرلىرى ئالمىغا يەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلقى بار لىكىن يەنىلا ھەممىدىن ئالما ياخشى، ئالما8 ئالغۇدەك پۇل تاپسام چوقۇم يەنە ئالما تېلفون ئىشلىتىمەن.

  • سەردار1351 ھەپتە ئىلگىرى

    بىكارچى ماڭا سىزنىڭ ياردىمىڭىز كىرەك بولۇپ قالدى

  • M*G1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنى دەپ بەمىسىمۇ 2017-يىلىدا ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەم بىلىدىغان ئىشلا بۇ

  • مېسسى بىرىنچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما ئىشلىتىپ باقمىغانلار بىلمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号