باش بەت

durdana

1055يوللانما
55مەستانە

بۇ فىلىمگە سېلىشتۇرغاندا سىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىڭىز ھېچ گەپ ئەمەس

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 12:10 17 ئىنكاس چۈشتى

كورېيەنىڭ كىنو-فىلىملىرىدە تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، پېرسوناژلار ھەقىقىي ھالەتتە ئىشلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ كورېيە فىلىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھېسسىيات ئىپادىلەش جەھەتتە كۆرۈرمەننىڭ ھېسسىي دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلەيدۇ.

كورېيە فىلىملىرىنى بەزىلەر ياخشى دېسە، بەزىلەر ناچار دەيدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى دولقۇنلىتالىغان فىلىملەرنىڭ چوقۇم قىممىتى بولىدۇ. تۆۋەندە كورېيە فىلىمىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلىمىز، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرىدىغانلىقى ۋە قارشى تەپەككۇر قىلىپ باقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

فىلىم ئىسمى--«شىمالغا قېچىش»(北逃)

فىلىم مەزمۇنى چاۋشيەندە يۈز بەرگەن دەپ تۇرۇپ، كورېيەدە ئىشلەنگەن. شىمالغا قېچىش ئىسمىدىنلا شىمال تەرەپكە قېچىشنى كۆرسىتىدۇ، چاۋشيەننىڭ شىمالىدا بىزنىڭ جۇڭگو بار. ئۆلۈم گىرۋىكىدە جان تالىشىپ، تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيۋاتقان چاۋشيەنلىكلەر جان ساقلاش ئۈچۈن ئوغىرلىقچە چېگىرىدىن ئۆتۈپ جۇڭگوغا كېلىدۇ.

«ياخشى تېما يېرىم مۇۋەپپەقىيەتتۇر»، فىلىممۇ قائىدە سۆزلەيدۇ. ئۆزگىچە تېمىسى بىلەن فىلىم كورېيەدىمۇ زور قىزغىنلىق ۋە مۇنازىرە قوزغىغان. دوۋبەن تورىدا فىلىمنى كۆرۈپ باققانلار 13000 ئادەم بولۇپ، ئەمما بېرىلگەن باھا نومۇرى 8.2 بولغان.

IMDb دىمۇ پەقەت 1000 ئادەم كۆرۈپ باھالىغان بولۇپ، 7.6 نومۇرغا يەتكەن، بۇ كورېيە فىلىملىرىگە نىسبەتەن خېلى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.

فىلىمدە جۇڭگوغا قېچىپ كېلىش بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە جۇڭگو چىقىدۇ، فىلىمدىكى جۇڭگونىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى بەك رېئال ھەم ئوبىيكتىپ بولغان.

تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساق بۇ فىلىمنى كۆرسەك يەڭگىللەپ قالىمىز. ھايات ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ بەختلىكىنى ھېس قىلىمىز.

بەك جىق گەپ سېتىپ كەتتۇق، ئەمدى مەزمۇنىغا كېلەيلى:

2007-يىلى شىمالىي چاۋشيەندىكى مەلۇم بىر كەنتتە بىر ئائىلە ئۈچ جان-دادىسى، ئانىسى، 11 ياشلىق ئوغلى بىللە ياشايدۇ. بۇ بىر ئائىلە چاۋشيەننىڭ نامرات شارائىتىدا بەك غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ لېكىن يەنىلا قانائەت قىلىپ ياشايدۇ.

دادىسى پۇتبولغا ئامراق، ئايالى ئائىلە ئايالى، ئوغلى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

ئۇلارنىڭ قوشنىسى تىجارەت قىلىپ خېلى ھاللىنىدۇ. دادىسى ئوغلى بىلەن ئۇلارنىڭ قىزىنىڭ ساۋاقداشلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئوغىرلىقچە كىرىپ، پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرىدۇ.

كېيىن قوشنىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك «كوممۇنىزىم تەكشۈرۈش ئەترىتى» ۋە «خەلق بەنزىسى» تۇتۇپ كېتىپ، ئائىلىسى ۋەيران بولىدۇ.

باش پېرسوناژنىڭ ئايالى ئىككىنچى قېتىم ھامىلدار بولىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قان ئاز بولغاندىن باشقا يەنە ئېغىر تۇبىركىلىيۇز كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن چاۋشيەندە ئۆپكە كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىلارنى ناھايىتى تەستە سېتىۋالغىلى بولغاچقا، يولدىشى ئۆيدە ساتقىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىنى سېتىپ، جۇڭگوغا بېرىشقا پۇل غەملەيدۇ.

نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن ئۇ بىر ياغاچچىلىق مەيدانىدىن خىزمەت تاپىدۇ. جۇڭگودا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپ پۇل تېپىپ، تاپقان پۇلىغا دورا ئېلىپ، ئايالىنى داۋالىتىدۇ.

بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى قانۇنسىز دەرەخ كەسكەنلىك قىلمىشى تۈپەيلى باش پېرسوناژ ھەر ۋاقت قولغا ئېلىنىش خەۋپى بار ئىدى. ئەگەر ئۇ تۇتۇلۇپ چاۋشيەنگە قايتۇرۇلسا ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ئىدى.

بىر قېتىم ئۇ قېچىش جەريانىدا دورا بىلەن پۇلنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ، بىرەيلەن ئۇنىڭغا كورېيە كونسۇلىغا بارسا خېلى كۆپ پۇلغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇڭا ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، كورېيە كونسۇلخانىسىغا كىرىدۇ، لېكىن پۇلغا ئېرىشەلمەيدۇ.

ئەگەر ئۇ كورېيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتسە ئاندىن ئازراق ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئەگەر ئۇنىماي كونسۇلخانىدىن چىقىپ كەتسە، ئۇنى جۇڭگو ساقچىلىرى قولغا ئالىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۇ كورېيە تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. كورېيەدە ئۇ يىغقان پۇللىرىنىڭ ھەممىنى ئايالى ۋە بالىسىغا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن چاۋشيەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن خۇددى باشقا بىر پىلانېتتىكىدەك يىراق بولۇپ كېتىدۇ.

يالغۇز كورېيەدە ياشاۋاتقان باش پېرسوناژ بەك ئازابلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئەسلى كورېيە پۇقرالىق سالاھىيىتى ۋە باشقا ۋاھاكازا كېرەك ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭغا پەقەت ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقۇدەك پۇل بولسىلا بولاتتى.

لېكىن ئەمەلىيەت دائىم ئادەمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئايالى ئۇ چېگرىدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، 12 ياشلىق ئوغلى يېتىم بولۇپ، كوچىدا سەرگەردان بولۇپ كېتىدۇ.

يۆلەنچۈكسىز قالغان بالا ھېچنېمىگە قارىماي دادىسىنى ئىزدىمەكچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ چېگرىدىن ئوغىرلىقچە ئۆتۈپ، جۇڭگوغا كىرمەكچى بولغاندا بايقىلىپ قېلىپ، چاۋشيەننىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش بازىسىغا قامىلىدۇ. كېسەللىك، ئاچلىق، خورلۇق، بۇ يەردە ھەر كۈنى ئادەملەر ئۆلۈپ تۇرىدۇ، ئۆلۈكلەرنىڭ سۆڭىكىنى چاشقانلار غاجىلايدۇ، تىرىكلەرنى گەدەنگىچە پىت باسىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا كورېيەدىكى دادىسى ئىشلەپ تاپقان پۇللىرى بىلەن پارا بېرىپ، ئوغلىنى لاگېردىن قۇتقۇزۇپ ئېلىپ چىقىپ، يەنە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنى جۇڭگو چېگرىسىغا ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.

جۇڭگودا ئۇ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى يانفون ئارقىلىق ئاڭلىغاندا ئىككەيلەننىڭ ياشلىرى يامغۇردەك ئاقىدۇ.

ئوغلى دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يەنە چېگىرىدىن ئۆتۈپ موڭغۇلىيەگە بارسا ئاندىن بولاتتى، ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن ئوغلى دادىسى بىلەن كۆرۈشەلەمدۇ-يوق، مۇشۇنچلىك دەپ تۇرايلى، قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

فىلىم 2002-يىلى 25 چاۋشيەنلىكنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئىسپانىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق كورېيەگە قېچىپ بارغانلىقىدەك رېئال ھېكايىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ ئۇچرىغان دىشۋارچىلىقلىرى فىلىمنى كۆرگەنلىكى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى پۇچىلايدۇ. شۇنداقلا ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

 نۇرغۇن تورداشلار فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن جۇڭگودەك بەختىيار بىر دۆلەتتە ياشىغانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فىلىم ئىسمى: 北逃

 

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • سۈبھى2 ئاي ئىلگىرى

    ئىسمىنى دىگەندەك يازسام توردا يوقكەن تاپالمىدىم 北逃 دەپ يازدىم بوممىسا توغرىدۇ

  • غۇلجىلىق2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ مۇشۇ تەۋسىيە بىلەن بايىلا بۇ كېنونى كۆرۈپ تۈگەتتىم،
    نېمىسىنى دەي، پۈتۈنسۈرۈك ئەر تۇرۇپ مېنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياش چىقتى…
    ئاخىرىدا بالىسىنىڭ چۆللۈكتە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ،مىڭ مۇشەققەتلەرنى كېچىپ، ئاز ۋاقىت قالغاندا مۇشۇنداق پاجىئە يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەن دادىنىڭ پەريادىنى كۆرۈپ مەنمۇ چىدالمىدىم،،
    كېنونى كۆرمەكچى بولغانلار暴风音影 دېگەن كېنو ئەپ دېتالىنى تېلىفۇنغا قاچىلاپ،ياكى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ كۆرسەڭلار بولىدۇ،،
    ئەزالىقىنى سېتىۋالساڭلار يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ھالەتتە كۆرەلەيسىلەر،فىلىم باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئېلانلارمۇ سىزنى ئاۋارە قىلمايدۇ…،تەۋسىيەرىم شۇ

  • پولكوۋنىك2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ فىلىمنى تاپالـمىدىمغۇ

  • مىلودىيە2 ئاي ئىلگىرى

    فىلىم ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئوغلى ئاخىردا دادىسىنى كۆرەلمەي قۇملۇقتا ئۆلۈپ كىتىدۇ بىچچارە دادا ئۆزى يالغۇز قالىدۇ

  • مىلودىيە2 ئاي ئىلگىرى

    كىنو ھەقىقەتەن كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ بۇ كىنونى توردىن ئىزدەپ تاپالماسلىقىڭلار مۇمكىن پەقەت تاپالمىساڭلا مىنىڭ QQرىمنى قوشۇۋېلىڭلار يوللاپ بېرەي لىكىن كىنونىڭ سېغىمى سەل چوڭ 1.11G

  • قاسىم بوران2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بەرسە بولاتتى،خەت ئوقۇپ كىنو كۆرۈشنى پەقەت ياقتۇرمايمەن

  • 186******152 ئاي ئىلگىرى

    قويغىلى بولمايدىكەنغۇ

  • مىسسى2 ئاي ئىلگىرى

    مۇنداق كىنونى كۆرۈپ بېقىشقا بولىدۇ.لېكىن ھېلىقى كورىيەنىڭ خېنىم مىجەز خەنەك ئارتىسلىرى رول ئالغان كىنولارنى قەتىي كۆرگۈم كەلمەيدۇ.پۇل بەرسىمۇ كۆرمەيمەن ، ئۇنداق كىنولار

  • 185******882 ئاي ئىلگىرى

    نىمە ئۇچۇن كورگىلى بولمايدۇ

  • قىززىقچى2 ئاي ئىلگىرى

    كۆرك ئىكرانىدا بامىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号