باش بەت

رىۋايەت

31يوللانما
4مەستانە

نىمە ئۈچۈن كۈز پەسلى كىلىش بىلەن چاچنىڭ تۆكۈلۈشى تېزلىشىپ كىتىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 12:51 0 ئىنكاس چۈشتى

چاچ چۈشۈش ھەممىمىزدىن يىراق بولمىغان بىر تېما بولۇپ قالدى، كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمىكىن، كۈز پەسلى كىلىشى بىلەن چاچ چۈشۈش تېخىمۇ تېزلىشىپ كىتىدۇ.


 بىز بۈگۈن بۇنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى:

كۈز پەسلىدە ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولىدۇ، باش تېرىسى دەل ۋاقتىدا يېتەرلىك سۇغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، باش تېرىسىدىكى ياغ بەزلىرىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، ئاجرىلىپ چىقىدىغان ياغلارمۇ ئازىيىپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈك خالتىسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، چاچ غولى سۇسىزلىنىپ، تۈك يىلتىزى قۇرۇشۇپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىر نورمال بولغان ئادەمنىڭ باش تېرىسىدە، 100مىڭدىن ئارتۇق تۈك خالتىسى بولىدۇ، ھەربىر تال چاچنىڭ ئۆمرى 2-4 يىلغىچە بولىدۇ، كېيىن ئۇيقۇ دەۋرىگە كىرىپ، ئۆزلىگىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا كۈندە ئون نەچچە تال چاچنىڭ چۈشۈشى نورمال ئەھۋال. ئەمما كۈز پەسلىنىڭ باشلىنىشى، يازنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا بولسا نۇرغۇن چاچلارنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەن ۋاقتى بولۇپ، چاچنىڭ چۈشىشىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.

بىراق بۇ ۋاقىتتا چاچنىڭ چۈشۈش سانى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 100دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر چاچنىڭ تۆكۈلۈش سانى 100دىن ئاشسا ياكى قېتىم سانى بەك كۆپ بولسا چوقۇم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

 


(كەسپى بىلىملەرنى غازىباي چاچ ئۆستۈرۈش تەتقىقات مەركىزى تەمىنلىگەن)

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە رىۋايەت شىركىتىدىن تەرىپىدىن يوللاندى، ھېچقانداق شەخس ئورگاننىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلغانلار بايقالسا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغدايمىز

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号