باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
45مەستانە

بىرازىلىيەدە تۆت ئاپتوموبىل ئارقا-ئارقىدىن سوقۇشۇپ كېتىپ، 11 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 16:10 0 ئىنكاس چۈشتى


نۇرلۇق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ساينىت ئاسپىرىتۇ ئىشتاتىنىڭ نانىمىموس شەھەرىنىڭ 101-تاشيولىدا تۆت ئاپتوموبىل ئارقا-ئارقىدىن سوقۇشۇپ كەتكەن، ۋەقەدە 11 ئادەم قازا قىلىپ، 3 ئادەم ئېغىر يارىلانغان. ۋەقەدە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ۋە بىر ئارابۇس سوقۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن ئوت كەتكەن.

ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە جەزملەشتۈرۈشىچە، ئارابۇستىكى يولۇچىلار دومىنگو مارتىنىس شەھىرىدىن كەلگەن ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىكەن. يولۇچىلارنىڭ ياش-قۇرامى 17 ياشتىن 42 ياشقىچىكەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئارابۇستىكى يولۇچىلاركەن. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە يول ياخشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى پەرىزىگە قارىغاندا، لىق گىرانت تاش باسقان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يان يولدىكى ئاپتوموبىلنى ياندىغان كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى ۋەقە پەيدا قىلغان ئاساسلىق سەۋەبكەن. نۆۋەتتە، مەزكۇر يول بۆلىكىدە قاتناش توختىتىلىپتۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号