باش بەت

TLLAATM

116يوللانما
17مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ زورۇققاق، تەلۋە مىلياردېر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 09:00 9 ئىنكاس چۈشتى

تىللا شىركىتى تەرجىمىسى 

ئۇ لاسۋىگاستىكى بىر قانچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى سېتىۋېلىپ، قايسى پروگراممىنى قاچان كۆرمەكچى بولسا بىر تېلېفون ئارقىلىقلا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئادەم دەل يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قالتىس تالانتلىق، بىر نەچچە ساھەدە تەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەلۋە مىليادىر خوۋارد يۇگىس (Howard Hughes)تۇر. 

ئۇ يەنە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا بىر قىمارخانىنى سېتىۋالدى.

ئۇ ئاياللارغىمۇ نۇرغۇن پۇل خەجلىگەن، 80 دىن ئارتۇق ئايال بىلەن تەڭ ئارىلاشقان. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئايال ئارتىسلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان.

ئۇ ئېلزابىت تايلور بىلەن ئارىلاشقاندا، ئۇدۇل ئاپىسى بىلەنلا كۆرۈشۈپ مۇنداق دېگەن:«مەن قىزىڭىز بىلەن توي قىلىمەن، قوشۇلسىڭىز بىر مىليون بېرىمەن.» بۇ ھازىرقى خەلق پۇلىدا يۈز مىليون يۈەن.

كىم بىلسۇن، تايلورنىڭ ئاپىسى ئۇنى بوش چاغلاپ قالغان:«بۇ زاكالەت پۇلىمۇ؟!»


تايلور ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىنى ئويلاپ بۇ تويغا قارشى چىققان.

 يۇگىس ئۇ چاغدا ناھايىتى كېلىشكەن ئىدى، پۇلنى خەجلىشىدىن تېپىشى تېز ئىدى، ئون نەچچە سودا ئىمپىرىيەسى قۇرغانىدى، ھەتتا لاسۋىگاستىكى نۇرغۇن كەچلىك بەزمىخانىلارنىمۇ شۇ سېتىۋالغانىدى.

ئۇ مىكروب، ۋىرۇس دېگەندىن بەك قورقاتتى، بۇ «ئۇچقۇچى» فىلىمىدە تولۇق تەسۋىرلەنگەن.

ئۇنىڭ مىجەزى سەل زورۇقۇشچان بولۇپ، ئاددىيغىنىسى تەخسىدىكى پۇرچاقلار چوقۇم كىچىكتىن چوڭغا تەرتىپ بويىچە رەتلىك تىزىلىشى كېرەك ئ‍ىدى. 

60 يىل ئىلگىرى «يۇگىس ئىئانە فوندى» ئارقىلىق قۇرۇلغان خوۋارد يۇگىس تېببىي تەتقىقات ئورنى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ تېببىي تەتقىقات جەمئىيىتى، ئومۇمىي مەبلىغى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، بۇ بېل گەيتىس فوندىدىن قالسىلا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 يۇگىس يەنە «خوۋارد يۇگىس ئايروپىلان شىركىتى»نى ئۆزى بىر قوللۇق قۇردى، ئاي شارى تەكشۈرگۈچىنى كەشىپ قىلدى.


«خوۋارد يۇگىس تېببىي تەتقىقات جەمئىيىتى»دە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن 10 نەچچىسى بار.

بىر ئۆمۈر يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا كىتاپ ئوقۇش بىلەن خۇشى يوق ئىدى، مەكتەپتىمۇ نەتىجىسى ناچار ئىدى.  ئۇنىڭ دادىسى خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا، بەزىدە ئوغلىنىڭ نەتىجىسىدىن شۇنداق خىجىل بولاتتى.

ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلۇش، ئىنژېنېرلىق جەھەتتە باشقا ئىقتىدارلىق ئىدى، بىر ياش چاغلىرىدىلا سىمسىز رادىيو بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرەتتى، 12 يېشىدا توكلۇق ۋېلىسپىت كەشىپ قىلدى. 

 دادىسى ئۇنى ئىنژېنېر قىلىش ئۈچۈن كالفورنىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر مۇنچە پۇلنى ئىئانە قىلىپ ئەكىرىپ قويدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىغا كۆنگەندە، ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلدى.دادىسى قۇرغان نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت قىدرىپ تەكشۈرۈش شىركىتى ئۇنىڭغا قالدى. خوۋارد يۇگىس بۇنداق ئىشلارغا قىزىقمىغاچقا، ئۇنىڭغا باشقا باشقۇرغۇچى تەيىنلەپ قويۇپ، ئۆز قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى تەرەپكە راۋان بولدى.

ئۇ گولف توپ ئويناشقا قىزىقىپ، ماھىر بولۇش ئىستىكىدە تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا گۇرۇپىسىدىن چېكىندۈرۈلدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇنىڭدا كىنو ئىشلەش ھەۋىسى پەيدا بولدى، ئەمما 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ قىلغان كىنوچىلىقىمۇ ئاقمىدى، خەقنىڭ تىلىدا بىكارچى، ئاقنانچى ئاتىلىپ قالدى. كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ، يۇگىس داڭلىق بىر رېژىسسور بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئىككەيلەن بىرلىشىپ 3 كىنو ئىشلىدى. ئاخىرىدا ئۇلار ئىشلىگەن «ئەرەبىستانلىق چەۋەندازلار» ناملىق كىنو تۇنجى قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

21 يېشىدا كىنو ساھەسىدە داڭق چىقارغا خوۋارد يۇگىس  يەنە ئايروپىلانغا قىزىقىپ قالدى، تەدرىجىي ھالدا ئايروپىلان مەركەز قىلىنغان ئۇرۇش فىلىمىمۇ ئىشلىدى. 

خۇۋارد يۇگىس ئۆزى سىنارىيەلەشتۈرگەن ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان «دوزاخ مەلىكىسى» ناملىق ئۇرۇش فىلىمىگە 1700 دىن ئارتۇق ئارتىس قاتناشتى، 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل كەتتى. فىلىمنىڭ تېخىمۇ قالتىس چىقىشى ئۈچۈن، يۇگىس يەنە 87 ئايروپىلان ئېلىپ كەلدى، ئايروپىلانلارنى قويۇش ئۈچۈن يەنە 400 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ، مەخسۇس ئورۇن تەييارلىدى. ئۇنىڭ كىنوچىلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان تىكئۇچار ۋە باشقا ئايروپىلانلار بىر دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى تەمىنلىگۈدەك دەرىجىدە ئىدى.

«دوزاخ مەلىكىسى» فىلىمىدىكى ئايال قەھرىمان جىين ھارلوۋ.

بۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچە، خوۋارد يۇگىس ئايروپىلان  پىراۋىسى ئالدى، ئىلگىرى پىراۋىسىز ھەيدىگەنىدى.

ھوللىۋودتىكىلەر ئۇنى مەغلۇب بولىدۇ دېيىشتى، لېكىن بۇ فىلىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، سالغان مەبلەغمۇ ئىككى ھەسسە قايتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، خوۋارد يۇگىس ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسگە يېڭىدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىندى، ئەمما ئۇنىڭ پىراۋا-كېنىشكىلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ چىقتى، بۇ دەل خوۋارد يۇگىس ئىدى.

 يۇگىس ئىسمىنى چارلىز خوۋاردقا ئۆزگەرتىپ، ھاۋا ئارمىيەسىدە 3 ھەپتە ئىشلىدى.

ھەممە ئىشنى قىلىپ باققان يۇگىس ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى p-12 نى سېتىۋېلىپ، پۈتۈنلەي باشقىچە لايىھەلەپ چىقتى.

خوۋارد يۇگىس ئىنژېنېرى بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق تىرىشىپ، يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان  ___ «يۇگىس 1 - نومۇر» (H-1)نى ياساپ چىقتى. 1935-يىلى 9-ئايدا تۇنجى ئۇچقاندا سائىتىگە 352 ئىنگلىز مىللىق سۈرئەت بىلەن دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.

كىشىلەر بۇ ئايروپىلانىغا «كۈمۈش يولباش»، «گۈزەل ئۇچقۇ» دەپ نام بەردى.

كۆكتە ئۇچۇۋاتقان «يۇگىس 1 - نومۇر»نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى

ئامېرىكىدا خوۋارد يۇگىس ساراڭ دەپ ئاتالدى، لېكىن ئۇ توختىماي نەتىجە ۋە رېكورت ياراتتى.

مەيلى كىنوچىلىق ساھەسىدە  ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن، يۇگىس ئامېرىكدىكى ئەڭ داڭلىق شەخسكە ئايلاندى. 1938-يىلى ئۇ تولۇق ئۆزگەرتىپ لايىھىلەنگەن يېڭىچە ئايروپىلاننى ھەيدەپ، 3 كۈندە يەرشارىنى ئايلىنىش رېكورتىنى ياراتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوۋارد يۇگىسقا ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتى بەرمەكچى بولغاندا،ئۇ مۇكاپات ئالغىلى بارمىدى.

بۇندىن باشقا، ئۇ ئەتراپىدىكى ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، خوۋارد يۇگىس ئايروپىلان شىركىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

خوۋارد يۇگىس كەشىپ قىلغان ئايروپىلاننىڭ ئېگىزلىكى 5 قەۋەتلىك بىنا بىلەن تەڭ بولۇپ، زىيادە يوغان، قوپال دەپ قارىلىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەي، ئاخىردا ئاسارە-ئەتىقە ئورنىدا مۇزېيغا كىرگۈزۈلدى.

ئايروپىلاننىڭ بىر قانىتىلا مۇشۇنچىلىك ئېدى. 

ىوۋارد يۇگىس باشقىلار بايۋەتچە، ساراڭ دەپ ئاتىغانلاردا، ئۇلارغا مۇنداق بىر ئېغىزلا جاۋاب بېرەتتى: «مەن ساراڭ ئەمەس، بايۋەتچىمۇ ئەمەس، لېكىن مېنىڭ دادام بايۋەتچە ئىكەندۇق.»

ھەقىقەتەن شۇنداق، خوۋارد يۇگىس دادىسى قالدۇرغان مىراستىن ئازراقمۇ ئىشلەتمىگەن ئ‍ىدى.


تىللا كۆپ ئىقتىدارلىق ATM ئاپاراتىنى بىلەمسىز ؟


ھازىر ھەرقايسى بانكىلارنىڭ ATM ئاپاراتلىرى بىر قەدەر ئۇمۇملىشىپ يېزا -بازارلارغىچە بېرىپ بولدى. بىراق بۇ ئاپاراتلارنىڭ كارتا يەكلىشى، مۇلازىمەت ھەققى يۇقىرى بۇلىشى، پۇل ئوبۇرت چەكلىمىسى، قۇشۇمچە مۇلازىمەتلەرنىڭ تەمىنلەسمەسلىكى قاتارلىق قۇلايسىز تەرەپلىرى خەلقنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىھتىياجىغا ماسلىشىپ بولالمايۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مەخسۇس ھەرقايسى بانكىلارنىڭ كارتىللىرىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلىدىغان، كەسىپلەشكەن، ئىقتىدارلىق بىر قوشۇننىڭ مەيدانغا كىلىشى  زۆرۈل بولدى. 


شىركىتىمىز  كەسپىي مۇلازىمەت ۋە مەسىلىھەت بىرىش قۇشۇنى تەشكىللەپ بۇ ساھەگە قىززىقىۋاتقانلارنىڭ ئىھىتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.  

ھەرقانداق مەسلىھەتىڭىز ۋە سوئالىڭىز بولسا باش مۇلازىمەت تېلىفۇنى بىلەن ئالاقىلىشىپ سورىشىىزنى قارشى ئالىمىز:

ئىشخانا ئادرېسىمىز:

شاڭخەي شەھرى پۇدۇڭ رايونى جاڭجىياڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا تەرەققىيات باغچىسى كېيۈەن يولى 151 -نومۇر (خۇاچىياڭ بىناسى 3-قەۋەت  06- A-ئىشخانا)

(上海市浦东新区张江高科园科苑路151号(华强大厦三楼A06

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭشەن يولى بەيخۇاسۈن بىناسى 23-قەۋەت 23018-ئىشخانا  

乌鲁木齐市中山路百花村23层2318室

ئىشخانا :021-50902093

 2320220 -0991

ئاقسۇ : 15559488123

خوتەن : 13399033639

قەشقەر : 13309981011

18140766770 نازارەت تېلېفۇنى

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېكىس2 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا تىرىشايلى باللا، تىرىشقاندا قاسىم قوشۇقتەك “ قايتە، قايتە، قايت..... ” دىگىلى بولىدۇ، ھا ھا ھا ..... چاقچاق.

  • مايمۇن2 ئاي ئىلگىرى

    مەستانە ... تازىمۇ بىر دەلتە ئوخشايسەن ، مەن مايمۇن ئاغاڭ چغىمدا ئوقۇپ چۈشەندىم .

  • رامىلە2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئادەم چۇقۇم AB قان تىپلىق ،بۇ قان تىپىدىكى ئادەملەر بەك تەلۋە ،تىرىشقاق ،ئىرادىلىك كىلىدۇ

  • ئۇچقۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تەلۋە ئادەمكەن قول قويدۇم بىزلەر نىمىش قىلدۇق ئەپسۇسس ئۆمۈرمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  • 181******642 ئاي ئىلگىرى

    قالتىس ئادەمكەن ماۋۇ ئارزۇسىغا يىتىپتۇ كىتاپ ئوقۇمايمۇ

  • غالىبىيەت2 ئاي ئىلگىرى

    ھېچنىمە چۇشەنمىگەن شۇ ساراڭ ئۇقۇغاندا چۇشۇنۇپ ئوقۇمامدۇ،دەيمەن

  • مۇزاتبەگ2 ئاي ئىلگىرى

    لېئوناردو دېكاپېرو بۇنىڭ ھاياتنى تەسۋېرلىگەن فىلىمدە باش رول ئالغان قالتىس ئادەم بۇ

  • باھادىر2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق «تەلۋە» «ساراڭ» دىن بىرسى چىقمىغان دولەت ۋە مىللەت دۇنيا ھەيران قالغۇدەك يىڭىلىق چىقمايدۇ ، قالتىس گۇيكەنسە لىكىن يارايسەن ،،،،

  • مەستانەwwe2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئادەم ھازىر مۇ بامۇ ،ئايرۇپىلان شىركىتى چۇ ،يىشىمىنى چۈشۈنەلمىدىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号