باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2665يوللانما
23مەستانە

رۇسىيەدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن پويىز سوقۇشۇپ كەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 16:54 3 ئىنكاس چۈشتى

نۇرلۇق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«سىبىىرىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدە 361 ئادەم چىققان پويىز بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇشۇپ كەتكەن، نۆۋەتتە 14 ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 6 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىركەن. 

مۇساپىسى تۆت كۈنلۈك بۇ پويىز قارا دېڭىزدىن ۋارتوۋىسكىغا قاراپ ماڭغانىكەن، پويىزدا سوچىدىن دەم ئېلىپ قايتقان لىققىدە ئادەم باركەن.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، پويىز تاشيولغا يېقىن كەلگەندە، ۋەقەدىكى يۈك ئاپتوموبىلى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلماستىن تۆمۈر يولنى كېسىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپ، پويىز بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن زور قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىققان. 

ۋاگونلار رېلىستىن چىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋاگوننىڭ يېنىدا سوقۇلۇشتىن ئويۇلۇپ كەتكەن زور ئىز باركەن، يۈك ئاپتوموبىلى تۆمۈر يولنىڭ يېنىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقەدە بىر قىزچاقنىڭ ئىككى پۇتى سۇنۇپ كەتكەن، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ھېلىھەممۇ ھوشسىزكەن. 

 

يۇگاردىكى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئالېكىس دبروۋوسكىي مۇنداق دېگەن: «14 ئادەم ۋارتوۋىسكىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئادەم قورامىغا يەتكەن، قالغان ئۈچى بالا. بىر بالا ۋە بەش چوڭ ئادەمنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك. پەرىزىمىزچە، يارىدارلار سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن». 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 159******622 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاڭلىسام مۇشۇ چەتئەلدە ئايروپىلان بىلەن تەرەكتۇرمۇ سۇقۇشۇپ كىتەمىش

  • پىنھان2 ھەپتە ئىلگىرى

    خەۋەرنى ئوقۇمىغان ئوخشىمامسىز يۈك ئاپتۇموبىلى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆتۈپ كىتىمەن دەپ سەل ئاقسالىق قىلىپ قويۇپتۇ

  • ئىبراھىم2 ھەپتە ئىلگىرى

    قىزىل چىراغ يۇقمىكنا ئۇ كىسىشمەيۇلدا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号