باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

«كۆرۈمسىز» قىز ھۆسن تۈزەپ ھاياتىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 19:00 14 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھۆسن تۈزەش كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋجلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھۆسن تۈزەپ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشنى ئىستەيدىغان بولدى. مۇۋاپىق دەرىجىدە ھۆسن تۈزەشمۇ ئەسكى ئىش ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق «ئىلمان قايناقسۇ»دەك ئۆتكەن ھاياتنى بەئەينى بۇقۇلداپ قايناۋاتقان قايناقسۇغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىراق ھۆسن تۈزەشكە ئەسەبىيلەرچە مەستانە بولغانلار توختىماستىن ھۆسن تۈزىتىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋالماقتا. بىراق سۈرەتتىكى بۇ ساھىبجامال دەل ھۆسن تۈزەپ نەپكە ئېرىشتى.

بۇ تايلاندلىق ئايالنىڭ ئىسمى ۋارنوك بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق شۇنداقمۇ؟ بىراق ئۇ ھۆسن تۈزەپ مۇشۇنداق بولغان. ھازىر ئۇ چىرايلىقلىشىپلا قالماستىن يەنە تېخى غورىگۈل تۇرمۇشتىن باياشات تۇرمۇشنىڭ ئىگىسى بولدى.

بۇ ئۇنىڭ ھۆسن تۈزەشتىن بۇرۇنقى ھالىتى. ئۇ ئىلگىرى بىر يىگىت بىلەن ئارىلاشقان بولۇپ، بىراق ئوغۇل ئەڭ ئاخىرىدا قىزنى سەت كۆرۈپ ئايرىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتى. بۇ ئىش قاتتىق ھار كەلگەن قىز ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

ۋارنوك كورېيەگە بېرىپ ھۆسن تۈزەتتى ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇ كورېيەچە تاتلىق-تۈرۈم پىشۇرۇشنى ئۆگىنىپ، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دۇكان ئاچتى. ئالاھىدە خاسلىقتىكى تاتلىق-تۈرۈم يەنە گۈزەل چىرايى بىلەن ۋارنوكنىڭ سودىسى بارغانسېرى راۋاجلىنىپ ھەتتا ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستى قايتا يارىشىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەلۋەتتە، قىز كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى.

چىراي-تۇرقىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئۆزگەردى. گەرچە ئۇ بىر مەھەل ئۆزىنى «بىلەلمەي» قالغان بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ روھىي-ھالىتىنى تەڭشىۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گۈزەل چىراي قانداق تېز كەلگەن بولسا شۇنداق تېز كېتىدىغان بولۇپ، ئەڭ قىممەتلىك ئىش بولسا، ھازىرقى ھۆسن-جامالىدىن پايدىلىنىپ تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ راۋاج تاپقۇزۇش ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان زەنجىرسىمان دۇكانلىرى بولۇپ، تىجارىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى كېتىپ بارىدۇ. ئۇ يەنە تايلاندلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىلھامبەخش شەخسكە ئايلاندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • خولوپ ئاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇرۇنقى يىگىتى قانداق تۇنىۋالغاندۇ بۇ سۈنئى ئاققۇنى

  • ئېكىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    بالىسى قانداق بولاتتى؟ چوڭ بولغاندا ئۇمۇ كورىيەگە بىرىپ ھىزىم كاساڭچىنىڭ پالتا-كەكىسىگە قاقتۇرۇپ كەلمەمدۇ چىرايىنى...

  • 176******721 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەرقانچە چىرايلىق بۇلۇپ ئۇزگەرسىمۇ بالسى قانداق بۇلا

  • چىن يۇرەكتىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئشەنمىدىم جۇما ما ئاداشقا مەن راسمۇدۇ بەكلا ئۇماق بوپكىتىپتۇ لىكىن راس بوسا

  • 130******701 ھەپتە ئىلگىرى

    سەت ئادەملەرمۇ پۇل بولسا چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەن دېسە،

  • NBA چۇلپېنې جامېس1 ھەپتە ئىلگىرى

    راسلام چېرايلېق بۇپتۇ بۇ قېز،،

  • 、じǎR、ΖǎИ、1 ھەپتە ئىلگىرى

    تەنناز،نازنىن، تايلانىتلىقلار ئۈچۈن ئادەتتىكى مەسىلە بۇ.

  • ئابلىكىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    نەرى چىرايلىق بۇنىڭ گېرىم قىلمىسا سەتلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ

  • تەنناز1 ھەپتە ئىلگىرى

    سەت ئۆردەك چۈجىنىڭ ئاققۇغا ئايلىنشى دىگەندەك بۇپتۇ،

  • 182******451 ھەپتە ئىلگىرى

    يانىلام چىنىپ قاپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号