باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

ئايال ئېرىنىڭ ئاشنىسىنى كوچىدا سازايى قىلدى، سازايى قىلىنغۇچى كوچىدا تاماشا كۆرگۈچىنىڭ ئايالى بولۇپ چىقتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 17:47 14 ئىنكاس چۈشتى

توردا پات-پاتلا چوڭ كوچىدا ئاياللارنىڭ ئېرى بىلەن ئاشنىسىنى تۇتۇۋالغانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىئونى كۆرىمىز، يېقىندا بىر ئايال كوچىدا ئېرىنى ئاشنىسى بىلەن تۇتۇۋالغان، ئۇ ئايال ئاچچىقىدا بۇ جەرياننى سۈرەتكە تارتىپ ئىسپات قىلماقچى بولغان، ئۇ بىر ياندا تۇرغان ئەرنىڭ بارلىق جەريانغا شاھىت بولۇپ تۇرغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن، ئۇ ئەر تۇيۇقسىز مۇشت كۆتۈرۈپ، يولدىشىنى قاتتىق ئۇرغان، بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئەتراپتىكىلەر قاتتىق ھەيران قالغان، ئەسلىدە ئۇ ئەر ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولماستىن، ئەكسىچە ئاشنىسىنىڭ يولدىشى ئىكەن.

سۈرەتتە، ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان ئايال چوڭ كوچىدا يولدىشىنى ئاشنىسى بىلەن مەخپىي ئۇچراشقان پەيتتە تۇتۇۋالغان، قاتتىق ئاچچىقلانغان ئايال ئاشنىسىنىڭ چېچىدىن تۇتىۋېلىپ قويۇپ بەرمىگەن، ئارقىدىن يولدىشى بىلەن بىردەم تاكاللاشقاندىن كېيىن، يولدا ئاشنىسىنى «ئىككى بالامنىڭ دادىسىنى ئازدۇردۇڭ» دەپ قاتتىق تىللىغان ھەمدە نەق مەيداندىكى خالايىققا ئۇ ئايالنىڭ چىرايىنى كۆرسەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن نەق مەيداندا ئويۇن كۆرۈۋاتقان بىر ئەر ھېلىقى ئەرنىڭ ئاشنىسىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئۇ ئەرنى قاتتىق ئۇرغان، ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ ئىشتىن ھەيران قالغان، ئەسلىدە بۇ ئەر ئاشنا بولغان ھېلىقى ئايالنىڭ ئېرى ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىمكان2 ئاي ئىلگىرى

    شۇنداقمۇ ئۇددۇل كېلەمدۇ،

  • 嘻嘻哈哈2 ئاي ئىلگىرى

    چىۋىننىڭ كۆڭلى پوقتا دەيدۇ خەق

  • بودەك قىز2 ئاي ئىلگىرى

    كۈز ھەئە ئىرىم با بۇ ۋاققىچە توي قىلمىسام ئاسار ئەتىقە بوپ قالامە ھىجايغان چىراي ئىپادىسى

  • جەۋلان 1002 ئاي ئىلگىرى

    ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن ئادىل مىجىتنىڭ ئېتوتىدىكى گەپقۇ بۇ. ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىپتىدە.

  • 189******882 ئاي ئىلگىرى

    ھاھاھاھا ھىھىھىھى، بەك قىززىقكەن، ھۇ ھاھا

  • غولجا قىزى2 ئاي ئىلگىرى

    ئاشنە ئوينىسا نىمىگە پايدىسى دەيمەن بۇلار ئوزلىرى بۇنداق تۇرۇپ بالىلىرىنى قانداقمۇ تەربىيەلە

  • تۇمان2 ئاي ئىلگىرى

    شۇندامۇ تۇتلۇپ قالامىدۇ ، نىمە رەسۋاچىلىق ،،

  • ھوشو بۇرۇت2 ئاي ئىلگىرى

    ئىرى بولمىسا ئالاي دىگەنما … ھا ھا ھا …

  • ساھىپجامال2 ئاي ئىلگىرى

    ئەر ئاياللاغا ئىنساپ بەرسۇن ، باللىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆيلىسا بۇممامدۇ

  • كۈز2 ئاي ئىلگىرى

    بودەك قىز سىزنىڭ ئىرىڭىز بارما ..

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号