باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10405يوللانما
784مەستانە

قانداق كىشىلەر ئالما يېسە بولمايدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 17:57 4 ئىنكاس چۈشتى

ئالمىنىڭ پايدىسى كۆپلۈكى ھەممىگە ئايان، ئەمما ئالما ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. ئالما يېسە بولمايدىغانلار تۆۋەندىكىچە:

1. جاراھەتلىنىش خاراكتېرلىك بۇغما ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى: جاراھەتلىنىش خاراكتېرلىك بۇغما ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئالما يېسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ كېسەل جىددىي قوزغالغان مەزگىللەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئۈچەي دىۋارىدىكى يارا نېپىز بولىدۇ، ئەمما ئالما پوستى بىرقەدەر قاتتىقراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى %1.2 يىرىك تالا ۋە %0.5 ئورگانىك كىسلاتانىڭ غىدىقلىشى قوشۇلسا، ئۈچەي دىۋارىدىكى يارىنىڭ ساقىيىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ، شۇنداقلا مېخانىكىلىق رولى سەۋەبلىك ئۈچەي تېشىلىش، ئۈچەي يوغىناش، ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

2. ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىپ كەتكەنلەر، مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى: بۇنداق كىشىلەر ئالما يېگەندە كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

3. تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك سانجىقى، بۆرەك كېسەللىكى بىمارلىرى: بۇنداق كىشىلەر ئالمىدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. 

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى.

مەنبە: 

http://uy.ts.cn/life/content/2017-09/11/content_618740.htm?lang=uy


باش سۈرەت تاللاش x
  • مەۋلانىم2 ئاي ئىلگىرى

    ھەراس دەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن مەن ھەر كۈنى ئالما بىلەن ناشتا قىلىمەن باشقا نەرسە يىمەيمەن ھى ھى ھى

  • مەۋلانىم2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىر ئايدىن بىرى ھەركۈنى 7-8 تال ئالما يەيمەن راس پايدىسى بار ئىكەن يۈزۈم شۇنداق سۈزۈلۈپ سىلىقلىشىپ كەتتى بۇرۇنقى ۋاختى بىلەن جىق پەرقى بار

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    راس گەپ، مەن ئالما يېگەن كۈنۈم سول تەرىپىم قاتتىق بىئارام بولىدۇ. ھەتتا يۈرۈكۈمنىڭ چىڭقىلغانلىقىنىمۇ سەزگەن ئىدىم. شۇڭا ئالما بىلەن تازا كۆڭلۈم يېقىن ئەمەس.

  • 爱,宝贝 女2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما يۈرەكنى ياخشىلانماي ئەكسىچە زىيان قىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟! ( ئەجەپلەنگەن چىراي ئپادىسى )

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号