باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2650يوللانما
23مەستانە

پۈتۈن دۇنيادىكى بايلارنىڭ باجدىن قاچقان سوممىسى 2 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 19:02 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، مەلۇم شەخسىي بانكىلارنىڭ يەڭ ئىچىدە ياردەم قىلىشى بىلەن نۆۋەتتە 2 تىرىليون 100 مىليارد دوللار ئاساسلىقى شىۋېتسارىيە بانكىسى ۋە كايمان تاقىم ئاراللىرىدىكى مەخپىي رايونغا قاراپ ئېقىۋېتىپتۇ. بۇ پۇللار يەنە ساياھەت كېمىسى، ئايروپىلان، ئۆي-زېمىن قاتارلىق مۈلۈكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

بايلار باجدىن قېچىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل خەجلەپ بىر قىسىم شەخسىي بانكىلار ۋە پىشقان بوغالتىرلارنى تەكلىپ قىلىشتىن يانمايدىكەن. باجدىن قاچقۇدەكلا يوچۇق بولسا بار ئاماللار بىلەن باجدىن قاچىدىكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئون چوڭ شەخسىي بانكا 2010-يىلى 6 تىرىليون دوللارنى قولدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ كەم دېگەندىمۇ 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كاپىتالى باركەن. 

باج يىغىش نىسبىتى يۇقىرىلىغانسېرى ئۇلارنىڭ باجدىن قېچىش ئامالى شۇنچە ئىلغارلاشقان، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۆي-مۈلۈك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيەدىكى ئەڭ پۇلدار ئائىلە ھازىر ئۆي بىساتلىرىنى سېتىپ، ئەنگلىيە ياكى باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كەتمەكچى بولغان. چۈنكى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليون ياۋرودىن ئاشىدىغان كىشىلەردىن %75 تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. كىرىمى 72 مىڭ ياۋرودىن ئاشىدىغان كىشىلەردىن ئالىدىغان تاپاۋەت بېجىنىڭ نىسبىتىنى %41تىن %45كە كۆتۈرىدىكەن. 

ئەنگلىيەلىك بىر باي باجدىن قېچىش ئۈچۈن ھەر كۈنى كەچتە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ باشقا دۆلەتكە كېتىدىكەن، ئاندىن كېچە سائەت 12:00دىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەنگلىيەگە قايتىپ كېلىدىكەن. ئەنگلىيەنىڭ باج قانۇنىدا ھەر يىلى ئەنگلىيەدە تۇرغان ۋاقتى 90 كۈندىن ئاشىمىسا باج تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. قالغان 275 كۈندە پەقەت تۈن يېرىمدىن بۇرۇن ئەنگلىيەدە تۇرمىغان بولسا باج تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئامېرىكىدىكى بايلار باجدىن قېچىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچمەكتە. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2008-يىلدىن كېيىن ئاز دېگەندە 2 مىڭچە ئادەم ئەلچىخانىغا بېرىپ ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەن. ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئاشقان. ھۆكۈمەت تارماقلىرى خىزمەتچىلەرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىش بېسىمىنى يەڭگىللەتكەن. ئامېرىكىنىڭ قانۇنىدا ئامېرىكا پۇقراسىلا بولىدىكەن، دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باج تاپشۇرۇشى كېرەك

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号