باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

دولقۇن قاش نېمىتى، ئۆرۈمە قاش دەپ ئاڭلىغانما؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 21:33 14 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەتتە «ئۆرۈش» دېگەن سۆز نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ، ئەلۋەتتە، چاچقىدە! بىراق سىزمۇ نوقۇل ھالدا «ئۆرۈش» سۆزىنى چاچىقىلا ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا، مودىدىن قاپسىز! ھازىر ئۆرۈمە چاچ ئەمەس ھەتتا ئۆرۈمە قاشلارمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا بۇلارغا قاراپ بېقىڭ!

ئىككى كۈن ئىلگىرىلا دولقۇن قاشلارنى كۆرۈپ ھەزىم قىلالماي يۈرسەم، ئەمدى ئۆرۈمە قاش چىقىپ مېنى تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، قاش سىزىش ماھارىتىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇنى ھەرگىزمۇ قىلالمايسىز. بۇ سۈرەتلەر سىزگىمۇ قاشنى راستىنلا ئۆرۈپ قويغاندەكلا تۇيۇلىۋاتامدۇ؟

ئىنچىكلەپ دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، ئۆرۈمە قاشلارنىڭ ھەممىسى شۇ قىزچاقلارنىڭ چېچى بىلەن ناھايىتى ماس كەلگەنلىكىنى، بىر خىل «پارقىراپ» تۇرغانلىقىنى بايقايسز. قارىغاندا، بۇ قاشمۇ چاچنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن «ئۆرۈلىدىغان» ئوخشايدۇ.

ئۇنداقتا، بۇ قاشلارنى راستىنلا ئۆرۈپ چىقارغانمۇ، (چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز، كىمنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇزۇن قاشلىرى بولسۇن)، توغرا، خاتالاشمىدىڭىز، بۇلار پەقەت تەييار ئۆرۈمىلەرنى چاپلاپ قويغان قاشلاردۇر.

بىراق، چاپلىمىغانلارمۇ بار جۇمۇ! ئەنە قاراڭ، بۇ قاشلار ھەقىقىي سىزىلىپ چىقىلغان. بۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ بىر قېشىمنى توم، بىر قېشىمنى ئىنچىكە، بىر قېشىمنى ئېگىز، يەنە بىر قېشىمنى تۆۋەنرەك سىزىپ قويغانلىرىمنى ئويلاپ خىجىل بولۇپ قېلىۋاتىمەن. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۇماق نۇرىيە1 ھەپتە ئىلگىرى

    قاملاشمىغان ئىشقۇ بۇ،،،،،،،،،،،،

  • ئەجنەبىي ؟؟؟1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىزلا قېنى باشلاڭلا ،مودا بەكمۇ مودا كۆرۈندىكەن ھە ،

  • شاھىدە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي ۋۇي نىمانچە كۆپ قاش سىزىش ئۇسۇلى بۇ بىر كۈنى دولقىنسىمان بىركۈنى ئەگرى بۈگرى ئەمدى ئۆرىمە قاش چىقىپتىما ئەتە بۇغۇپ قويغاندەك سىزىپ ماڭامدىغاندۇ بۇلا! مەن بىچارە قېشىمنى تۈزمۇ سىزالماي ئاۋارە

  • ئا .1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇزۇنغا قالماي دىيارىمىزدىمۇ كۆرىدىكەنمىزدە ئۆرۈمە قاشلىق خنىملانى تىزى ئىت تالىغاندەك يىرتىق ئىشتاننىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي قىز ئوغۇل ئۇلۇغ ئۇششاق ھەممىسى كەيدى ئەمدى بۇنىمۇ قىلىشقا باشلايدۇ

  • نۇر ئاي1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىزمىساقۇ ئۆرۇمىسەكمۇ قاش يەتكۇچە بار،شۇنچىلىك تەبئى…………

  • مىھرىبانۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ سىزالمايمەن، ئەسلى قېشىم بەكلا ياخشىتى،تويۇمدا ئاچاملا مودا دەپ تەرگۈزۈپ قىياقتەك قالدۇردى،تۇغۇتۇمدا چېچېم،قاش ،كىرپىكلىرىم چۈشۈپ،بەك سەت بولۇپ قالغان،ھازىر كىرپىكىم بار ،لىكىن قېشىم ئەسلىدىكىدەك قاراھەم قويۇق ئەمەس، نەچچە رەت سىزىپ جايىدا قىلالمىدىم، چوڭراق سورۇنلارغا بارساق قېينناپام ياكى يەڭگىلىرىم شۇندا قاملاشتۇرۇپ سىزىپ قويىدۇ

  • ئارزۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنى بۇنى دەپ باققانلار سىلەر ھازىرمۇ رەڭسىز تېلىۋۇزۇر كۆرەمسىلەر

  • سەلتەنەتلك5منۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    چۈنكى مو دا ئەمەسمۇ

  • 百合1 ھەپتە ئىلگىرى

    قارىغاندا قاش سىزالماي جاپا تارتىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان بىچارە مەنلام ئەمەسكەنمە خېلى جىقكەنمىز.ھى ھى ھى

  • ئېكىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    تورداش < مۇنى > بۇ چاغقىچە يوۋكۇغا چىقىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن سىن كۆرۈنۈشلىرى، تىخى چىقمىغان بولسا خەۋىرى يوللانغان ئىكەن چوقۇم نەچچە كۈنگىچە سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ چىقىپ بولىدۇ، ئۇنداق قاشنى تاۋباۋدىنلا سېتىۋالالامسىز تىخى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号