باش بەت

رىۋايەت

42يوللانما
9مەستانە

شياۋمى شىركىتى تازا زورايغاندىن كېيىن ئەمدىلىكتە زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتامدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 23:06 19 ئىنكاس چۈشتى

ئالدىنقى ماقالىمىزدە شياۋمىنىڭ قانداق قىلىپ باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، ماقالىنىڭ تۈگەنچىسىدە شياۋمىنىڭ بازار ئۈلۈشىنىڭ بارغانسېرى چېكىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بەرگەنىدۇق. شۇنچىۋالا رىۋايەتلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان شياۋمى شىركىتى نېمىشقا تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟ بۈگۈن بىز مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتەيلى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شياۋمى بولسا ئىنتېرنېت ئاساسىدا قۇرۇلغان شىركەت، مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتۈن جۇڭگودا ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بىرى بولسا باھا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئىدى. شۇ چاغلاردا شياۋمىنىڭ ئوخشاش سەپلىمىدىكى باشقا يانفونلارغا باققاندا باھاسى بىر ھەسسە ئەتراپىدا (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا) ئەرزان ئىدى، شۇڭا كەڭ ياشلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن يانفون كارخانىلىرى بۇ سەپكە قوشۇلدى، بازاردىكى يۇقىرى سەپلىمىلىك ۋە تۆۋەن باھالىق يانفون شياۋمىلا بولماي قالدى. تۆۋەندە بىز شياۋمىنىڭ مال چىقىرىش سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:


1. شياۋمى ئەينى چاغدا تۇنجى ئەۋلاد يانفونىنى بازارغا سالغان چاغدا، لېي جۈن ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئالدىن پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىش توختامىغا ئېرىشكەن ھەمدە جىنشەن گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى WPS قاپلان تور كۆرگۈچى، جىنشەن لۇغىتى ۋە ھەر خىل تور ئويۇنلىرى، YY قاتارلىقلاردا ئېلان تارقىتىش ئارقىلىق زور دەرىجىدە ئابونتقا ئېرىشكەن. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر پىشقان كونا ئىنتېرنېت مەھسۇلاتلىرى بولغاچقا، ئابونتلار ئارىسىدىكى نامىمۇ ياخشى ئىدى. بۇنداق كونا داڭلىقلاردا ئېلان بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. 

ئەڭ مۇھىم بولغىنى شياۋمى شۇ ۋاقىتتىكى ئوخشاش سەپلىمىلىك يانفونلاردىن خېلىلا ئەرزان ھەم لايىھەلىنىشى كۆركەم ئىدى.

بىراق باشقا يانفون كارخانىلىرىنىڭمۇ ئويغىنىشى، يېڭىدىن شياۋمى ئوخشاش يانفونلارنىڭ بازارغا چىقىشى بىلەن شياۋمىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى تازا ئاقماي قالدى.

2. ئابونتلار ئاچ قويۇش ئىستىراتېگىيەسىدىن زېرىكىشكە باشلىدى، يانفون توپ سودىگەرلىرىنىڭ شىركەتتىن رايى ياندى.

شياۋمى بۇرۇندىن تارتىپ ئاچ قويۇش ئىستىراتېگىيەسى ئارقىلىق ئابونتلارنى جەلپ قىلىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا لېي جۈننىڭمۇ بۇنداق قىلغۇسى يوق. شياۋمى يانفون ئىشلىتىدىغان زاۋۇت فۇشىكاڭ (ھەممەيلەن ياقتۇرىدىغان ئالما يانفونىنى ۋاكالىتەن ئىشلەيدىغان زاۋۇت) نىڭ بىر قېتىملىق مال ئىشلەشكە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر قېتىمدا 100 مىڭ تال يانفون ئىشلەشنى تەلەپ قىلاتتى (شياۋمى شۇ چاغدا چىقارغان يانفوننىڭ پۈتۈپ چىقىش تەننەرخى 1450 يۈەن بولۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىراقلا 300 مىڭ تال زاكاس بۇيرىغان). شياۋمى يېڭى قۇرۇلغاندا ئۇنچىلىك كۆپ پۇلى يوق ئىدى. لېي جۈن ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ، فۇشىكاڭ بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ مال چىقىرىش كىلىشىمنامىسى ئىمزالاپ ئالدىن %30 پۇلنى تاپشۇرۇپ مالنى ئىشلەتكۈزىدۇ ھەمدە مالنى بىر نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ زاۋۇتتىن ئالماقچى بولىدۇ. (ھېساپلاپ كۆرسەك دەسلەپتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇل يۈز مىليون يۈەندىن ئېشىپ كىتىدۇ). شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ لېي جۈن بېيجىڭدىكى جۇڭگۈنسۈن ۋە شېنجىندىكى خۇاچياڭبېيدىكى يانفون توپ سودىگەرلىرى بىلەن يەڭ ئىچىدە مال تەمىنلەش توختامى ئىمزالاپ ئۇلاردىن ئالدىن زاكالەت ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۇمۇمىي سانى 50 مىڭ تال (بۇ شياۋمى شىركىتىدىن ئۇققان ئىچكى خەۋەر) يانفونغا زاكاز قوبۇل قىلىدۇ (نېمىلا دىگەن بىلەن ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخس ئەمەسمۇ)

شۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە چىققان يانفونلارنى بۇ ئىككىسى (خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن يانفون توپ سودىگەرلىرى) تەمىنلەيدۇ. توردىكى پارچە سېتىۋالغان ئابونتلارغا بولسا ئومۇمىي سانى مەلۇم نۇقتىغا يەتكەندە ئاندىن مال ئەۋەتىشكە باشلايدۇ. مانا بۇ  شياۋمىنىڭ ئاچ قويۇش ئىستىراتېگىيەسىنى ئوينىشىدىكى سەۋەپ. نۇرغۇن ئىستىمالچىنىڭ شياۋمى يانفونىنى ئالغۇسى بولسىمۇ ئالالمايتتى، توردىن پۇل تۆلىگەن تەقدىردىمۇ ئەڭ تېز بولسا ئىككى ھەپتىدە مال ئالالايتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىستىمالچىنىڭ شياۋمىدىن ئاستا-ئاستا رايى يېنىشقا باشلىدى.

بىراق بۇ ئويۇننى ئۇزۇن ئوينىغىلى بولمىدى، باشقا ئەنئەنىۋىي يانفون كارخانىلىرى، مەسىلەن خۇاۋېي، ليەنشياڭ، كۇپەي، جۇڭشىڭ (شۇۋاقىتلاردىكى چوڭاملار)مۇ شياۋمىغا ئوخشاش يۇقىرى سەپلىمىلىك تۆۋەن باھالىق يانفونلارنى بازارغا سالدى. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىمۇ پۈتۈن جۇڭگونى قاپلىغان ئەمەلىي سېتىش تورى بار بولغاچقا، شياۋمىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا يانفونلارنى ئېلىشقا باشلىدى. (ھەرقانچە ياقتۇرىمەن دېگەن بىلەن ئالغىلى بولمىسا يەنىلا بىكاردە)

بۇنىڭدىن باشقا، شياۋمى ھەر قېتىم يېڭى مەھسۇلات چىقارغاندا ئالدىنقى مەھسۇلاتنى باھاسىنى تۆەنلىتىپ سېتىپ ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتقان، مەبلەغ ئوبوروتى ياخشىلانسىلا يانفون توپ سودىگەرلىرىگە مال تەمىنلەشنى توختاتقان. شىركەت تەرەپ باھانى چۈشۈرۈپ توردا ئەركىن زاكاس قىلىشنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن، توپ سودىگەرلىرىنىڭ قولىدا ماللار سېتىلماي بېسىلىپ قالغان. سەل كېيىن بۇ ئىشقا كىرىپ قالغان توپ سودىگەرلىرى نۇرغۇن زىيان تارتقان. شۇنىڭ بىلەن كېيىنچە  شياۋمى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان توپ سودىگەرلىرى ئاساسەن قالمىغان.


3. باشقا يانفون كارخانىلىرى ئۆزلىرىدە يېڭىچە سېتىش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى

مەسىلەن بۇبۇگاۋ گورۇھىنىڭ بالا ماركىلىرى بولغان ۋىۋو بىلەن ئوپپو بولسا ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاپپارات ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك مۇزىكا ئاۋازىغا كۈچەپ ئۆزلىرىنىڭ نىشان خېرىدارلىرىنى بېكىتتى ھەمدە ئەمەلىي سېتىش دۇكانلىرىنى كۆپلەپ ئاچتى، يانفون سودىگەرلىرىگە قارىتا بىر تۇتاش پارچە باھادا سېتىش، يۇقىرى دەرىجىدە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە خېلى چوڭ بازار ئۈلۈشىگە ئېرىشىپ، شياۋمىغا نىسبەتەن بىر خىرىس بولدى.

خۇاۋېي بولسا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى ماركا ئوبرازى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق سودا ھەمكارلىقىغا تايىنىپ ناھايىتى تېزلا نۇرغۇنلىغان «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش» تۈرلىرىگە ئېرىشكەن، ھەرقايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ زاكاسلىرىغا ئېرىشكەن. ئەسلىدىنمۇ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەتقىقات قوشۇنى، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا ئىگە خۇاۋېي شىركىتى ناھايىتى تېزلا شياۋمى، سامسۇڭ، ئالما قاتارلىق شىركەتلەردىن ئېشىپ جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ يانفون سېتىپ چىقىرىش كارخانىسىغا ئايلاندى.

بۇلاردىن باشقا جۇڭشىڭ نۇبىيانىڭ بازارغا كىرىشى، تۇنجى ئەۋلاد ئىنتېرنېت يانفونى مېيزۇنىڭ ئەلى بابانىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىپ قايتىدىن ئويغىنشى قاتارلىقلارمۇ شياۋمىنى سەركەردىلىك ئورنىدىن تەۋرەتتى.

ئوخشاش باھالىق مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىيىشى ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بېرىپ، شياۋمىغا قاقشاتقۇچ زەربە بولدى.


4. مەھسۇلات تۈرى بەك كۆپىيىپ كەتتى

شياۋمى بۇرۇنقى پەقەت يانفون ئىشلەشتىن كۆپىيىپ، كۆچمە توكدان، تاختا كومپىيۇتېر، تېلېۋىزور، خاتىرە كومپىيۇتېر،روتېر ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپ بازارغا سېلىشقا باشلىدى. قارىماققا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىيىشى شياۋمىنىڭ ئېكولوگىيە سېستىمىسى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىستېمالچىلارنىڭ نەزىرىدە شياۋمى بىر يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا، شۇڭا باشقا مەھسۇلاتلىرى تازا بەك ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتەلمىدى. (بولۇپمۇ خاتىرە كومپىيۇتېرى بىلەن تاختا كومپىيۇتېر پەقەتلا ياخشى سېتىلمىدى، ھەتتا شىركەت ئورگان تەرەپ قانچىلىك سېتىلغانلىق توغرىلىق بىرەر تال ئۇچۇر چىقارمىدى)


يۇقارقىلار بولسا كەمىنەنىڭ توردىن ۋە شۇ كەسىپتىكى نوپۇرلۇق كىشىلەردىن يىغقان ماتىرىياللار ئاساسىدە يېزىلغان. بۇ پەقەت شەخسىي قىزىقىش ۋە ئۆگىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىلدى، ھېقانداق ئورۇننىڭ تەتقىقات ياكى باشقا ماقالىدە ئۆرنەك قىلىپ ئىشلىتىشكە، ئىلمىي ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەر بولسا تەنقىدىي پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى: مۇھەممەدجان خېۋىر رىۋايەت

 


 -----------------------ئېلان---------------------


باش سۈرەت تاللاش x
  • 186******802 ئاي ئىلگىرى

    رىقابەت بولمىسا تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ . شىياۋمىنىڭمۇ مۇشۇنداق كۈچلۈك رەقىبلىرى بولغىنى ياخشى. شۇندىلا بىز شىياۋمىنىڭ تىخىمۇ ياخشى لاھىيە بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تىخىمۇ ئىسىل يانفۇنلىرىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن .

  • Banana Phone2 ئاي ئىلگىرى

    قايسى كۈنىدىكى بىر خەۋەردە شىياۋمى 小米 نى تېرىق ياكى گۈرۈچ دەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، شىياۋمى ماركىسىنىڭ لوگوسى بولغان miنىڭ قايسى بىر ئىنگلىزچە خەتنىڭ قىسقارتىلمىسى بولغانلىقق شۇڭا 小米 دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرگەنتىم

  • 135******802 ئاي ئىلگىرى

    ئەمىلى دۇكانلارنى كۆپەتسە شاۋمىنڭ بازىرى يەنە چقىدۇ ئۇنداق بولمايدىكەن راسلا زاۋاللققا يۈزلىنىدۇ

  • ئاندىرو2 ئاي ئىلگىرى

    دىلاشنىڭ دېگىنى توغرا ,米 خېتىنىڭ «گۈرۈچ،تېرىق؛مېتېر» دېگەن مەنىسى بار ،大米 بولسا گۈرۈچنى،小米 بولسا تېرىقنى كۆرسىتىدۇ

  • تەكلىماكانى2 ئاي ئىلگىرى

    كۆپتىن كۆپ رەھمەت

  • ئەزىز2 ئاي ئىلگىرى

    ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ قىزىققان بۇ تىلفۇنغا ئەمدى باشقىچە يول تاپمىسا ماركىسنى بىر ئككى يىلدا ئۇنتۇپ قالدۇ ئستىمالچىلا ھازىر ۋىۋو ئوپو دەك تىلفۇنلا يامراپ كەتتى ۋاكالەتچىلە ئالمىسا قانداق ساتىدۇ ئۇنى بازادا بولمىسا كىم ئالدۇ

  • ئابدۇقاھار2 ئاي ئىلگىرى

    شىياۋمىغا يېڭى نەشىرنى نىمىشقا تارقاتمايدۇ
    سىناقمۇ تۇگگەندۇ miui9نى

  • دىلاش2 ئاي ئىلگىرى

    كىچىك گۇرۇچ ئەمەس تىرىق ،،،
    ئۇنىڭ تىلفۇنى ياخشى بولۇپمۇ باھاسى ،لىكىن ......يوقتىن ياخشى پۇلى بارلارغا ئالما سامسۇڭ يوقلارغا سامسۇڭ ئوپپۇ خۇۋىيلا .

  • دوۋىن2 ئاي ئىلگىرى

    ئەتىلىككە شىياۋمىغا ئىشقا چۈشسىڭىز بولغىدەك

  • سۈرخان2 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان بۇ كىنولارنى ئىشلەۋاتقان چاغدا سامسۇڭ يانفونى ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى ھازىر ئامىرخان سامسۇڭ ئىشلىتىدۇ سامسۇڭ يانفونى ئەڭ قالتىس سامسۇڭ ئىشلىتىدىغانلا بامۇ ھېي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号