باش بەت

ئىدىقۇت887

6407يوللانما
8مەستانە

تايلاندتىكى ئامباردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە مەرھۇم پادىشاھنىڭ سۈرىتى كۆيمەي ساق قالدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 23:27 0 ئىنكاس چۈشتى

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە،تايلاند پاتخۇم تانى ئۆلكىسى (Pathum Thani) دىكى يەر كۆلىمى تەخمىنەن 3200 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ ئامباردا تۇيۇقسىز زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال 10 دانە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ئەۋەتىپ تەخمىنەن بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا نەق مەيداندىكى ئوتنى كونتىرول قىلىۋالغان.

ئىگەللىنىلىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بۇ ئامبارغا نۇرغۇنلىغان يىپيېڭى ئۆي جاھازىلىرى قويۇلغان بولۇپ، ئوت ئاپىتىدە ئامباردىكى بارلىق ئائىلە جاھازىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆيۈپ كەتكەن، لېكىن بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

لېكىن نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئامباردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن 9-ئەۋلاد پادىشاھ بۇمىبول (Bhumibol) نىڭ سۈرىتىلا ئوتتا ھېچنىمە بولماي ساق قالغان.

مەزكۇر ئامبار ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىدا ئىككى قېتىملىق پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق، كەينىدىن تالاغا چىقىپ ئامبارغا ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئوتنىڭ ناھايىتى شىددەت بىلەن يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق».

ساقچى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنى ئامباردىكى كۆمۈر گازى تۇڭىنىڭ پارتلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، لېكىن ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ كونكىرت سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号