باش بەت

خەندان

371يوللانما
39مەستانە

بۈگۈنكى ئۆمۇر يۇلتۇزى-جەنۇبىي ھىندىستان كىنو خانىشى شىرىيا ساران

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 23:33 7 ئىنكاس چۈشتى

شىرىيا ساران(Shriya Saran) ئۇ 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ھىندىستاننىڭ دېھرادۇندا تۇغۇلغان. جەنۇبىي ھىندىستان كىنولىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى كىنو خانىشلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن تىل ھېچقانچە توسالغۇ ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن تېلۇگۇ تىلى، تامىل تىلى ۋە شىمالىي ھىندىستان تىلى، ئىنگىلىز تىللىرىدىكى فىلىملەردە رول ئالغان. ئۇ جەنۇبىي ھىندىستان كىنو ئارتىسى، مودېل ھەم رىياسەتچى.

شىرىيا رانىپۇردا چوڭ بولغان، دېھلى ئاممىۋىي پاراۋانلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. سىرى رام قىزلار ئىنىستىتۇتىدا ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان، شىرىيا كاتاك ئۇسسۇلى ئوينىيالايدۇ، ئۇ بۇرۇن شوبا نارايان قولىدا تەربىيلەنگەن.

شىرىيا مودېللىقتىن كەسپى ھاياتىنى باشلىغان، ئۇ دەسلەپ سودا ئېلانلىرىغا چىققان، مەسىلەن: Brooke bond، Lux ۋە Head & Shoulders چاچ سوپۇن ئېلانلىرى...

2001-يىلى شىرىيا تېلۇگۇ تىلىدىكى فىلىم «Ishtam» دا رول ئېلىپ كىنو ساھەسىگە كىرگەن. گەرچە بۇ فىلىم ئۇتۇق قازىنالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ فىلىم ئارقىلىق ئۇ كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېلىنغان. 2002-يىلى ئۇ « Santosham» فىلىمىدا رول ئالغان، فىلىمدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان. فىلىممۇ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان، شۇ يىلى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى فىلىمدا رول ئالغان ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «Nuvve Nuvve» ۋە« Chennakeshava Reddy».

كېيىن شىرىيا بىر قىسىم داڭلىق چولپانلار بىلەن بىرگە فىلىم ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، بۇ فىلىملەر ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغان. مەسىلەن، 2003-يىلى ئىشلىگەن « Tagore»، 2005-يىلى ئىشلىگەن « Chatrapati».ئۇ 2003-يىلى ئىشلىگەن تامىل تىلىدىكى فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان. مەسىلەن، 2003-يىلى ئىشلەنگەن« Ennaku 20 Unnaku 18» ۋە 2005-يىلى ئىشلەنگەن « Mazhai».

جەنۇبىي ھىندىستان فىلىملىرىدىن باشقا شىرىيا يەنە بىر قىسىم بوللىۋود فىلىملىرىدىمۇ رول ئالغان. مەسىلەن، 2003-يىلى ئىشلەنگەن « Tujhe Meri Kasam»، 2004-يىلى ئىشلەنگەن « Thoda Hum Badlo Thoda Tum»، 2007-يىلى ئىشلەنگەن « Awaarapan» ۋە 2008-يىلى ئىشلەنگەن «Mission Istanbul».

شىرىيا ساران ھازىرچە بويتاق، ئۇ بىر نەچچە يىگىت بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ بىراق پۇرچىقى پىشمىغان. شىرىيا ساران خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى پائال قوللايدۇ، كىچىكىدىن تارتىپ نامرات-يوقسۇللارغا خەيرىخاھلىق قىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇرۇن مۇنداق دېگەن، داڭلىق شەخىسلەر چوقۇم جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، خەير-ساخاۋەت فوندى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك.

ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەرمۇ نامراتلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بۈگۈن شىرىيا ساراننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئېكران ھاياتىدا تېخىمۇ يارقىن سىمالارنى، ئەستىن چىقماس ئوبرازلارنى يارىتىشىغا تىلەكداشمىز!


 ئۇ رول ئالغان فىلىملەرنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرىدىن ئارىيە:

« Drishyam»(ئائىلىنى قوغداش) فىلىمىدىن ئارىيە:


باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇقام يۇرتى1 ھەپتە ئىلگىرى

    راسىت ھەقىقەتە چىرايلىقكەن ، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرۈپ .

  • ئالىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    زىبا نۇرداش مەندە بىرە ئىشىگىز بامىتىيا

  • زىبا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالىم نۇرداش،سز قەشقەرلكمۇ؟؟؟؟؟

  • كاتتاباش1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئارتىس ئاجەينىڭ قوغداش دېگەن فىلىمىدە چىقىدۇ

  • كەلپىن بالىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمدى ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرمىسىمۇ ئۆمۇر يۇلتۇزى بولىدىغان ئىش چىقىپتۇ دە ؟

  • ئالىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمدا چىرايلىق بۇ ئايال ،بەك نازاكەتلىككەن

  • * رامىلە *1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەجەپ چىرايلىق ئايالكەن ،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号