باش بەت

durdana

793يوللانما
19مەستانە

بىزنى ئالدىغان 11 فىلىم تېخنىكىسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 08:00 10 ئىنكاس چۈشتى

1.     نەم ئاسفالىت يول

سىز كىنولاردىكى يولنىڭ ھەمىشە نەم، سىلىق، خۇددى يامغۇر ياغقاندەك تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغانمۇ؟ بۇنداق بولۇشى يولنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇيغۇ بېرىشى ھەمدە قايتقان نۇرنىڭ تېخىمۇ تەبئىي كۆرۈنۈشى ئۈچۈندۇر.

2.  يالغان ئامما

نۇرغۇن فىلىملەردە ۋاقىتلىق ئارتىسلارنى ئىشلىتىپ، مەيداننى توشقۇزىدۇ، ئەمما بۇنداق بولغاندا بەك جىق چىقىم كېتىدۇ، شۇڭا ئازراق ئالاھىدە تېخنىكا ئىشلىتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ، يەنى مەلۇم نۇقتىدىن پايدىلىنىپ بىر بۆلۈك ئادەمنى سۈرەتكە ئالىدۇ، ئاندىن بۇلارنى كۆپەيتىپ مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ، قارىماققا شۇنداق جىق ئادەم باردەك كۆرۈنىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇل يەل ئۇرۇلغان يالغان ئادەملەردىن پايدىلىنىش، «پادىشاھنىڭ نوتۇقى» مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانغان.

3.  سۈت پاراشوكىنى زەھەر ئورنىدا ئىشلىتىش

بۇ مېلامىن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ئەمەس، پاراشوكنى زەھەر دەپ سۈرەتكە ئالىدۇ، ۋىتامىن، سۈت پاراشوكى، شىكەر تالقىنى دېگەنلەرنى ھوللىۋود دائىم ئىشلىتىدۇ.

4.  كۆممىقوناق قان شىرنىسى

كىنولاردىكى قاننى كۆممىقوناق شىرنىسىغا قىزىل رەڭنى قوشۇپ ھاسىل قىلىدۇ، لېكىن ھەممىسىدە چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما نۇرغۇن فىلىمدە يەنىلا شۇنداق قىلىدۇ، رەڭسىز فىلىم دەۋرىدە شاكىلات قىيامىنى قان دەپ ئىشلىگەنىكەن.

5.تېرە رەڭلىك كىيىم

بەزى كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىش ئۈچۈن تېرە رەڭلىك كىيىم كىيىپ، شۇنداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ.

6.  ئەگەر سىز ناھايىتى ساغلام، ئەخلاقلىق دەپ قارايدىغان ئارتىسنىڭ فىلىمدە تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىۋاتقىنىنى كۆرسىڭىز، بەك ھەيران بولۇپ ياكى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ كەتمەڭ، بۇلار ھەممىسى ئاساسەن نىكۇتىن بولمىغان تاماكىدۇر، پەقەت كۆرۈنۈش ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، نېمىلا دېگەنبىلەن بەزىدە بىر كۆرۈنۈشنى نەچچە ئون قېتىم ئالىدىغان گەپ، نىكۇتىنسىز بولسىمۇ، يەنىلا زىيانلىقتە.

7.كىچىكلىتىلگەن ئالاھىدە ئۈنۈم

تەننەرخنى مۆلچەردىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم، نۇرغۇن كىنولاردىكى مەلۇم پارتىلىتىش كۆرۈنۈشلىرىنى مودېللاردىن پايدىلىنىپ ئالىدۇ، قارىماققا كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەنلىرىدىنمۇ راستتەك چىقىدۇ.

8.يېگىلى بولىدىغان ئەينەك

نۇرغۇن كىنولاردا باتۇرلارچە ئەينەكنى چېقىپ ئۆتىدىغان كۆرۈنۈشلەر بولىدۇ، ئەينەك پارچىلىرى ھەممە يەرگە چاچرايدۇ، ئادەم پۇخادىن چىققاندەك بولىدۇ، بۇ ئەينەكلەر ئارتىسلارنى زىيانغا ئۇچراتمايدىغانمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئەينەكلەر كەمپۈت ئەينەك، كەمپۈتتىن ياسالغان بۇ ئەينەكلەر قارىماققا راست ئەينەكتىن پەرقلەنمەيدۇ.

9.ماشىنىدىكى پاراڭ

كىنو كۆرىۋاتقاندا ئالدىدا ئولتۇرغان ئادەم كەينىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىدۇ ياكى چاقچاقلىشىپ، ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇلار بىخەتەرلىكتىن ئەنسىرمەمدىكىنە؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىخەتەر، بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ماشىنا تىنىچ ھالەتتە ئېلىنىدۇ، دېرىزىلىرىدىن كۆرۈنىۋاتقىنى ئېكراندا قويۇلىۋاتقان مەنزىلەر بولۇپ، راست ماشنىا ھەيدەۋاتقان ئۈنۈم پەيدا قىلىنغان.

10.سۈتتەك بۇلۇت

بەزىدە تاشقى پىلانتلىقلارنىڭ ياكى غەلىتە جانلىقلارنىڭ يەر شارىغا كېلىشى بىلەن يەرشارى پارتلاپ كەتكىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل بولىدۇ، بۇنى ئارقا سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار بىر خىل مەخسۇس يالغان بۇلۇت ياسايدىغان توڭلاتقۇ بىلەن ياسايدۇ، ئىچىگە رەڭ ياكى سۈت تۆكىدۇ، ھەتتا ئىچىگە ئۇچار تەخسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قارىماققا راست ئۇچار تەخسىگە ئوخشىتىدۇ.

11.تاۋۇز يېيىش ھەم ئاۋاز ئۈنۈمى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھەمراھ.

ئاۋاز ئۈنۈمى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاۋاز كىرىشتۈرۈش خىزمىتىمۇ ئۆزگىچە، ئۇلار كەڭ دائىرىلىك قورال ئاۋازىنى پوچاڭزا ئېتىپ ھاسىل قىلىدۇ، كىتابنى ۋاراقلىغان ئاۋاز بىلەن قۇشلارنىڭ قانات قاققاندىكى ئاۋاز ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ. ھەتتا تاۋۇزنىمۇ بوش قويمايدۇ، يۈزگە مۇشىت ئۇرۇلغان، بېشى يېرىلغان ئاۋازلار تاۋۇز ئارقىلىق تاماملىنىدۇ، ھەتتا «ھوقۇق ئويۇنى» دا ئەجدىھا تۇخۇمى يېرىلغان ئاۋازمۇ دەل تاۋۇزدىن پايدىلانغان.

قارىماققا كۆزگە چېلىقمايدىغان تەپسىلاتلارغا مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن ئالاھىدە مەخپىيەتلىكلەر يوشۇرۇنغان. كېيىنكى قېتىم كىنو كۆرگەندە تەپسىلاتلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ بېرىڭ، ئويلىمىغان نۇقتىلارنى تېپىۋالامسىز تېخى..

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • سەھرايى6 كۈن ئىلگىرى

    ئۆمەرجان نۇرداش بىلەن مەستانە555 نۇرداشنىڭ ئىنكاسىغا تازا كۈلۈپتىمەن مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالىمەن بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ مەسىلەن ئۇچقۇر ئوغرى2 دە رىتىك روشەن بىلەن ئاشۋارىيا راي باچان سۆيۈشىدىغان كۆرۈنۈش ھەم شۇفىلىمدە ئاشۋارىيانىڭ ئىرى ئابىشېك مۇ بەر تۇرسا ھەم سۈيۈشكىلى تۇغاندا ئابىشىك كىرىپ قالىدۇ ئاچچىقى كەمەيدىغاندىمۇ ياكى پۇل بولغاندىكىن مەيلى دەمۇ يا

  • كونگسېگ6 كۈن ئىلگىرى

    چىڭلۇڭنىڭ ساقچى ھىكايىسى دىگەن كىنوسىدا چىڭلۇڭنىڭ بېشى يېرىلىپ راسلام قان چىقىدىكەن ، شۇنداق يەرلىرنىمۇ ساختا ئالسا بوممامدۇ .

  • كاتتاباش1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋېلسىپىنىڭ ئىزىدا تۇرغۇزۇپ كەينى چاقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ،پىدالنى چۆرۈپ چاقنى ئايلاندۇرۇپ نەچچە ۋاراق قەغەزنى چاق يۈزىگە تەگكۈزسە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقاندىكى ئاۋازىنى چىقارغىلى بولىدۇ

  • دىلاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىللە بولدىغان كۆرنۇشتە ئايال رولچى
    تىرە كىيىم كىيىدۇ ،ئەملىيەتتە كىيىم كەيمىگەندەك بىلنىدۇ ،بىراق ھەممىسى ئۇستىگە تىرە كىيىمى كىيىپ سۇرەتنى پۇتتۇردۇ

  • مەستانە5551 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇنى دەيمەن بىرسىنىڭ ئايالىنى بىرسى سۆيسە …كۆرنۈش ئەپبوغاندىن كىيىن بىر مەيدان مۇشلاش باشلامۇ …

  • 177******271 ھەپتە ئىلگىرى

    تاۋازغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى دېسە ( سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى )

  • دۇنيانى بويسۇندۇرۇش1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلار يۈز بېرىدىكەن.

  • پۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇ يالغاننى راست قىلىشقا تېخنىكا كىتىدۇ، ھەممە كىنو شىركەتلىرى ئىشلەيمەن دەپ ئىشلىيەلمەيدۇ.

  • مەستانە1 ھەپتە ئىلگىرى

    كۈل قىزنىڭ ئادەم نۇسخىسىدا مەن كۆرۈپ قالدىم ھەيكەللەرنى . شاھزادە بىلەن قىز تانسا ئوينىغاندا ئەتراپتىكى بەزىلەر ئادەمكەن ، كۆپرەكلىرى ھەيكەلكەن .

  • ئۆمەرجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھە ئەسلى مۇنداقكەندە كىنو ئىشلەش تىخنىكىسىغا گەپ توغرا كەممىگىدەك ئەمما مۇشۇ كىنولاردىكى سۈيۈشكەن كۈرۈنۈشلەر نى قانداق ئالىدىغاندۇ ؟ بىرسىنىڭ خۇتۇنىنى بىرسب سۈيۈپ كەتسە ئىرىنىڭ ئاچچىقى كەلمەيدىغانمىدۇ؟ ھى ھى ھى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号