باش بەت

ئىدىقۇت887

6487يوللانما
8مەستانە

تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ياردەمچىسى بوران-چاپقۇن توغرىسىدا «يالغان خەۋەر» توقۇپ كۈلكىگە قالدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 23:45 0 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ياردەمچىسى دەن سىكاۋىنو (Dan Scavino) مىكروبىلوگ تورىدا بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىپ، «ئىرما» ناملىق بوران-چاپقۇننىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مىيامى ئايرودرومىنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان، لېكىن كۆزى ئۆتكۈر تورداشلار بۇ رەسىمدىكى ئايرودرومنىڭ مىيامى ئايرودرومى بولماستىن بەلكى مېكسىكا ئايرودرومى ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغان. گەرچە سىكانوۋ كەينىدىن بۇ ئۇچۇرنى ناھايىتى تېزلا ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تورداشلارنىڭ كەلكۈن كەبى تەنقىدىنى توسۇپ قالالمىغان.


سىكاۋىنو زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىكروبىلوگ تورىدا ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشىگە مۇنداق چۈشەندۈرۈش كىرىشتۈرگەنىدى: «مەن ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئالاقە تورىدا زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بېرنىس بىلەن <ئىرما> ناملىق بوران-چاپقۇنغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىنىپ تۇرىمەن. مانا بۇ جاي مىيامى خەلىقئارا ئايرودرومى، كۆپچىلىك بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار».

نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، رەسىمدىكى ئايرودرومنىڭ مىيامى ئايرودرومى ئەمەس بەلكى مېكسىكا پايتەختىدىكى مېكسىكا ئايرودورمى ئىكەنلىكىنى، ئايرودرومدىكى قارا يامغۇرنىڭ يېقىندا ئەمەس بەلكى خېلى بۇرۇن ياغقانلىقىنى ئېيتقان. مىيامى خەلىقارا ئايرودرومىمۇ ئورگان تەرەپ ئالاقە تورىدا بۇ ئۇچۇرغا قارىتا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېگەن:«سىن كۆرۈنۈشىدىكى ئايرودروم مىيامى ئايرودرومى ئەمەس».


سىكاۋىنو كەينىدىن بۇ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورىمىغان. ئۇ قارىماققا بۇ خاتالىقتىكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويماقچى بولغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئۇچۇرنىڭ پۇقرالاردىن تاپشۇرۇۋالغان «ئىرما» ناملىق بوران-چاپقۇنغا ئالاقىدار  ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، «مەن كۆپچىلىكنى  بۇ ئۇچۇردىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈنلا بۇ ئۇچۇرنى تورغا چىقارغان».

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپ ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا سىكاۋىنونى كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قېلىپ قول ئاستىدا ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى تىرامپنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەلۇم گولف توپ مەيدانىدا توپ يىغقۇچى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. مەلۇم خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ھازىر دائىم دېگۈدەك تىرامپنىڭ مىكروبىلوگىنى باشقۇرۇپ بېرىۋاتقانىكەن.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号