باش بەت

kelly

1487يوللانما
67مەستانە

ئامىر خاننىڭ ئەڭ ناچار فىلىملىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 23:24 66 ئىنكاس چۈشتى

ئامىر خان «مۇكەممەلىكنى قوغلاشغۇچى ئەپەندى» دەپ تونۇلغان. ئۇنىڭ كىنو تاللاش ئىقتىدارى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئامىر خان سىنارىيە تاللىغاندا ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلارغىچە كۆڭۈل بۆلىدۇ، كىنونى ئىشلىگەندە بارلىق كۈچى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر قىسىم ئەڭ بازارلىق فىلىملەرنى چىقارغان. ئۇنىڭ ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى فىلىملىرى ئوخشاشلا كەڭ ئالقىشلانغان. بۇ ئامىر خاننىڭ تەڭداشىسز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس. كەسپىي ھاياتىدا ئامىر خان بىر قىسىم ئاپەت خاراكتېرىدىكى فىلىملەرنى تاللاپ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۆۋەندىكىسى ئامىر خاننىڭ ئەڭ ناچار فىلىملىرى

Mela

ئامىر خاننىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ مەغلۇپ بولغان فىلىملەرنىڭ بىرى. بۇ فىلىمدە يا ۋەقەلىك يا كۆرۈنۈش يوق. كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن بىر قورقۇنچلۇق ئەسلىمە. بىز ئامىر خاننىڭ بۇ كىنونى تاللىغاندا زادى نېمىنى ئويلىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ كىنودىكى رولدىن تارتىپ ھېكايىسىگىچە ھەممە نەرسە شۇنچە ناچار. فىلىمدە ئامىر خان شۇنچە كۈچەپ بېقىپمۇ چاقنىيالمىغان. بىز ئويلايمىز بۇ بەلكىم ئامىر خان مەستانىلىرى ئۇنتۇپ كېتىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان فىلىملەرنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن.


«ئۇچقۇر ئوغرى3» بىر بازارلىق فىلىم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ فىلىم ئامىر خاننىڭ ئۆلچىمىگە ئازراقمۇ يېقىن كەلمەيدۇ. بۇ فىلىم ھوللىۋود فىلىملىرى بىلەن پۇت تېپىشىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن فىلىم تەشۋىقات سۈرىتىدىن باشلاپ يېڭىلگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ فىلىم «ئۇچقۇر ئوغرى» يۈرۈشلۈكلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ناچىرى دەپ قارىلىدۇ. ئامىر خان بۇ كىنو سەۋەبلىك نۇرغۇن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق كىنونى تاللايدىغانلىقىنى بىلىشنى خالىدى. لېكىن قارىغاندا ئامىر خان بۇ تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلغاندەك تۇرىدۇ. 

Daulat ki Jung

ئامىر خان ۋە جۇھى چاۋلا ئەڭ نادىر ئېكران بىر جۈپلىرىدىن دەپ قارىلىدۇ، لېكىن بۇ بىر ياخشى كىنو ئۈچۈن ياخشى سىنارىيە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ كىنو ئىككى ئارتىسنىڭ شۆھرىتى ئارقىلىق فىلىمنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ لېكىن تاماشىبىنلار بۇنىڭغا كۆنمىگەن.

Tum Mere Ho

بوللىۋودتىكى ئەڭ ئارقىغا چېكىنگەن فىلىملەرنىڭ بىرى.Tum Mere Hoبىر ئادەمنى ئازابلايدىغان كىنو. بۇ كىنودا يىلان، قۇلۇلە قېپى ۋە مۇبالىغە رول ئېلىشتىن باشقا نەرسە يوق، بۇ كىنودا ھېچقانداق ياخشى نەرسە يوق، بۇ ئامىر خاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىنونى كۆرۈش جەريانىدا كىنونڭ ۋەقەلىكىدىن، دېئالوگدىن بىرەر نەرسىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنىسىزيۇ، لېكىن مەغلۇپ بولىسىز. بۇ كىنو سىزنى ئۆيىڭىزگە سولىنىۋىلىپ، سىرتقا قەتئىي چىقىشنى خالىمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىۋېتىدۇ.  ئىشىنىمىزكى ئامىر خان ھازىر بۇ كىنونى كۆرۈپ قالسا ئوڭايسىزلانغانلىقىدىن يىغلىۋېتىشى مۇمكىن. 

Jawani Zindabad

ئامىر خاننىڭ بۇ فىلىمدە رول ئېلىشقا قوشۇلغانلىقى يەنىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. گەرچە بۇ كىنودا جەمئىيەت مەسىلىسى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇ كىنونىڭ بىرەرسىگە تەسىر قىلغانلىقىدىن گۇمانلىنىمىز.  Jawani Zindabadكىشىدە ناچار ئەسلىمە قالدۇرىدىغان كىنولاردىن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بۇ كىنونى كۆرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، بۇ كىنو مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىش.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • 180******332 ئاي ئىلگىرى

    (ئۇچقۇر ئوغرى3) ئامىرخاننىڭ ئەڭ ياخشى كىنوسى دەپ ئويلايمەن، ئامىر خاننىڭ بۇنىڭدەك ياخشى كىنو ئىشلىيەلىشى ناتايىن.

  • …دىل…2 ئاي ئىلگىرى

    «ئۇچقۇر ئوغرى3» ئەسلىدە ۋەقەلىكى ياخشى كىنو،ئەمما شۇ ئامىرخان بۇ رولغا ماس كەلمىگەندەكلا ھىس قىلىمەن.

  • چوغلۇق2 ئاي ئىلگىرى

    بىرەسىڭلار بىلسەڭلار دەسسىۋىتىڭلا ماۋۇ سۈرخان دىگەن ساراڭنى شۇنداق ياخشى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كىتىپ بارسام چىشىمغا تەگدى ماۋۇ دەلتە

  • سەھرايى2 ئاي ئىلگىرى

    ئاكشاي كۇمار نۇرداشنى قەتتىي قوللايمەن دۇرۇس

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    ئەلى نۇرداش توغراگەپ قىلدىڭىز ئادەمنىڭ گىپىدىنمۇ مىجەزىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  • لەيلى2 ئاي ئىلگىرى

    نىمىلا بوممىسۇن ئامىر ھەممىدىن قالتىس باشقىسى قۇناققۇ ھە

  • شاھرۇكخان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسى ياخشى كىنو ئىشلەيدۇ

  • ئۇچقۇن2 ئاي ئىلگىرى

    دەششەت پەيزىغۇ كىنولىرى مەن شۇنداق ياقتۇرۇپ كۈرىمە يەنە ئىشلىسە دەيمە تېخى

  • مەن2 ئاي ئىلگىرى

    لىكىن بۇ كىنولارمۇ بوللىۋودتىكى ئاتالمىش دەڭلىقلارنىڭ ئەڭ نادىر كىنولىرىدىن جاق ياخشى

  • مەردان2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئۇچقۇر ئۇغرىنى ياختۇرتۇم لىكىن ما ئامىردىگەن گەلدەمە چىقىپ خۇشام ئىلگىركىن كەتتى 3نىڭ پەقەت تاينىيۇق مۇتۇدا ئۇچۇپلا چىقدۇ ما گەلدەمە ،،،،ئامىر دىخماق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号