باش بەت

kelly

1487يوللانما
67مەستانە

فىلىمدە ئەر ئارتىسلاردىن يۇقىرى ھەق ئالغان بوللىۋود ئايال ئارتىسلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 08:00 13 ئىنكاس چۈشتى

Hum Apke Hain Kaun

بۇ بەلكىم بوللىۋودتا ئايال ئارتىس ئەر ئارتىستىن يۇقىرى ھەق ئالغان تۇنجى فىلىم بولۇشى مۇمكىن. سالمان خان ۋە ئانۇپام كېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە 1994-يىلى مادۇرى بۇ فىلىم ئۈچۈن 30 مىليون رۇپىيە ئالغان، ئالىيە بات قاتارلىق ئارتىسلار ھازىرمۇ مۇشۇنچىلىك فىلىم ھەققى ئالىدۇ.

Kurbaan

بۇ فىلىمدە كارېننانىڭ سەيىفدىن يۇقىرى ھەق ئالغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ.

 Piku

ئەر-ئايال باراۋەرلىكى سۆزلەنگەن بۇ فىلىمدە دېپىكا ئامىتابدىن يۇقىرى ھەق ئالغان. ئامىتاب باچچان بۇنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ دېپىكادىن ئۆزىنىڭ يۇقىرى ھەق ئالغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ھەمدە دېپىكانى بۇنىڭغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Katti Batti

خەۋەر قىلىنىشىچە كانگانا بۇ كىنو ئۈچۈن 110 مىليون رۇپىيە ئالغان ھەمدە بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى بوللىۋودتىكى فىلىم ھەققى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسقا ئايلانغان. كىنو ساھەسىدە ئۈزۈپ چىقالمىغان ئىمران خان خېلى تۆۋەن ھەق ئالغان.

Padmavati

قويۇلۇش ئالدىدىكى فىلىمى «Padmavati»دە دپېىكا 130 مىليون رۇپىيە ئالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىكى ئەر ھەمكارلاشقۇچىسى شاھىد كاپور ۋە رانۋېر سىڭدىن كۆپ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋاز بېرىڭ دەپ مەن (سىز سەت زۇۋانغا ئۆتۈندۈممۇ ؟) ئاۋاز ئارتىسلىرىمىزغا دىدىم مەن . ئارلاشماڭ سىز قىزىقمۇ بۇ

  • زىلالە2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي يىگانە نۇرداش ئۇنچە بەك كايىپ كەتمەڭ .
    مەستانە مۇ يامان گەپ قىمماپتىغۇ نىمداق قىتغۇر ئادەملە بادۇ دەيمە

  • ئەنجىلىنا جۇلى2 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاننىڭ 20رۇپىيەسى بىزنىڭ 4كويغا تەڭ ئىكەن ئۇلار بىركۈن جان باقالايدۇ 20روپىيەگە

  • دىلاش2 ئاي ئىلگىرى

    پىكۇ دىگەن كىنونى كۆرگەن خلىى قالتىس بەك تەبىي ئىشلەنگەن كىنو ئىرفانخانمۇ رول ئالىدۇ ،مەن بەك ياقتۇرغان ئۇ كىنونى ،،

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    ھېلىقى شەھىدە نىڭ قىزىق ھە ، سالمانخان بىلەن كارىنا كاپور ئون روپىيەنى پارچىلىيالماي تالىشىپ ھې ھې

  • يىگانە2 ئاي ئىلگىرى

    مەستانە سىز ھىندىستاننىڭ مەستانىسى بولغاندىكىن ئۇلار تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بەرمىسە ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بىرىڭ، بۇلارغا نىمىشقا ئانداق قىپ بەرمەيسىلەر مانداق قىپ بەرمەيسىلەر دىگۈچە ،سىز بۇلارغا ھەق بىرەمتىڭىز ياكى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭىز بامىتى

  • كاتتاباش2 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستان رۇپىيەسى جۇڭگو پۇلىدا بىر موچەنگە تەڭ ،11 رۇپىيە بىر يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ

  • eynek2 ئاي ئىلگىرى

    ئا。كۆزنەكتىن كۆرەلەيسىز شۇ ئەپنى سىناپ بېقىڭ

  • ؟؟؟؟؟؟؟؟2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ كۆڭلۈمنى بەك ئاغرىتتىڭىز ئۈۈڭىزگە ئوخشىماي قېلۋاتسىز

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    پىكۇ دىگەن كىنونى نىمىشقا تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بەرمەيسىلەر ....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号