باش بەت

دەۋران

579يوللانما
26مەستانە

سۇ جانلىقلىرى بۆلۈمىگە ئەكەلگەن ئاق لەھەڭ 3 كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ قالدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 10:07 2 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاق لەھەڭ دېسە نۇرغۇن كىشىنى سۈر باسىدۇ، چۈنكى ئاق لەھەڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۆشخور لەھەڭ ۋە ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك يىرتقۇچ ھايۋان. گەرچە ئۇلارنىڭ ناھايىتى سۈرلۈك ئىسمى بولسىمۇ، لېكىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشتەك تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن Okinawa Churaumi سۇ جانلىقلىرى بۆلۈمى تۇنجى بولۇپ ئاق لەھەڭنى بېقىپ كۆپەيتمەكچى بولغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن 3 كۈندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان پاجىئە يۈز بەرگەن.

بېقىپ كۆپەيتمەكچى بولغان ئاق لەھەڭ 3 كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ قالغان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، ئاق لەھەڭ سۇ جانلىقلار بۆلۈمىگە دەسلەپتە كەلگەندە ناھايىتى جانلىق بولۇپ، كېيىنكى نەچچە كۈندە يېمەك يېيىشنى ئىزچىل رەت قىلغان ئىكەن.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر: «ئاق لەھەڭنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئۇنىڭ سۇ جانلىقلار بۆلۈمىدە ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى سۇ جانلىقلىرى بىلەن ياشىغانلىقىدا، ئاق لەھەڭلەر ئوخشىمىغان بوشلۇقتا دېڭىز سۈيىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ئارقىلىق ساقاقسىمان بۆلۈنۈپ نەپەسلىنىدۇ» دېگەن.

ئاخىرىدا بۇ ئاق لەھەڭنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن دۇنياغا ساۋاق بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن سۇ جانلىقلار بۆلۈمىدە ئاق لەھەڭ بېقىپ كۆپەيتىش چەكلەندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەمىنجان2 ئاي ئىلگىرى

    ئاق لەھەڭ بولسا نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان يىرتقۇچ بېلىق، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن پۈتۈن دۇنيا چۈچۈيدۇ. ياتقان يىرى دېڭىز ئوكياندا بولسۇن بۇ لەھەڭنىڭ

  • ئەرۋاھ☘️2 ئاي ئىلگىرى

    بىر لەھەڭنىڭ ئۇلۇمىدىن پۇتۇن دۇنيا ھەيران قالدىما

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号