باش بەت

del103

3896يوللانما
18مەستانە

يېڭى iPhone ئېلان قىلىنىش ھارپىسىدا ئالما پايچېكى ئۆسۈپ كەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 10:12 3 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«بايلىق» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن كەچ سائەت 11:00دە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈچ خىل پۈتۈنلەي يېڭى iPhone ۋە يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنى ئېلان قىلىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ بۇ كاتتا پائالىيىتىگە قارىتا مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايىتى ئۈمىدۋار. ئامېرىكا ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى ئالما شىركىتى كالىفورنىيە كۇپېرتىنو (Cupertino) شەھىرىدىكى ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى باش ئىشتاب بىناسىدىكى جوبىس تىياتىرخانىسىدا (Steve Jobs Theater) بۇ كاتتا پائالىيىتىنىڭ ھارپىسىنى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن. بۇ ئىشتىن كىيىن ئالما پايچېكى باھاسى 161.50 دوللارغا چىقىپ، ئالدىنقى كۈنگە قارىغاندا %1.8 ئۆسكەن.

بىراق، يۇقىرىقى باھا ئالما پايچېكى ئالدىنقى ئايدا ياراتقان 164.94 دوللارلىق يۇقىرى نۇقتا بىلەن تەڭلىشەلمىگەن.

بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئالما شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ شىركەتكە زور پايدا يارىتىپ بېرىۋاتقان iPhone ماركىسى ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالما شىركىتى iPhone X دەپ ئىسىم قويۇلغان يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone نى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، باھاسى 1000 دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يېڭى نۇسخىدىكى ئالما يانفونىغا OLED ئېكران ئىشلىتىلگەن، سىمسىز زەرەتلەش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلغان.

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭىچە لايىھە قوللىنىلغان ئالىي دەرىجىلىك iPhone X يانفونى بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنىدىغان يەنە ئىككى خىل يېڭى نۇسخىدىكى iPhone باركەن، بۇلار iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد iPhone نىڭ داۋامى ھېسابلانغاچقا، لايىھەسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن.

ئالما شىركىتى يەنە يېڭى نۇسخىدىكى Apple Watch ئەقلىي قول سائىتىنى ئېلان قىلىدىكەن، بۇ قول سائىتى تورغا ئۇلىنىش ۋە ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد نۇسخىسىغا قارىغاندا خېلىلا كۈچىيىدىكەن، ئايفونغا بېقىنمايدىكەن.

يېڭى ئەۋلاد iPhone سامسۇڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان Galaxy Note 8 يانفونىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. Galaxy Note 8 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن تېخنىكا باھالىغۇچى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، ئۇلار بۇ يانفوننى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان ئەڭ ياخشى ئاندىرويىد يانفونى دەپ ماختىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ÐãЯT正在删除中2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ ilphone x دىگىنى نىمدا كۆرۈمسىز راسلا ئاشتاق چىقىپ قاسا بەلكىم ئىستىمالچىلارغا ياقماسلىقى مۇمكىن ،مىنىڭ ئويۇم ئەمدى

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    iPhone x دىگىنى بۇلىدىغاندەك تۇرىدۇ . قاچان بازارغا سېلىنار

  • ئوي2 ئاي ئىلگىرى

    سامسوڭ غەمگە پاتىدەۈئەمدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号