باش بەت

del103

3754يوللانما
9مەستانە

ئالما iPhone Xدىن كۈنىگە ئون مىڭ دانىمۇ ئىشلەپچىقىرالمايۋاتىدۇ

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 10:50 1 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

KGI ئاكسىيە ئورگىنىنىڭ داڭلىق بازار تەھلىلچىسى گو مىڭجى يىقىندا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى iPhone Xنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈنىگە 10 مىڭ دانىگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ OLED ئېكرانلىق يېڭى بىر ئەۋلاد iPhoneنىڭ خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە «ئېغىر مال يېتىشمەسلىك» ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

گو مىڭجىنىڭ دېيىشىچە، OLED ئېكرانلىق iPhoneنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىڭ دانىدىن ئاز بولۇشى ئاساسلىقى زاپچاس تەمىنلەش يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىكەن. بۇندىن باشقا، مۆلچەرلىنىشىچە iPhone Xنىڭ ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسىنى ئىشلەپچىقىرىش بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، بۇ خىل نۇسخىسىنىڭ بازارنى مال بىلەن تەمىنلىنىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شۇڭا دەسلەپكى مەزگىللەردە پەقەت ئىنتايىن چەكلىك مىقداردا بازارغا سېلىنىدىكەن، ھەتتا كېچىكىپ بازارغا سېلىنىش ئېھتىماللىقىمۇ باركەن، ئەمما باشقا نۇسخىلىرىدا بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەيدىكەن.

گومىڭجىنىڭ قارىشىچە، iPhone Xنى بازار سېلىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئالما شىركىتى ۋە ئۇنىڭ مال تەمىنلىگۈچىلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانچە ئېغىر بولمايدىكەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، OLED ئېكرانلىق iPhone نىڭ ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭىچە رەڭ ئۇسلۇبى بولۇپ، ھازىرقى سېرىق ئالتۇنرەڭ ۋە قىزغۇچ ئالتۇنرەڭگە قارىغاندا تېخىمۇ قېنىق ئىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئاشكارىلانغان iOS 11 GM نەشىرىنىڭ سىستېما كودىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى «ھال ئالتۇنرەڭ»لىك ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن 3-ئەۋلاد ئالما قول سائىتى Apple Watch Series 3نى ئېلان قىلىدىكەن، گو مىڭجى ئېيتقان يېڭىچە ئالتۇنرەڭ بەلكىم مۇشۇنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، گو مىڭجى يەنە يېڭى ئەۋلاد بايراقدار دەرىجىلىك iPhoneنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئۇنىڭدىكى 3D سېنزورىنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 13-سېنتەبىر سەھەردە كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئۈچ خىل يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە OLED ئېكرانلىق يۇقىرى سەپلىمىلىك iPhone X ۋە باشقا ئىككى خىل LCD ئېكرانلىق يېڭى نۇسخا iPhone، يەنى iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus قاتارلىقلار بار. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن سىرت يەنە 4K فىلىملەرنى قويالايدىغان يېڭى نۇسخىدىكى Apple TV ۋە LTE نۇسخىدىكى Apple Watch (ئالما قول سائىتى) قاتارلىقلارمۇ كەم بولمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇلتۇزىباياتىن

    ئايفون ئېكىسنى ئالىمەن دەپ قولۇمدىكى 7پىلاسنى ئۇنى بۇنى قىلىپ سېتىۋەتكەن ئىدىم ، باھاسى 10مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقسا قوبۇل قىلالايمەن ۋە بۇ باھانى نورمال دەپ قارايمەن ، نېمىلا بولمىسۇن ئالما دېگەن يەنىلا ئالمىدە كاساپەت، كۆرۈنمە يۈزى بەك ئېسىل چىقىپتۇ ، ماڭا بەكلا يارىدى ئىشقىلىپ .ھى ھى ھى ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号