باش بەت

ئادىلجان

6791يوللانما
69مەستانە

ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدا مال باھاسى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئەرزان

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 11:15 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەميانىنى قۇرۇغداۋاتقان كوچ (coach)، نايك (Nike)، ئادىداس (Adidas) قاتارلىق داڭلىق ماركىلار گەرچە ئۆزىگە made in China (جۇڭگودا ياسالغان) دېگەن خەتنى يېزىۋالسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدا پاخال نەرقىدە سېتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارغان جۇڭگولۇقلار تاللا بازارلاردىن چىقالماي قالىدۇ. 

ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىستېمال سەۋىيەسى مال باھاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەۋىنىڭ «PK سەھنىسى» ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن بىز بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتتىكى تاللا بازارلاردىكى ماللارنىڭ قايسىسىنىڭ بەكرەك ئەرزان ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى. 

ئالدى بىلەن گۆش مەھسۇلاتلىرىغا قاراپ باقايلى. مەيلى جۇڭگودا بولسۇن ياكى ئامېرىكىدا بولسۇن چوشقا، كالا، قۇش، توخۇ گۆشلىرى كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىدىغان گۆشلەر ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا بىر قاداق ئېسىل كالا گۆشىنىڭ باھاسى 3.99 دوللار، يەنى تەخمىنەن يېرىم كىلوسى 28 يۈەن. 

دۆلەت ئىچىدە بولسا دۆلەت ئىچىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوسىنىڭ باھاسى 70-80 يەن ئەتراپىدا، ئىمپورت كالا گۆشىنىڭ بىر كىلوسىنىڭ باھاسى بولسا ئاز بولغاندا 100 يۈەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسمى توڭلىتىلغان گۆش. 

باھاسى ئەرزانراق بولغىنى توخۇ گۆشى بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قاداق توخۇ گوشىنىڭ باھاسى 1.69 دوللار، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا بىر كىلوسى 24 يۈەن. جۇڭگو تاللا بازارلىرىدا بولسا توخۇ گۆشىنىڭ ھەر كىلوسىنىڭ باھاسى 26-30 يۈەن. 

چوشقا قوۋۇرغىسى ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، چوشقا قوۋۇرغىسىنىڭ ھەر كىلوسىنىڭ ئامېرىكىدىكى باھاسى خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 26 يۈەن، جۇڭگو تاللا بازارلىرىدا بولسا 46 يۈەن ئەتراپىدا. 

يىغىنچاقلىغاندا، گۆشلەر ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدا كۈچلۈك بازا ئۈستۈنلىكىگە ئىگە، ئۇنداقتا مېۋە-كۆكتاتلارنىڭ باھاسىچۇ؟

ئامېرىكىدا بىر قاداق قىشلىق موگۇنىڭ باھاسى 3.99 دوللار، تەخمىنەن 28 يۈەن، بۇنى دۆلەت ئىچى تاللا بازارلىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا قىممەت. 

بىر قاداق شاپتۇلنىڭ ئامېرىكا تاللا بازىرىدىكى باھاسى 2.969 دوللار، تەخمىنەن بىر كىلوسى 46 يۈەن، دۆلەت ئىچىدە بولسا بىر كىلوگىرام شاپتۇلنىڭ باھاسى 14-16 يۈەن ھەمدە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئازراق ئۆرلەپ-تۆۋەنلەپ تۇرىدۇ. 

بىر قاداق پەمىدۇرنىڭ ئامېرىكا تاللا بازىرىدىكى باھاسى 1.99 دوللار، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا بىر كىلوسىنىڭ باھاسى 28 يۈەن، دۆلەت ئىچىدە بولسا بىر كىلو پەمىدۇرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك 2-4 يۈەن، باھا پەرقى بەكلا چوڭ.

ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدا ھەتتا بىر تال تەرخەمەك 69 سېنت (تەخمىنەن بەش يۈەن)گە سېتىلىدۇ، ئامېرىكىلىقلار جۇڭگو بازارلىرىدىكى بىر كىلوسى 4 يۈەنلىك تەرخەمەكنى كۆرۈپ قانداق تۇيغۇدا بولىدىغاندۇ؟

يېمەكلىكتىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان چىقىملارنىڭ بىرى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان چىش پاستىسى ئامېرىكىدا ئۈچ دوللار ئەتراپىدا، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 20 يۈەن، كىچىك سىغىمدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ باھاسى تۆت دوللار، تەخمىنەن 28 يۈەن. جۇڭگودا ئوخشاش ماركىدىكى چىش پاستىسىنىڭ باھاسى 15 يۈەن ئەتراپىدا، ئوخشاش سىغىمدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ باھاسى 20 يۈەن. 

ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدىكى تاۋارلار ئىچىدە گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارنىڭ باھاسى دەرۋەقە دۆلەت ئىچىدىكىدىن ئەرزان، ئەمما مېۋە-كۆكتاتلار ۋە كۆپ قىسىم كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى دۆلەت ئىچىدە ئەرزانراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرىمۇ تولۇق، ئۇنداقتا ئامېرىكىدا ھەممە نەرسە ئەرزان دەيدىغان پاراڭلار ئەمەلىيەتتە يالغانمۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئىستېمال كىرىمگە ماس بولۇشى كېرەك، نوقۇل ھالدا مال باھاسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر رايوندىكى مال باھاسى سەۋىيەسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 دوللار، ئۇلارنىڭ كىرىمىگە نىسبەتەن تاللا بازارلاردىكى بۇ تاۋارلارنىڭ باھاسى دەرۋەقە قىممەت ھېسابلانمايدۇ. 

كىرىمگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدىكى مال باھاسى يەنىلا نىسبەتەن ئەرزان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىمۇ نسىبەتەن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى ئۇزۇن يىل تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1990-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئامېرىكىدىكى پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى ئاساسەن نۆل بولغان؛ 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق CPIسى ئىزچىل %2 ئەتراپىدا تەۋرەنگەن. 

بۇنىڭ سەۋەبى ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا باج ئاساسلىقى بىۋاستە يىغىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوبوروت ھالقىسىدىكى باج تاپشۇرۇش ئەھۋالى ئازايتىلغان. ئېلىمىز بولسا تاۋار ئوبوروت ھالقىسىدا باج يىغىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋاستىلىق باج ساھەسىدە يىغىلىدىغان باجنى بىۋاستە ئىستېمالچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئېلىمىزدە مال باھاسى نىسبەتەن قىممەت. 

ئىككىنچىدىن، دۇنيادىكى داڭلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى دوللار بىلەن ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تەبىئىيلا خەلقئارادىكى داڭلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكىدا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، ئۆز-ئۆزىنى قامداپلا قالماي، يەنە كۆپ مىقداردا ئېكىسپورت قىلىدۇ، شۇڭا دېھقانچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى قىممەت ئەمەس. 

ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا تاۋار ئوبوروتىدا ئاساسلىقى تاش يولغا تايىنىدۇ، تېخىمۇ پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ئامېرىكا تاش يوللىرىدا ھەق ئېلىنمايدۇ، تاۋارلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى جەريانىدىكى تەننەرخى تۆۋەن، شۇڭا تاۋارلارنىڭ باھاسىمۇ تەبىئىيلا تۆۋەن. 

تۆتىنچىدىن، ئامېرىكىدىكى چوڭ دېھقانچىلىك مەيدانىدا تۈركۈملەپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ مەھسۇلات مىقدارى ئاشۇرۇلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەينەك2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلارنىڭ نۇپۇسىمۇ بىر مىليارتدىن ئاشسۇن شۇچاغدا كۆرىمىز مال باھاسىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى

  • خال2 ئاي ئىلگىرى

    نەدە ئەرزان ھىي ئەرزان دەيدا

  • دىلىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئامېركىدا ھەممە نەرسە ئەرزان ئىكەنغۇ ؟ ئامېركىدا مانچە دوللار، جوڭگودا مانچە يۈەن دەپ سېلىشتۇرۇپ يۈرمىسىمۇ ئامېركىلىقلار خەلق پۇلىغا ئىشلىمەيدۇ دوللارغا ئىشلەيدۇ ،چىش پاستىسى تۆت دوللار ئۇلار ئۈچۈن تۆت يۈەننىڭ ئورنىدا، بىز ئۈچۈن 28 يۈەن بولغىنى بىلەن، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئەرزان،

  • بوران ئوغلى2 ئاي ئىلگىرى

    مىۋە-چىۋە كوكتاتلار قىممەت بولسىمۇ .خېمىيىلىك دورىدىن خالىي ،زىيانسىزدە ئادەمگە

  • بەرىبىر2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلارنىڭ تاپىدىغان پۇلىنمۇ خەلى پۇلىغا سۇندۇرۇپ ئاندىن سىلىشتۇرساق ئەقىلگە مۇۋاپىق، مال باھاسىنىڭ قىممەت ئەرزانلىقى خەلىقنىڭ كىرىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号