باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

يېڭى iPhone بەك قىممەت بولغاچقا جۇڭگولۇقلار سېتىۋالالماسمىش

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 12:00 74 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئون يىللىق خاتىرە نۇسخىدىكى 8 iPhone بۈگۈن كېچە ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىر ئىگىلىگەن مىش-مىش پاراڭلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلقى iPhone «قىممەتلىكتە يېڭى پەللە يارىتىدۇ» دېيىشكە بولىدىكەن. يېقىندا، رېيتېر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى iPhoneنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىشى ئادەتتىكىچە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بەك قىممەت بولغاچقا جۇڭگولۇقلار سېتىۋالالمايدۇ.»

خەۋەر قىلىنىشىچە، iPhoneنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى ئۇدا ئالتە پەسىل تۆۋەنلەپ كەتكەن، ھازىر ئالما جۇڭگو بازىرىدىكى 5-ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ، خۇاۋېي، ئوپپو، ۋىۋو ۋە شياۋمىلارنىڭ ئارقىدا قالغان، بازار ئۈلۈشى 2015-يىلدىكى %15دىن ھازىرقى %9گە چۈشۈپ قالغان. 

فوربېسنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone 6 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن iPhoneنىڭ دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار تېخىمۇ چوڭ ئېكران ناھايىتى ياقتۇرغان. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلاتلارنىڭ سىرتقى شەكلىدىكى ئۆزگىرىش كۆرۈنەرلىك بولمىغاچقا، ئابونىتلارنى ئانچە جەلپ قىلالمىغان. بولۇپمۇ iPhone 7 يۈرۈشلۈكىنى چەتئەل تاراتقۇلىرى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مەغلۇبىيەتلىك مەھسۇلات دەپ قارىغان، چۈنكى يېڭى مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان سىرتقى شەكلى بىر ئېغىر خاتالىق ئىدى.

پۈتۈن ئېكراننىڭ ئىلتىپاتى بىلەن iPhone Xنىڭ سىرتقى شەكلىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سىمسىز زەرەتلەش، چىراي پەرقلەندۈرۈش، OLED تاختا قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى بار، بولار جۇڭگولۇق ئابونتلارنى جەلپ قىلىشقا يېتەرلىك. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ بەك قىممەت.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگولۇقلار iPhone Xنىڭ مىڭ دوللارلىق باشلىنىش باھاسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئابونىتلار باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن سېتىۋالىدىكەن. رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىككى جۇڭگولۇقنى ئىختىيارىي زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە iPhone Xنىڭ باھاسىنى قوبۇل قىلىش تەس بولۇپ، باھاسىنى چۈشكەندىن كېيىن ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋالىدىكەن. بىراقچەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلاپ قاپتۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى يېڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندا، يەنە بىر قېتىملىق يانفون ئالماشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ABC1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنمۇ دىدۇق بۇنمۇ دىدۇق نىمە يېڭى چىقسا شۇنى ئېلىۋەرمىگلۇق ،ئامىركىلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ،تېخىچە كونۇپكىلىق تېلفۇندىكەن ،نىمىشقا ئۆز دۆلتىدە ھەممىنى سېتىپ تۈگتىۋەتمەيدىكنە،مىنىڭمۇ قولۇمدىكسى ئالما 6،يېڭنى سېتۋالاممايمەن ئەمەس ،سېتۋالمايمەن ،پۇل تاپقىلى بۇلدىغان ئىشلارغا مەبلەغ سېپ قوياپ ،ئالما 10چىققىچە سەۋىر قىلمەن

  • كۈسەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنچىمۇ ئالالمايدىغانلا جىق ،مەن ئۈزەممۇ يىمەكلىك ماي تىجارىتى قىلىمەن نەچچە يىلدىن بىرى ئىقتىساد چىكىنىۋاتسا ، خەقتە پۇل قالمىغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە ئەرزىنىغا يۈگۈرەيدۇ . ئىككى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئامباردا چىگىت مىيى دىگەندەك ئەرزان مايلا ئۆتمەيتتى ، سالامەتلىككە زىيان قىلىدۇ دەييتتى ،تۇساتتىنلا شۇ ئەرزان مايلا خەقنىڭ سالامەتلىكىگە پايدا قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى . ئارتۇق باھانە ھاجەتسىز . ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگا بىلىدۇ ، ئەخلەتنىڭ قەدرىنى پەگا .......

  • ak boz atem1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇيىل دۆلتىمىزدە ئالمىنىڭ سىتلىش مىقدارى بەك تۇۋەللەپ كەتي ئەمەسمۇ شۇ چىديامماي شۇندا دەيدۇدە ئەمدي

  • OPPO R91 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا ، دىگەن شۇدە ئالاممايدۇ ئەمەس ئاممايدۇ ، ھازىر دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى ئالمىنى بېسىپ چۈشىدۇ ،

  • كۆڭلۈم1 ھەپتە ئىلگىرى

    2مىڭ كويلۇق تىلپوننى تۆت يىل يەتمەيدۇ دەپ بىرەسى تەجىربە قىلىپ بەرگەنما

  • 130******021 ھەپتە ئىلگىرى

    خەقنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋەرمىگەن ياخشى،ئۇلار بىزنىڭ مۇشۇ خىل پىسخىكىمىزدىن پايدىلىنىپ كىتىۋاتىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ يانفۇنلىرىمۇ ھازىركۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ ،تېخنىكىسىمۇ ئىلغارلىشىپ كىتىۋاتمامدۇ؟قولمۇ ئىچىگە ئىگىلىدۇ،دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ....

  • ئاچىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    دولىتىمىز تىلپونلىرى ياخشى دەپ ئويلايمەن ،ئالمىنىڭ دەۋرى ئوتتى ، ئوپپو شاۋمى تىلپونلىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ، ئالمىنىڭ توكىمۇ ئوپپونىڭ يىرىمچلىكمۇ ئەمەس بالدۇر تۇگەيدۇ ،ئوپپونىڭ تۇكىمۇ ياخشى بىر پىرسەن توك بىلەن ھاجىتڭزدىن چىقالايسز ،يولدا قالسىڭزمۇمۇھىم ۋاقتلاردا جانغا ئەسقاتىدۇ

  • ئومەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    4 مڭ كويلۇق ئالمنې 4 يېل تۇتۇپ يەنە ئشېتېۋاتمە ئدشم 4يلدا 2مڭ كۇيلۇق تېلفندن 3ئلماشتۇرۇپ ۇلدې پولغا چۇشلۇق ھەممە نەسە

  • KaWRoL1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنچە يانچۇققا قاراپ ئاسا ياخشىراق مىكى ئاتا ئانىسغا جاپا سېپ

  • Banana Phone1 ھەپتە ئىلگىرى

    بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دەپ قويۇڭ، خەھ بەزىلەرنىڭ ئاران بويى يىتىۋاتقان «شاپتۇل» پىقىرنىڭ ئاياغ ئاستىدا بولسىمۇ قاراپمۇ قويمايدۇ، چۈنكى ئەرزىمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号