باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2694يوللانما
19مەستانە

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خانقىزى» چېمپىيونى تىرامپنى تەنقىد قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 12:03 0 ئىنكاس چۈشتى

چەتئەل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 23 ياشلىق كارا مۇند ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى ئاتلانتىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خانقىزى» مۇسابىقىسىدە تاجدار بولدى. ئەمما، كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېرى، ئۇ شۇ كۈنى كېچىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا «جەڭ» ئېلان قىلدى، تىرامپنىڭ «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. 

ئامېرىكا «فوكۇس ئاخباراتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خانقىزى» مۇسابىقىسىدە تاجدار بولغان بۇ قىزچاق، شىمالىي داكوتا ئىشتاتىغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقانىكەن. مۇخبىر مۇسابىقە سەھنىسىدە ئۇنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ زۇڭتۇڭ تىرامپنى تەنقىد قىلىپ: «<پارىژ كىلىمات كېلىشىمى> دىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ ئۆزى زور خاتالىق» دېگەن. 

ئۇ: «بۇ ناھايىتى بىمەنە قارار بولدى. ھازىر كىلىماتنىڭ ئىللىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدىغانلار ئىسپاتلار ساماندەك، شۇڭا بىز سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئامېرىكىنىڭ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى پارنىڭ گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. مېنى تىرامپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىدىن قورقامدىكىن دەپ قالماڭلار. ئامېرىكا خانقىزلىرىنىڭ مۇستەقىل كۆزقارىشى بولۇشى لازىم، شۇنداقلا يەر شارى كىلىماتىنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش ھوقۇقى بار» دېگەن. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خانقىزى» مۇسابىقىسىنىڭ «خانقىز» تاللايدىغان باشقا مۇسابىقىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، ماھىرلارنىڭ سەنئەت تالانتىغا ۋە بىلىم قۇرۇلمىسا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن. 

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى» نىڭ خانقىزى بولۇپ تاللانغان بۇ قىزنىڭ تىرامپنىڭ قارارىغا غەزەپلىنىشى «يالغۇز قالغان» ئەمەس. يېقىنقى كۈنلەرنىڭ بېرى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى كۈچلۈك ئۇراگاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇراگان—يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى پەيدا قىلغان يامان ئاقىۋەتكەن. بۇ قېتىملىق ئۇراگاندا كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار تىرامپتىن: «زۇڭتۇڭ ئەپەندىم، سىز يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى جۇڭگو پەيدا قىلغان ئالدامچىلىق دېيەلەمسىز؟» دەپ سورىغان. 

2012-يىلى تىرامپ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېرىدا مۇنداق بىر يازما يوللىغان: «يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى دېگەن ئۇقۇمنى جۇڭگو توقۇپ چىققان، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىقىنى رىقابەت كۈچىدىن مەھرۇم قىلىشتىن ئىبارەت». 

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تىرامپ ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ شۇ چاغدا: «<پارىژ كىلىمات كېلىشىمى> ئامېرىكىنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ چەكلەش كۈچى يوق بۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىدۇ» دېگەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى يەر شارى كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى تۈزەش قارالمىسىغا ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلغان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىرامپنىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. 

«پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» «كىيوتو كېلىشىمى» گە ۋارىسلىق قىلغان، قانۇنىي چەكلەش كۈچى بار ئىككىنچى كېلىشىم ئىدى، ئۇنىڭدا 2020-يىلدىن كېيىن يەر شارى كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا دائىر تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号