باش بەت

durdana

826يوللانما
23مەستانە

ياپونلۇقلارنىڭ كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان 10 ھېكايىسى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 12:30 8 ئىنكاس چۈشتى

1. ياپونىيەدە بالىسى بار ئانىلار ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا بالىنى تامغا چاپلانغان يۇمىلاق ئورۇندۇقىدا مۇقىملاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئانىسى بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قىلىپ قويىدىكەن، بۇنداق بولغاندا بالا ئانىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە بولىدىغان بولۇپ، بالىمۇ بىخەتەر تۇرىدىكەن، ئادىمىيلىككە يېقىن قىلىنغان لايىھە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتىدۇ.

2. ياپونىيە توكيودا بىر كوچىدا قارىماققا ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنىدىغان بىر تۈگرەخانا بار، غوجايىننىڭ ئىسمى ئىنوئۇئې جوھىرۇ بولۇپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورسىقىنىڭ تويمايدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارغان:«تاماق يېيىشكە پۇلى يوقلار 30 مىنۇت قاچا يۇيۇپ بەرسە، ھەقسىز تويغۇدەك تاماق يېيەلەيدۇ.» 30 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن كۈنلىرىدە قورسىقىنى توقلىۋېلىشقا ياردەم قىلغان.

3. ياپونىيە كاماكۇرا بېكىتىگە بىر قارلىغاچ ئۇۋىسى پەيدا بولدى، قارلىغاچ ئانا ئۇۋا سېلىپ، بالىلىرىنى باقماقچى بولغان بولۇپ، قۇش گەندىلىرى ئۇۋىنىڭ ئاستىدىكى تەكشۈرۈش كۆزنىكى يولىغا دائىم چۈشۈپ تۇرغان، لېكىن بېكەتتىكى خادىملار قارلىغاچ ئۇۋىسىنى ئېلىۋەتمەستىن دەرھال بۇ بېلەت تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى پېچەتلىۋەتكەن، ئۈستىگە مۇنداق دەپ يېزىپ قويغان:«قارلىغاچ بالىلىرىنى بېقىۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنى ئاسرايلى.»

4. كىشىلەر ئادەتتە يەيدىغان نەرسىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ياپونلۇقلار دائىم بىكار قالغان ئائىلە سايمانلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى قوشنىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ، ياۋرو-ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ شۇنداق، ئۇلار freecycle (دۇنياۋى ئىئانە تورى) دا ئېھتىياجلىقلارغا نەرسىلىرىنى سوۋغا قىلىدۇ، ئاڭلىشىمچە جۇڭگودىمۇ مۇشۇنداق ئەپتىن بىرى باركەن، ئىسمى يوۇروۋ(有肉) ئىكەن. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كېرەكسىز نەرسىلەر قايتا ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ، ئۆزىمىز خوشاللىق تېپىپلا قالماي دوستلىشالايمىز.

5. ياپونىيەدە قىزلار ھاجەتخانىسىدا مەخسۇس كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بېسىپ قويسا ئاۋاز بىلەن ھاجەتخانىدىكى ئاۋازنى ياپىدىكەن، بىرلا باسسا سۇ چۈشۈرگەندىكى ئاۋازغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدىكەن، شۇڭا قىزلار ھاجەتكە كىرگەندە بۇ كۇنۇپكىنى بېىسپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا قىزلار ھاجەتخانىسىدا ئىزچىل سۇ شارقىرىغان ئاۋازنىڭ بولۇشى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان لايىھەدىن كەلگەن.

6. سۇشى ئۇستىسى ئونو جىرونىڭ سۇشى دۇكىنى توكيو خىزمەت بىناسىنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، مىچىلىن تاماقخانىسىنى ئىككى يىل مەغلۇب قىلغان، يېشى يەتمىشتىن ئاشقان تېمپۇرا (ياپوننىڭ بىر مايدا پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكى) ئۇستىسى چېچچىرا ھەر چارشەنبە كۈنى بۇ سۇشى دۇكىنىغا كېلىدۇ. مەيلى يامغۇر يېغىپ، شامال چىقسۇن، مەيلى ئادەم قانچىلىك توشۇپ كەتسۇن، ئونو ئۇنىڭغا چوقۇم ئورۇن زاكاس قىلىپ قويىدۇ. ئۇ ئىككىسى يا پاراڭلاشمايدۇ يا ئەھۋاللاشمايدۇ. يېيىش بارلىق ئالاقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەر ئىككەيلەن يېمەكلىك ساھەسىدىكى داڭدار كىشىلەر، بىر-بىرىنى شۇنچىلىك ھۆرمەت قىلىشىدۇ.

7. ياپونىيەنىڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ بالنېسىت كارىدورلىرىدا، زاللىرىدا تاملارغا ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى رەسىم ۋە ھۆسنىخەتلەرنىڭ ئېسىلغانلىقىنى، دېرىزە، كىتاب جاھازىلىرىغا ھەر خىل تۈكلۈك ئويۇنچۇقلارنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، سىرلىق ھەم سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان دوختۇرخانا بۇ ئارقىلىق شۇنداق ئىللىق كۆرۈنىدۇ.

8. ياپونىيە ماگىزىنلىرىدا مەخسۇس بالىلار ئۆيى بولۇپ، ئەرلەر كىرىپ، بالىغا سۈت پاراشوكى تەڭشەپ، زاكىسىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، بالا ئېمىتىش ئۆيى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەرلەر كىرمەيدۇ، تامدا جىددىي ئەھۋال مەلۇم قىلىش كۇنۇپكىسى بار.

9. ياپونىيەگە بالىلارنى ئېلىپ بارسا، ئۇلار بەك خۇشال بولىدۇ، چۈنكى ياپونىيەدە مەخسۇس بالىلار ئاپتوماتىك نەرسە سېتىۋېلىش ماشىنىسى بولۇپ، بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن، ئىچىملىك قۇتىلىرىمۇ دۆلىتىمىزنىڭكىدىن كىچىك بولۇپ، بالىلارنىڭ تۇتۇشىغا ئەپلىك لايىھەلەنگەن.

10. ياپونىيە فۇكۇشىما ئارىلى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا يەر تەۋرىگەندە ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ھەممىسى تارقاقلاشتۇرۇلغان، لېكىن ھايۋانلارلا قېلىپ قالغان. ماتسۇمورا نائوتو بۇ تاشلىۋېتىلگەن ھايۋانلارنى باققان. بۇنىڭ ئىچىدە 400 دىن ئوشۇق كالا، نەچچە يۈز ئىت-مۈشۈك، چوشقا، توخۇ، ئىككى تۆگە قۇش ۋە باشقا ھايۋانلار بار ئىدى. گەرچە ئۇ يادرو رادىئاتسىيسىىسنىڭ زىيىنىنى بىلسىمۇ لېكىن بۇ ھايۋانلارنى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىمىغان.

 

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالما بىرىنچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىز بەزى تېخنىكىلاردا ھەرگىز بۇلارغا يېتىشىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن بەكلا كاللىسى ئىشلەيدۇ بۇ ياپون پاكارلېرىنىڭ

  • ئايتېكىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك،لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئېتراپ قىلىشىمىز ھەم ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر…چۈنكى تارىخنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ …

  • huojia532*1 ھەپتە ئىلگىرى

    مېنىڭ زەردەم بەك قاينايدۇ مۇشۇ ياپونلۇقنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام …ئۇلار35مىليۇن جۇڭگولۇقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان………35مىليۇن ئادەم……
    بىراق ھېلىقى بەزى تەخنىكىلار بۇلۇپ قالىدىكەن
    مەسىلەن:بالىلىق ئاياللار ھاجەتخانىسى…

  • 喀什CR71 ھەپتە ئىلگىرى

    بىز بىر ياخىشىي ئىشىنىي قىلىساق باشىقىلانىڭمۇ كۈڭلىي خوش بولدۇ بىزنىڭمۇ كۈڭلىمىز ھەم خوش بولدۇ

  • خويەنجا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياپۇننىڭ ئىلىغار بولغان ساپاسى ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن .

  • ئاتەش ماكان قىزى1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمدىگەن پەيزى ھەممە ئىشتا بالىلارنى مىھرى مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىدىكەن

  • 181******641 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلدىكەن

  • چىنجىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    راسلا بولدىكەن ياپۇنلۇقلانىڭ ما ئىشلىرى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号