باش بەت

zefer

613يوللانما
35مەستانە

سامسۇڭ Note 8نىڭ زاكاز مىقدارى نۇرغۇن دۆلەتلەردە يېڭى رېكورت ياراتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 13:00 22 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ بۇ يىلمۇ يېڭى iPhone ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن Note يۈرۈشلىكىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلغان. گەرچە بۇلتۇر Note 7نىڭ پارتلاش ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن Note 8 يەنىلا ھەرقايسى دۆلەت ئابۇنىتلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، زاكاز مىقدارى ئىلگىرىكى Note يۈرۈشلىكىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورېيەدە Note 8نى زاكاز قىلىش باشلىغاندىن كېيىن، زاكاز مىقدارى 550 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئالدىنقى ئىككى ھەپتىلىك زاكاز مىقدارى 395 مىڭغا يېتىپ، Note 7نىڭ بۇلتۇرقى 380 مىڭلىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

بۇندىن باشقا ئامېرىكا بازىرىدىكى Note 7نىڭ زاكاز مىقدارىمۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان، قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى سېتىلىش باھاسىمۇ (930 دوللار، تەخمىنەن 6086 يۈەن) ئابۇنىتلارنى توسۇپ قالالمايدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئابۇنىتلىرى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىلا زاكاز قىلغان Note 8نى تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. يەنە MobileFunنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، Note 8نىڭ ئەنگلىيەدىكى زاكاز مىقدارىمۇ ئالدىنقى ئەۋلاد Noteدىن %30 ئېشىپ كەتكەن.

دۇنيادىكى 2-چوڭ يانفون بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىندىستان ئابۇنىتلىرى سامسۇڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ھىندىستان بازىرىدىكى زاكاز قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، 250 مىڭ ئابۇنىت سامسۇڭنىڭ يېڭى بايراقدار يانفونىنى سېتىۋالغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 150 مىڭ ئابۇنىت ئامازوندىن زاكاز قىلىدىكەن. لېكىن، ھىندىستان بازىرىدىكى Note 8نىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، 74 مىڭ 900 رۇپىيە (تەخمىنەن 7667 يۈەن) غا يېتىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • samsng s8+1 ئاي ئىلگىرى

    ھە ممە ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشتىدىغانلا بەك كۆپكەن مۇشۇ تۇرقۇم رىسمىنى ئەۋەتكىلى بولدىغان بولسا مەنمۇ ھوشۇق پىچاقتەك ئەۋەتەتىم سامسۇڭ s8+نى رەسمگە تاتىپ ھى ھى ھى

  • 181******642 ئاي ئىلگىرى

    بىلسەڭلار سامسۇڭ ھەقىقەتەن ياخشى

  • خۇشخۇي يىگىت2 ئاي ئىلگىرى

    سامسوڭ note ھەقىقەتەن ياخشى تىلفۇن ئىكەن تۇردا ئاشۇ تىلفۇنىڭلا ئىلانى بەق قىزىقىپ قالدىمغۇ

  • 137******272 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ نوچىلىق تا ھەممىنى بېسىپ چۈشدۇ، ياشاپ كەت سامسۇڭ

  • تۆمۈرقۇلاق پالىۋان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي،،قالتىس تېلفوندە بۇ سامسوڭ ئېسىل ھېي،،پاھ،پاھ.ئىنكاسنىمۇ سامسوڭ تېلفوندا يېزىۋاتىمەن،،ۋاھ،،ۋاھ.،ئېسىل تېلفۇندە بۇ

  • Banana Phone2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان چىقمىسا ھەممىڭلا سىغىنىپ سۈرۈشتۈرپ كىتىدىكەنسىلە، ئىچى پۇشقاندىن بىرەرسى سۈرخان نامىدا ئالا جوقا ئىنكاس يىزىپ قويسا ھەممىڭلا تىللايدىكەنسىلە، بۇ سۈرخان ئاران بى يوقىغان ئەمدى بىر قۇلاق تىنجىي دىگەندە ئۇنىڭ گىپىنى قىكمىساڭلار چۇ

  • دەلتە2 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭnote8نىڭ كۇرىيە نۇسقىسى شىنجىن يانفون بازىرىغا كەپ بولدى ،بۈگۈن ئەمەلىي تىلفۇننى كۆدۇق

  • 132******452 ئاي ئىلگىرى

    s8 نوچىمۇ note8 ما باللا

  • 138******592 ئاي ئىلگىرى

    پو ئاتماڭلار گەپنى كۆپ قىغان بىلەن بەزەنلەر نڭ تېلفۇنى نەچچە يۈز يۈەنلىك تېلېفون

  • قوشماق2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ماۋۇ سۈرخان دىگەن نۇرداش، ئەمدى يازمامسىز ئىنكاس دىگەننى سامسۇڭ ياخشى دەپ بەك ئاز يىزىپسىز قارىسام

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号