باش بەت

ئەخمەتجان

3367يوللانما
46مەستانە

ئىتالىيەنىڭ بۇ يىل يازدىكى ساياھەتچى سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 15:36 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ بۇ يىل يازدىكى دۆلەت ئىچى-سىرتى ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 48 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئېشىپ، يېڭى رېكورت ياراتقان.

ئىتالىيە مېھمانخانا جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل يازدا ئائىلىۋى ياتاق زاكاز قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3 مىليوندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان. دېڭىز بويىدا دەم ئالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان. مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت سورۇنلىرىغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل يازدا ئىتالىيەنىڭ ئۆزىدە ساياھەت قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 34 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشقان. 

2017-يىلى ئىتالىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ «سەھرا ساياھىتى يىلى» دەپ ئاتالغان. بۈگۈنگىچە، يېزىلارغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74 ئاشقان. ئىتالىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل باھار ۋە يازدىكى ساياھەتچى سانىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان پەرىزىگە قارىغاندا، بۇ يىل كۈز ۋە قىش پەسىلىدىمۇ ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئۈمىد باركەن، ئۇلار ئاساسلىقى جۇڭگو، ئامېرىكا، ئىسپانىيەدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە ئۈمىد باغلىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号