باش بەت

ئەكبەرجان توختى

824يوللانما
109مەستانە

موتوسىكلىت بىلەن ئات سوقۇشۇپ كەتسە مەسئۇليەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 19:49 3 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لۇجياڭ ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بىر قېتىملىق ئالاھىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قاتناش ھادىسىدىكى بىر تەرەپ بولسا بىر موتوسىكلىت شوپۇرى، يەنە بىر تەرەپ بولسا بىر ئات. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن موتوسىكلىت شوپۇرى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان، ئاتمۇ يارىلانغان بولۇپ، يېقىندا خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

2015-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتە 50 ياشلىق چېن فامىلىلىك شوپۇرلۇق پىراۋىسمۇ يوق ھالەتتە قەرەللىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈلمىگەن ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتىنى يەنجۈن ئىككىنچى تاشيولدا شەرقتىن غەربكە قاراپ ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ئالدى تەرەپتىن بىر ئات يۈگۈرۈپ كەلگەن، چېن فامىلىلىك ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي ئات بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.

 ۋەقەدىن كېيىن چېن فامىلىلىك ئېغىر دەرىجىدە، ئات يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ، چېن فامىلىلىك لۇجياڭ ناھىيەسى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 17 كۈن كۆزتۈش ۋە دىياگنوز قويۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ مېڭىسى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلىقى ۋە ئۆپكىسى زەخىملىنىپ يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان.

 كېيىن چېن فامىلىلىك ئۆلكىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ 33 كۈن داۋالانغان. دىياگنوز قويۇش نەتىجىسىدە چېن فامىلىلىكنىڭ مېڭە قىسمى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلىقى، ئۆپكىسى زەخىملىنىپ يۇقۇملانغانلىقى، ھەزىم قىلىش يولى قاناش ۋە كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشكەنلىكى مەلۇم بولغان.

بۇ بىر قېتىملىق ئات بىلەن ئادەمنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى ۋەقەسى چېن فامىلىلىككە ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر دەرىجىدە جىسمانىي زىيان ئېلىپ كەلگەن، چېن فامىلىلىك قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن مېڭىسى ئېغىر دەرىجىدىكى يارىلانغانلىقتىن ئەقلىي ئىقتىدارى يېنىك دەرىجىدە كەمتۈك بولۇش، روھىي توسالغۇغا ئۇچراش، كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيىتى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىغان. باھالاش نەتىجىسىدە 7-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ بولغان بولۇپ، كېيىنكى ھاياتىدا باشقىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن لۇجياڭ ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان، شۇ يىلى 12-ئايدا قاتناش ھادىسسنىڭ ئىسپاتى چىقىرىلغان بولۇپ، ئاتنىڭ ئىگىسى گۇ فامىلىلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بىراق ئات بىلەن ماشىنا سوقۇلۇپ كەتسە كىمنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىشتا قاتناش ساقچىسى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. ئاخىردا بۇ قېتىملىق قاتناش ھادسسنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا قاتناش ساقچىسى ئامالسىز قېلىپ ۋە مەسئۇلىيەتنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىشتا بېكتىكلى بولمىغان.

 كېيىن چېن فامىلىلىك ئاتنىڭ ئىگىسى گۇ فامىلىلىكنى سوتقا ئەرز قىلغان ھەمدە دورا ھەققى، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، روھىي زىيان ھەققى قاتارلىقلار ھەقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 680 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

چېن فامىلىلىك: «مەن ئەينى ۋاقىتتا يولدا نورمال يول يۈرۈۋاتقان ئىدىم، تۇيۇقسىز ئات تاشيولغا بۆسۈپ كىردى، گۇ فامللىك ئاتنى ياخشى باشقۇرماي، ئاتنىڭ تاشيولغا چىقىپ ۋەقە سادىر قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھايۋاننىڭ ئىگىسى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن. 

ئاتنىڭ ئىگىسى گۇ فامىلىلىك: «چېن فامىلىلىك پىراۋا ئالماي، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدەپ ئات بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدى تەرەپتىكى يولنى ياخشى كۆزەتمەي، ئاتنى يانداپ بۇ قېتىملىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇڭا چېن فامىلىلىك پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا گۇ فامللىكنىڭ قارىشىچە ئەينى چاغدا ئات يول بويىدا ئوتلاۋاتقان بولۇپ، يولنىڭ ئوتتۇرىدا ئەمەس ئىكەن، شۇڭلاشقا بۇ ئاتنىڭ خاتالىقى ئەمەس، دېگەن. 

لۇجياڭ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىش ئارقىلىق، گۇ فاملىلىك ئاتنىڭ يول بويىدا ئوتلاۋاتقانلىقى ۋە يول ئوتتۇرىدا ئەمەسلىكنى توغرىسىدا يېتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، گۇ فامىلىلىك باققان ئات كىشىلەرنى زەخىملەندۈرگەن، شۇڭا گۇ فامللىكنى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

زىيانلانغۇچى تەرەپ چېن فامىلىلىك پىراۋا ئالماي قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرتمىگەن موتوسىكلىت ھەيدەپ يول يۈرگەنلىكى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى چېن فامىلىلىكنى يېرىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە چېن فامىلىلىك تەلەپ قىلغان پۇلنىڭ يېرىمنى يەنى 376 مىڭ يۈەننى گۇ فامىلىلىك تۆلەيدىغانلقىنى، ئەگەر گۇ فامىلىلىك قايىل بولمىسا نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۇ دېلوغا خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: «بېقىلىۋاتقان ھايۋاننىڭ چوقۇم خەتەر پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىقى بار، بۇ خىل خەتەر ھايۋانالارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھۇجۇم قىلىشتا پەيدا بولىدۇ ياكى زىيانلانغۇچى تەرەپنىڭ ھايۋاننى ھۇجۇم قىلىشقا قىزىقتۇرۇش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى پەيدا بولىدۇ، ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا ھايۋانات باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقنى يېنىكلىتىدۇ».

ئىككىنچى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: «زىيانلانغۇچى تەرەپ قەستەن ھايۋاننى قىزىقتۇرغان بولسا ياكى ئېغىر دەرىجىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا ھايۋان باققۇچى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى يېنىكلىتىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ئامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چېن فامىلىلىك پىراۋا ئالماي قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرتمىگەن موتوسىكلىت ھەيدەپ يول يۈرگەنلىكى ئۈچۈن چېن فامىلىلىكنى يېرىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى %50 دىن بولىدۇ، دەپ قارىغان».

يېقىندا خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككىنچى سوتنى ئېچىپ ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە دەپ ئېلان قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇساپىر.1 ھەپتە ئىلگىرى

    باشتىن ئاخىر كۈلگەچ ، ئۇقۇدۇم ماۋۇ خەۋەرنى

  • ئسرافىل ئەخمەت ، شايار .1 ھەپتە ئىلگىرى

    تۇغرا دەي 6336............

  • رايلۇز1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇقۇلۇپ كەتسە دىمەمدۇ. ھەر قىتىم سۇقۇشۇپ دەپلا يازىدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号